تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 24174|ئىنكاس: 21

خوتۇن ئەرزان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
34
تۆھپە
12
UID
22305
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 14:20:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






مەمىتمىن غوپۇر ( يادىكار)






بازارغا كىرسەڭ ئويلان، ئوتۇن ئەرزان ،

كىرقاتنى يۇيىدىغان سوپۇن ئەرزان.

كەتسىمۇ بار بېساتىڭ ياخشى بولسا ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






تۇرىدۇ ھەر كۈنلىكى تاڭ سەھەردە ،

ئالىدۇ ھەم قولىغا ئۇ سۈپۈرگە .

راسلايدۇ ماڭغىچە چاي سەن سەپەرگە،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






قىلىدۇ خىزمىتىنى شۇ ئاناڭنىڭ ،

ئىزلەيدۇ ھەم كۆڭلىنىشۇ ئاتاڭنىڭ .

يۈرىدۇ ئايىغىدا گاھ كالاڭنىڭ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






سۇ تۇتار ئېتىزلىققا چىقىپ گاھى ،

كىرىدۇ جاڭگالدا مال بېقىپ گاھى .

ھارمايدۇ تونۇرغا نان يېقىپ گاھى ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ئاڭلايدۇ گاھى تەنە- دوقلارنىمۇ ،

بار قىلار گاھى ھەتتا يوقلارنىمۇ .

قىلمايدۇ پىسەنت، تۆھمەت ،‹‹ ئوق››لارغىمۇ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






كۆتۈرەر گاھى تاغدەك ئېغىرىڭنى ،

كۆرسەتمەس ھېچكىشىگە يېغىرىڭنى .

تۈزلەيدۇ تۇيدۇرماسىتىن قىڭغىرىڭنى ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ئىشلەيدۇ كەچكىچە تېنىم تاپماي ،

بەزلەيدۇ بالاڭ قەغىش قىلسا ياتماي .

ئاتقۇزار بەزى تاڭنى كىرپىك قاقماي ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ياق دېمەس باشقۇرسىمۇ بەزى ئىنىڭ ،

يېشىدۇ چىگىلىپ قالسا دىلىڭ .

بولىدۇ كەلسە باشقا دەرت يېقىنىڭ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






تىلەيدۇ تەڭرىدىن ساقلىقىڭىنى ،

باھاردەك شۇنچە ئىللىق پاكلىقىڭنى .

كىر – چاڭدىن مەڭگۈ يىراق ئاقلىقىڭنى ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ئۆي ئىشى تۈگىمەيدۇ ئۇ تۈگېشەر ،

بالاڭغا ئەدەب ئەخلاق ئۇ ئۆگېتەر .

ھالىڭغا كىم ئۇنىڭدەك سېنىڭ يېتەر ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ھارمايدۇ يۇيۇپ قولى كىرلىرىڭنى ،

ئېيتمايدۇ ھېچكىشىگە سىرلىرىڭنى .

ھىدلايدۇ قەلبىدىكى ئىزلىرىڭنى،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






بەزىدە چىقار ئىشقا سەن بىلەن تەڭ ،

قىلىشماي سېنىڭدىن ئۇ تۈرىدۇ يەڭ .

رەنجتىسەڭ كەچۈرىدۇ ،كۆڭلى زەپ كەڭ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






بوپقالساڭ ئېغىر كېسەل بىر كۈنلەردە ،

ھەمراھ بوپ چىقار كۈندۈز ئۇ تۈنلەردە .

سۇ قۇيار قەلبىڭدىكى شۇ گۈللەرگە ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ھايا ۋە ئەخلاق ئۇنىڭ قىممىتىدۇر ،

كىيىملەر ئادەتكە خاس زىننىتىدۇر .

پەزىلەت ،سۆيگۈ – ۋاپا ئىززىتىدۇر ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






زارلىماس بىر دەم ئارام ئالمىسىمۇ ،

كاللىسى توختىماسىتىن چارچىسىمۇ .

ئۇششاق ئىش ئەلەم بولۇپ يالمىسىمۇ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






دەرت كەلسە باشلىرىڭغا سىيلايدۇ ئۇ ،

تۇرمۇشنىڭ سىنىقىغا چىدايدۇ ئۇ .

ئۆيىنى دەپ تىنماي جاننى قىينايدۇ ئۇ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






پۇت سۇنار قاراپ ھامان يوتقانغا ئۇ ،

قىلمايدۇ كۆرسە ھەسەت ئۇچقانغا ئۇ .

شۈكىرى دەر سەن بىلەن ئۆي تۇتقانغا ئۇ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






توسىدۇ ماڭغىنىڭدا يامان يولغا ،

كۆرسىتەر ساڭا ئەقىل ، ئۇسۇل توغرا .

كۈتىدۇ يۈگىرىشىڭىنى ئاھ ئۇزۇنغا ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ئويلايدۇ سېنىڭ بىلەن ياشاپ بىرگە،

ئۆتمەكنى ۋىسال قۇچۇپ ئۇ مەڭگۈگە.

ئاسىيلىق قىلماس قۇتلۇق شۇ سۆيگۈگە،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






ئاڭلايدۇ سۆزلىرىڭنى سېلىپ قۇلاق ،

كۆرۈنەر كۆزلىرىڭگە شۇندا ئوماق .

ئارزۇسى ئۇنىڭ ياخشى خوتۇن بولماق ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






شۈكرى دەر كۈندە زاغرا يەپ ئۆتسە ئۇ ،

ئاتا ۋە  ئاناڭ بىلەن ئەپ ئۆتسە ئۇ .

سارغىيار رەڭگى لېكىن دەرتنى يۈتسە ئۇ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…







دەز كېتىپ بىر كۈن چىنەڭ ، چېقىلساڭ ئۇ ،

شېخېڭدىن يەرگە ئۈنسىز قېقىلساڭ ئۇ .

ئاھ ئۇرار، يېتىپ ئەجەل يىقىلساڭ ئۇ ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…






خۇلاسە : پۇلۇڭنى دەپ يۈرۈشكەنلەر،

كېتىدۇ سېنى تاشلاپ سۆيۈشكەنلەر .

ناداندۇر سۆزلىرىمگە كۈلۈشكەنلەر ،

دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن ئەرزان…





7-2012

ئاپتۇر : قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە تازغۇن يېزا رادىيو - تېلېۋىزىيە پونكىتىدا

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1yadikar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 15:17  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1271
تۆھپە
479
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 15:16:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ھەر ئىشنى يولىغا سالمىسا تېخى ،
           ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالمىسا تېخى ،
           گۈل چايغا ، پۇل چايغا بارمىسا تېخى ،
           دۇنيادا ھەممىدىن خوتۇن بولماق تەس !
           


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1390
تۆھپە
655
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 15:59:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 3Rank: 3

تىللا
125
تۆھپە
83
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 16:13:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇتۇننى ئالامەت  چۈشىنىدىكەنسىز جۇمۇ  (چاقچاق).شئېرڭىزغا قول قويدۇم ياشاپ كىتىڭ.


Rank: 2

تىللا
123
تۆھپە
24
UID
5457
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 16:16:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسز


Rank: 3Rank: 3

تىللا
125
تۆھپە
83
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 16:17:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشىنچىلىك شېئېرلار بىلەن بولسىمۇ  جاپاكەش ئائىلىسىگە سادىق ئانىلارنى ماختاپ قويغىنىڭىزغا كوپتىن كوپ رەخمەت.ئەزىز تىنىڭىز سالامەت بولسۇن.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1199
تۆھپە
659
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:10:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ھەممىدىن خۇتۇن ئەرزان


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5920
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:58:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SARBAX يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 15:59

سارباش ئەپەندى ھەي سارباش ئەپەندى، گەپ قىلاي دېسەم يېشىڭىز مەندىن چوڭ، مەن مۇشۇنداق قۇرۇق چاۋاك يوللىماڭ دەپ نەچچە قېتىم ئەسكەرتىمەن سىزگە؟؟ ھېلىمۇ كۆپ گەپ قىلدىم باشقىلار گەپ يىدى لېكىن سىز زادى گەپ يىمەيۋاتىسىز، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش، يەنە مۇشۇنداق ئىنكاس يوللىسىڭىز مېنى يۈز خاتىرە قىلمىدى دەپ قالماڭ...


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 2

تىللا
90
تۆھپە
58
UID
20801
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال كىشى ئەڭ جاپاكەش،شۇڭا ئايالىڭلارنى ئەزىزلەڭلار ھەم قەدىرلەڭلار.ھەممە ئەرلەر سىز شىئېردا يازغاندەك ئويلىيالىسا ئىدى .ھەي ...............................................................................نىمىدىگەن ياخشى بولاتتڭ ھە...


Rank: 4

ئىسىمى
زاھىرجان
تىللا
410
تۆھپە
153
UID
20416
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:18:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جاھاندا ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس» دىگەن شېئرغا تەقلىد قىلغانمۇ؟

مىنڭچە«خوتۇن ئەرزان» دىگەن تېمىنىڭ ئورنىغا «خوتۇن ئىللىق» ياكى «خوتۇن مىھرىبان» ياكى «خوتۇن جاپاكەش» دىگەنگەئوخشاش تېمىلارنى ئويلاشقان بولسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بۇلاتتى!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:05, Processed in 0.086458 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991