مۇنبەرداشلارغا چاقچاق (2)
بىرىنچى قېتىملىق چاقچاقتا ئىسمى چىقماي شۇ تېمىغا ئىنكاس يازغان بارلىق ئەزالارغا چاقچاق
تەڭرىتاغدا چاقنايدۇ ياپيېشىل مۇنبەر،
شۇ مۇنبەرگە تەڭ كەلمەس ئالتۇن ۋە زۇھەل.
مۇنبەرداشنى دوست بىلىپ چاقچاق باشلىدىم،
مەرۋەرىگە كەينىدىن ياغلىق تاشلىدىم.
ياغلىقنى مەن تاشلىسام ئىلقۇت سەكرەيدۇ،
مېھرىم كۆرۈپ بۇ ئەھۋالنى ماڭا قىيدايدۇ.
مەنمۇ پەقەت ئويۇن ئۈچۈن ياغلىق تاشلىغان،
ساداق دوستۇم شۇ پەيتتە نەغمە باشلىغان.
قومۇل قوغۇن شۇ بانىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن،
دىلسىرىنى تارتىشنى ھەم كۆڭلىگە پۈككەن.
لېكىن قۇياش تېزلىك بىلەن مەيدانغا چۈشۈپ،
دىلسىرى ھەم كۆمۈش قىزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ.
بارماق بولدى ھەممىسىنىڭ بىردىن ئالدىغا،
مەنمۇ شۇئان قاراپ تۇردۇم ئۆتۈپ دالدىغا.
ھەممە كۆزى قوغۇن بىلەن قۇياشتا قالدى،
خارسەن چېلىپ شۇ راۋابنى قوللىرى تالدى.
شۇ پەيتتە ھەممە نەزەر ئاغدى سەھنىگە،
نەشپۈت سالام بەردىغۇ مۇنبەر ئەھلىگە.
سېرتلان بىلەن خىلۋەتمۇ تەڭ لەپەرگە چۈشۈپ،
قارىغايجانمۇ لەيلى قىزنى كۆڭلىگە پۈكۈپ.
شۇندا مەشرەپ قايناپ كەتتى مۇنبەردە دوستلار،
ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار چاقچاقتا يوقلار.
يەنە يازاي دېسەم جاللات قېلىچ تەڭلىدى،
مۆجىزىنى كۈتۈپ كۈتۈپ ئارمان قالمىدى.
بۇ مەشرەپتىن جىمى جانلار، تەنلەر يايرىدى،
نائىلە قىز بۇلبۇللاردەك خۇشال سايرىدى.
سەرسان روھتەك يالغۇز يۈرمەي مەشرەپكە كېلىڭ،
ھاجەتمەنلەر دەرگاھىدۇر مۇنبەرگە كىرىڭ.
بۇ مەشرەپتىن كۇرتلارمۇ ھەم مەمنۇن بولۇشتى،
مەرىپەت ۋە كۆرەشچانلار خۇشال كۈلۈشتى.
تەڭرىتاغدا ، مۇنبىرىمىزدە مەشرەپ بولۇشتى،
قىزىل گۈلنىڭ پۇراقلىرى ھاريان چېچىشتى.
تەڭرىتاغنىڭ قىزى بۈگۈن شۇندا ھاياجان،
مۇنبەرداشلار ۋە دوستلار بولغىن سەن ئامان.
2012-يىل 1-ئاۋغۇست، شەھىرى ئۈرۈمچى.