كۆرۈش: 28934|ئىنكاس: 35

تىرىك تارىخ قىسسىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:22:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىرىك تارىخ قىسسىسى

قاسىم سىدىق

چىققان ئەمەس بىكارغا "تىرىك تارىخ"دېگەن سۆز،
ئاپئاق ساقال بوۋايلار بۇ تارىخنىڭ دەل ئۆزى.
سۆڭىكى بار-گۆشى بار، قايناپ تۇرغان قېنى بار،
بەربات بولار ئۆسەكلەر قادالغاندا جۈپ كۆزى.

بەدىنىدە ئىزى بار ئۆزى قىلغان جەڭلەرنىڭ،
يۈرىكىنىڭ قېتىدا ئۆزى سۆيگەن دىلبەرلەر.
سۆزلەپ تۇرار بۇ تارىخ كوچا-كويدا، ھويلىدا،
ھاجەت ئەمەس ئۇنىڭغا سەلتەنەتلىك مۇنبەرلەر.

مۇھەررىرلەر بويالماس بەتلىرىنى ئۇلارنىڭ،
چۈنكى ئۇلار شىرەدە سۈكۈت قىلىپ ياتمايدۇ.
تۈگىتەلمەس تارىخچى خەتلىرىنى ئۇلارنىڭ،
چۈنكى ئۇلار قەغەز ھەم كىتابلارغا پاتمايدۇ.

قايسى تارىخ كىتابى ھازىر جاۋاب ئۇلاردەك،
ئۇلار ھېكىمەت خەزىنىسى، قامۇسلارنىڭ قامۇسى.
ئۇلاردا بار ھاياجان، شادلىق- قايغۇ، ھېسسىيات،
بەرق ئۇرار چېھرىدە شان- شەرەپ، ئار-نومۇسى.

خاتىمىسى يوق ئەسلا بۇ تارىخنىڭ ئەزەلدىن،
باش-ئاخىرى كۆرۈنمەس شەپەقلەرگە سىڭىشكەن.
تىراژىنىڭ سانى يوق، مەتبۇئەگە يوق ھاجەت،
ئۆلگەنلەرگە تىرىكلەر جارچى بولۇپ كېلىشكەن...

تىرىك تارىخ شىۋىرلاپ قىلسا لەزىز تەلقىنلەر،
جاھان چۆكەر سۈكۈتكە، بۆرە –توڭگۇز شۈك بولار.
بىر ئېغىز ھەق مات قىلار دەستە-دەستە ساختىنى،
دىتلىيالماي ۋەزنىنى كىتاپبازلار دوك بولار.

چىققان ئەمەس بىكارغا "تىرىك تارىخ" دېگەن سۆز،
بوۋىلىرىم ھەيۋەتلىك تارىخىمنىڭ تىرىكى.
ئۆلتۈرەلمەس ئۇلارنى ئىچى قوتۇر ئەجەللەر،
نەۋرىلەرنىڭ كۆكسىگە كۆچۈپ يۈرگەچ يۈرىكى!

2007-يىلى10-ئاۋغۇست.


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1309
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:26:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسز


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
6103
تۆھپە
2792
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 12:32:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
polat يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 12:26
ياخشى يېزىپسز

پولات ئەپەندى ئۆزىڭىزنىڭ دەرىجىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈنلا ئىنكاس يېزىۋاتامسىز قانداق؟؟؟


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:00:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بوران ئىچىدىكى پەرۋاز



قاسىم سىدىق


زارلىمايمەن ،تالمايمەن ئەسلا،

بورانلارغا قارشى قاقسام پەر.

راۋان يوللار لەزەتسىز ماڭا،

ئۆگەنگىنىم خەتەرلىك سەپەر.

خەتەرلەردەروھىم بەھۇزۇر،

مەن مۇشۇنداق ئاجايىپ بىر ئەر!.


زەڭگەرساما، تىنىچ سەپەرلەر،

مىنىڭ ئۈچۇن ھاقارەت -خورلۇق.

ھەتتا،ئوغۇل تۇققان ئانامنىڭ ،

تۇز-ھەققىگە قىلغان ئوغورلۇق.

زۇلمەتتە نۇر ئىزدېگەن ئۆمرۆم،

نۇرنى قۇچقان دەملەردىن نۇرلۇق!...


مەڭدىمەيمەن،قوروقمايمەن ئەسلا،

بورانلارنىڭ تەھلىكىسىدىن.

تەپەككۇرنىڭ جاڭگاللىرىدىن،

"مەنتىق"لەرنىڭ ئۆتكۈربسىدىن،

تامايىم يوق خانىقالارنىڭ ،

نىسىۋىسىدىن،

دىمىدىسىدىن......


روھىم ئۇلۇق، جىسمىم تاغ سۈپەت،

راھەتكەگال، مېھنەتكە دادىل.

ماڭاخاستۇر قەھىرلىك دېڭىز،

ئەۋلاتقاخاس نۇرانە ساھىل.

ئەۋزەيلىمەبىچارە بوران،

بىلىسەنغۇمەن سەندىن جاھىل؟!...


1988-27-مارىت.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 17:01  



Rank: 4

تىللا
280
تۆھپە
156
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 18:42:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-شئېر ڭىزنى  قانداق ساقلاشنى بىلەلمىدىم دېسە،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:11:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق!
قاسىم سىددىق
ئەزەلدىنلا گۇناھ سانالدى،
ئادەملەرنى قىيناپ ئۆلتۈرۈش.
ئېسىپ ئۇرۇش،كۆزىنى ئويۇش،
دىمىقتۇرۇپ سۇغا چۆكتۈرۈش.

لېكىن قىزلار ئۈچۈن ئويۇنكەن،
يىگىتلەرنى ئوتتا كۆيدۈرۈش.
بۇ گۇناھقا كەلمىدى جازا،
قازى كالان يېگەنمۇ پارا؟

پىچاق سالماي،يېقىنمۇ كەلمەي،
قىلىۋەتتى قەلبىمنى يارا.
تا ئەزەلدىن قايسى ئەۋلىيا،
قىلالىغان بۇنى ئىختىرا؟


گاھى ئاستا كۈلۈپ قويىدۇ،
تەلپۈنۈدۇ كۆڭۈل بۆلەكتىن.
گاھى مۆكۈپ ئالار نەگىدۇر،
يوقالغاندەك قەمەر پەلەكتىن.


ئۈمتۈلدۈردى،ئالداپ ئوينىدى،
دەردى ئۆتۈپ كەتتى يۈرەكتىن.
كېچىلەردە بولدى چىرىقىم،
ئامرىقىمغا قايتا يېلىندىم.


ئوت ئويناشقا ئامراق قىز ئىكەن،
مەن ئۇنىڭغا ئوتۇن بىلىندىم.
ئوتۇن بولسام قىينالماس ئىدىم،
قىز قولىدا قەتلى قىلىندىم.


مانا روھىم تىرىلدى قايتا،
بولدى ئەمدى ھوزۇرۇم تۇپراق.
توۋا،توۋا،قەبرەمگە يەنە،
ئاشۇ قاتىل بوپقالدى چىراغ.
بولدى ئۇنى جازالىماڭلار،
مەن مۇشۇنداق قاتىلغا ئامراق!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 19:12  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:39:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇردىكى شىېئرنىڭ ھەر كوبلىتى ئالتە مىسرادىن ئىدى،مۇمكىن بولسا تەھرىرلەپ قۇيساڭلار.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
216
UID
16662
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 19:56:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەشقەر لىرىكىسى




قاسىم سىدىق


ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر كەبىسى،

خىزىردەك مويسىپىت بۈزرۈكۋار شەھەر.

ئۈمىت يەلكەنلىرىم يەتكۈزدى ساڭا،

گۈزەل ساھىلىڭغا تاشلىدىم لەڭگەر.

ئانامنىڭ كۆكسىدىن ئۇرغۇغان ئوغۇز،

گۈپۈلدەپ پۇرىدى دەسلەپكى دەمدە.

تويۇندۇم سېنىڭ پاك ئوغۇزلىرىڭغا،

پەرھاتتەك كۈچ-قۇۋۋەت سەزدىم ئۆزۈمدە.

ھايال قالماستىن ئارىلىشىپ كەتتىم،

ۋىسال ئىزدەۋاتقان ئوغلانلىرىڭغا.

تاڭلىرى باغاشلاپ قۇياشلىرىڭنى،

تۈنلىرى يېپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا.

تۈنلىرى يىپىشتىم گۈلخانلىرىڭغا،

ئىشقىڭغا سادىق يىگىتلەر بىلەن.

ياقتۇرۇپ قالدىم «مەردۇت»لىرىڭنى،

كېلىشەلمىدىم «زاھىت»لار بىلەن.


ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر كەبىسى،

ياق

سەن كەبە ئەمەس

سەن بىر مۇئەررىخ.

سەنلا بار كۆمۈلمەس ئەجدادى ئۇيغۇر،

سەنلا بار كۆمۈلمەس بۇ چۈچۈك تارىخ.

تاشبوران قىلسىمۇ بەدنىيەت قىسمەت،

قوياشتەك نۇرلۇقسەن، تاغدەك ساكىنسەن.

سەن كۆپنى كۆردۆڭ،

چېنىقتىڭ

پىشتىڭ،

قىلىچ ئالدىدىمۇ جەسۈر،تەمكىن سەن.

نەزىرىڭگە قاراپ چىدالماس تۆھمەت،

سەن ئۈچۈن قەدىرلىك جاندىمۇ نۇمۇس.

بولغىچە نۇمۇسسىز ئاسراندى بالا،

بولۇشنى خالايسەن نومۇسلۇق مەھبۇس.

ئاز بەدەل بەرمىدىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن،

لېكىن قوغداپ قالدىڭ ھاي-ھاي تېرەكنى.

سېنىڭ قىسمەتلىرىڭ

سېنىڭ ئاھلىرىڭ،

ئەجەپ ئۆرتەيدىغۇ شائىر يۈرەكنى.


ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر قامۇسى،

سەندە بار ئىپتىخار،سەندە بار خورلۇق.

سەندە بار مۇھەببەت،سەندە بار نەپرەت،

سەندە بار ئاددىلىق ھەمدە ئۇلۇغلۇق.

سەندە بار غاپىللىق ھەمدە مەھكۇملۇق،

لېكىن روھىڭدا يوق ھەرگىزمۇ قۇللۇق!.

سۈكۈت قىلىشنىمۇ بىلىسەن بىر پەس،

قانداق قىلاركىن قېنى دەپ زورلۇق.

لېكىن تولغىنىدا سۈكۈتنىڭ چېكى،

تۇتىسەن دۈشمەنگە ئۆلۈمدىن يوللۇق.

پاك قەلب،

تەبەسسۇم،

سېخىيلىك-مەرتلىك،

سەن ئۈچۈن مۇقەددەس ئەنئەنە- مىراس.

ئۆزى ئاچ قالسىمۇ مىھماننى كۈتۈش،

ئەزەل-ئەزەلدىن ئۇيغۇرغىلا خاس.

بۇزەكلىك دەپ بىلسە كىمكى بۇ ئىشنى،

«بوزەكلەر»دىن مۇشىت يېمىگىمۇ راسىت!


ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر قامۇسى،

ۋۇجۇدۇڭ يارالغان ھالال نان بىلەن.

ھەرگىزمۇ قۇرمايسەن بەزمە-سەلتەنەت،

قولۇڭغا تىغ ئېلىپ تۆككەن قان بىلەن.

باتۇرلۇق دېمەيسەن قاراقچىلىقنى،

چاقمايسەن بىراۋنىڭ دەرۋازىسىنى.

تىرىكىنى ئېشەك قىپ ھارۋىغا قېتىپ،

سازايى قىلمايسەن جىنازىسىنى.

نۇمۇسسىز ئەمەسسەن ئەي ئۇلۇغ قامۇس،

بىلىسەن شەلپەردەك قىزىرىشنى سەن.

ئۆلۈمدىن ئېغىرراق كۆرىسەن مەڭگۈ،

بىراۋغا چاپلىشىپ بېزىرىشنى سەن.

سۆيىسەن تىنىچلىقنى،ئاسايىشلىقنى،

ھەرگىز خالىمايسەن جەڭنى-نىزانى.

بالىغا تىغ بېرىپ ئاتىغا سىلىپ،

چىللاپلا يۈرمەيسەن بالا- قازانى.

ئەزىزانە قەشقەر

ئۇيغۇر قامۇسى،

مىڭ قوياش نۇرى بار ۋاراقلىرىڭدا.

ئىنساننىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خۇلقى مۇجەسسەم،

ئېغىشماي كۆتۈرگەن بايراقلىرىڭدا.


ئەي ئۇلۇغ ئاستانە

ساماۋى شەھەر،

بۈگۈنكى چىھرىڭدە شاتلىق جۇلاسى.

لېكىن قوينۇڭدا ئالار –ئالماي دەم،

بولۇپ قالدىم مەن سەپەر شەيداسى.

بۈگۈنۈڭ ھەققىدە يازدى كۆپ نەزمە،

شائىر ئاتالغانلار

شېرىن سۇخەنلەر.

«ھالۋىنى كۆپ يېسەڭ ئەمەن تېتىيدۇ»،

يازمايمەن بۇ باپتا شۇڭا غەزەللەر.


كەتتىم مەن خىيالى سەپەرلىرىمگە،

كېلەچىكىڭنى سوراقلاپ-ئىزدەپ.

ساماۋى شەھەردىن قاناتلار ئېلىپ ،

ئۇچتۇممەن ساماۋى مەنزىلنى كۆزلەپ.


ئاھ،يەتتىم كۆزلىگەن مەنزىلگە تەستە،

تامام تەل بولۇپتۇ بۇ جايغا ئەجدات.

جەننەتتەك بىر باغدا سۆھبەت قۇرۇپتۇ،

يىراق زامانلارنى ئاستا قىلىپ ياد.

كۆك بۆرە تۇرۇپتۇ قارانچۇق بولۇپ،

بۇ ئەنجۆمەنگە ،بۇ جەمئى نۇرغا.

بوۋام ئوغۇز ئولتۇرۇپتۇ ساقىلىن سىلاپ،

(يولۇقتۇم گوياكى بۇندا خىزىرغا).

مەھمۇت ئولتۇرۇپتۇ گىگانىت تاغدەك،

تۇرك بالىلىرىنى يېنىغا يىغىپ.

ئەنە يۈسۈپ،گومنام،

ئەنە نەۋايى،

تۇرۇپتۇ چېھرىدىن تەبەسسۇم يېغىپ.

كۆك بۆرىنىڭ كۈللى ئىپى-ئەۋلادى،

بولۇپتۇ مۇبارەك ئەنجۆمەنگە جەم.

تۈمەنمىڭ خىجىللىق ئىلكىدە ھەي...

ھەي....

شاھانە سورۇنغا تاشلىدىم قەدەم.



ئوغۇز ئوغلانلىرىنى ئالسا يەلكىگە،

مەھمۇد«دىۋانى»نى سۇندى مەركىگە.

نۇزوك قېنى بىلەن بۇياپ شەپەقنى،

سادىر ھۆرلۈك ئىزدەپ چۈشتى بەيگىگە.

ھەممەيلەن بېزىدى ئۆشبۇ سورۇننى،

ۋۇجۇدىدىكى دۇرلىرى بىلەن.

كۆزلىرىم قامىشىپ كەتتى شۇ ئەسنا،

ساماۋى مەنزىلنىڭ نۇرلىرى بىلەن.


ئەپسۇس،تۇرۇپ قالدىم خىجىلچىلىقتا،

ئىلكىمدە بولسىچۇ مىسقال زەر مېنىڭ.

سورىدىم ئۆزەمنى كاچاتلاپ ھەتتا،

ئېيتىڭلار،ئېيتىڭلار،نەرىم ئەر مېنىڭ؟!.


باغرىغا باسسىمۇ قېرىنداشلىرىم،

تاپمىدىم خىجىللىق پەيلى تەسەللى.

ئەي ئولۇغ جامائەت ئادەم بولغىچە،

ئايىغىڭدا خاك بولساممۇ مەيلى....

  1986-يىلى 6-ئاي قەشقەردە يېزىلغان.

«ئىلى دەرياسى»ژورنىلى2012-يىلى 4-سانىدىن.


بۇشېئىر 1986-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئېنىستىتوتىدىن قەشقەرگە پىراكتىكىغا بارغاندا يېزىلغان  ۋە شۇ يىلى«قەشقەر ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 20:14  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1309
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 09:42:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئەپەندىم بۇ شىئېر ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئېر ئەكەن .بۇنىڭغا تەپسىلى باھا يېزىشقا پەقەت ۋاقىت يار بەرمىدى.باھا بەرمەي دىسەم كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.سۇڭا ئالدىراشچىلىقتا ياخشى يېزىپسىز دەپلا يېزىپ قويدۇم ئەسلىدە سىزدىگەندەك بۇ مۇنبەر بولغاندىكىن ھەر خىل پىكىردە ئورتاقلىشش زۈرۈردۈر ،بىزدەك ئاساسى قاتلامدىكىلەر بەك ئالدىراش بۇلۇدىكەنمىز .بەزىدە ياخىشى تىمىلارنى كېچىكىپ كۆرۈپ ئىنكاس يازىدىغان ئىشلارمۇ بۇلىدىكەن.كەچۈرۈڭ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1309
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 09:45:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئەپەندىم بىزنى قوللىغىنىڭىزغا رەخمەت.سىزمۇ نىدائىدەك مەھەللىمىزنى يوقلاپ كەتكەن بولسىڭىز ئالدىراشچىلىقلارنى يەنىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەتتىڭىز.كۆپ  سۆزلەپ قويدۇم كەچۈرۈڭ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 01:48, Processed in 0.082769 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991