كۆرۈش: 1178848|ئىنكاس: 86

مۇنبەرداشلار سەمىگە: ئىملاغا دىققەت قىلايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1567
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 12:47:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھۆرمەتلىك تورداشلار، تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىمىز ئېچىلغان قىسقىغىنە ۋاقىتتىن بۇيان، كەڭ تورداشلىرىمىز تۈرلۈك تېمىدىكى نادىر تېمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرى بىلەن مۇنبىرىمىزنىڭ مەزمۇنلىرىنى بېيىتىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەنمىز. تور، مەتبۇئاتلاردا ئىملا ۋە گىرامماتىكىغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىدۇ. بۇ ھەممىگە مەلۇملۇق.  ئەگەر يوللانغان ماقالە–ئەسەرلەردە، ئىنكاسلاردا ئىملا ۋە گىرامماتىكىلىق خاتالىقلىرى سادىر بولغىنىدا، شۇ ئەسەرنىڭ سۈپىتى ۋە مەزمۇنىغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى، مۇنبىرىمىزنىڭ ئابروي–ئىناۋىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ.  مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق تورداشلارغا شۇنى ئەسكەرتمەكچىمەنكى، ھەممەيلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىملا ۋە گىرامماتىكىغا دىققەت قىلساڭلار. بەزى ئەسەرلەردە ئىملا خاتالىقلىرى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولغاچقا، بىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىمىزنى ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. يوللانغان تېما ۋە ئىنكاسلارنى تېز ھەم ۋاقتىدا تەستىقلاپ چىقىرىشىمىزغا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ.
   بەزى تورداشلار ‹‹ئې، ئى›› تاۋۇشلىرىنى  دائىم ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان، ‹‹ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ›› قاتارلىق تۆت سوزۇق تاۋۇشتىن پەقەت بىرىنىلا ئىشلىتىدىغان، يەنى مەسىلەن، ‹‹ئو›› تاۋۇشىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇنغا ‹‹ئۇ، ئۈ، ئۆ›› تاۋۇشلىرىنىڭ خالىغان بىرىنى ئىشلىتىۋېرىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك سادىر بولۇۋاتىدۇ. يەنە بەزى ماقالىلەردە بىر–بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغان تاۋۇشلارنى ئىشلىتىدىغان، مەسىلەن، ‹‹س›› تاۋۇشىنىڭ ئورنىغا ‹‹م›› ياكى ‹‹غ›› تاۋۇشلىرىنى ئىشلىتىپ سالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچراۋاتىدۇ. بۇ ھال بىزنىڭ كىشى ئىسىملىرى، يەر–جاي ناملىرى قاتارلىقلارنىڭ توغرىلىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئىملاغا، گىرامماتىكىغا دىققەت قىلماسلىق ئانا تىلغا ھۆرمەت قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئىززەت–ئابرويىنى قوغدىمىغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

   تورداشلار، ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىقىمىز بىلەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىدىن ئىبارەت بۇ كەڭ سەينادا ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى كۆرەك قىلايلى. ئىملا خاتالىقىغا ھەرگىز سەل قارىمايلى.
   ناۋادا يوللانغان ماقالە–ئەسەرلەردە ئىملا ۋە گىرامماتىكىلىق خاتالىقلار بىر قەدەر كۆپ بولسا، بىز بىراقلا تەستىقلىمايمىز ياكى نەچچە ئون كۈنلەردىن كېيىن ۋاقتىمىز چىققاندا توغرىلاپ تەستىقلايمىز.   

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
2161
تۆھپە
562
UID
22

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:09:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا چوقۇم دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر. ۋاقتىدا ئەسكەرتىلگىنى ياخشى بوپتۇ.
ئىملاسىدا مەسىلە كۆپ ئەسەرلەرنى يوللىغۇچىنىڭ تۈزىتىشىگە ئەسكەرتىپ، تۈزىتىلگەندىن كېيىن تەستىقلاشقا بولامدۇ-يوق، ئويلىشىپ باققايسىلەر.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:23:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوقۇم دىققەت قىلىمەن، بەزىدە بىخۇدلىقتىن يوللىنىپ كەتكەندە ئۆزۈم تەھرىرلىۋېتىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-12 13:37  

كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
164
تۆھپە
73
UID
333
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 13:47:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىخىنى بەك پۇتۇۋەتسەڭلار يېلتىزىنى قۇرۇتۇپ قويسىلەر ........... ھەممە ئىش ئاستا - ئاستا بولغىنى ياخشىمىكىن .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1567
تۆھپە
790
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 15:25:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھۆرمەتلىك تۇيغۇن ئەپەندىم، شېخىنى پۇتىمايمەن دەپ، ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتسەك خاتا، تايىنى يوق تېمىلار يوللىنىپ كەتسە قانداق بولىدۇ. بۇ مۇنبەرنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتمەمدۇ. سىز نېمىشقا پاسسىپ گەپ قىلىسىز.  قارىغاندا سىز ئانا تىلىڭىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمايدىغان ئوخشىمامسىز؟
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي

Rank: 4

ئىسىمى
مۇساجان
تىللا
317
تۆھپە
191
UID
713
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 18:58:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئوبدان گەپ بۇ. بەك خوش بولدۇق.
ئۇيغۇرنىڭ دەردى قانچىلىكتۇ ؟

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1987
تۆھپە
1149
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 19:07:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك چوڭ ئېملا خاتالىقىغا دىققەت قىلايلى 100% توغرا يىزىش سەل مۇمكىن بولمايدۇ . تىل دىگەن ئالاقە قورالى ، بىرنجى تەرەپنىڭ مەقسىىتىنى ئىككىنجى تەرەپ چۈشەنسلا بولدى ، لىكىن ئامال بار توغرا يىزىشقا ئادەتلىنەيلى.
بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
4
UID
879
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 19:11:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقىلارنىڭ گپ قىلغۇچىدا ئەيىپ يوق ، ئاڭلىغۇچى ئىبىرەت ئالسۇن دەيدىغان گەپ بار ، لىكىن مىنىڭچە ھازىر تېما ئۆزگەردى ، يەنى سۆزلىگۈچى ئوڭشاپ سۆزلىسۇن ، ئاڭلىغۇچى راۋان ئاڭلىسۇن .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2500
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 21:17:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          ياخشى تەكلىپ. ھەممىمىز ئورتاق تىرىشمىساق بولمايدۇ. تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىنى سەرخىل مۇنبەر قىلىش ئۈچۈن كۆپ جەھەتلەردىن ئىزدىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، سەل قاراشقا بولمايدىغان، ھەم ئۇزۇن مۇددەت ئىلىپ بىرىلىدىغان مۇھىم خىزمەتنىڭ بىرسىمۇ دەل ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈش. مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچىلار باش بولۇپ بۇ مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىسە، كۆپچىلىكمۇ يىقىندىن ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ماقالىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزۈتۈپ چىقارسا دەيمەن.
         تەكلىپ: قارىسام مۇنبەردە ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار خىلى كۆپ ئوخشايدۇ. ئىملا توغرىسىدا ماقالە ۋە سىستېمىلىق چۈشەنچىلەر بولسا تەمىنلەپ بەرسەڭلار.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
816
تۆھپە
318
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:01:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-12 19:07
بەك چوڭ ئېملا خاتالىقىغا دىققەت قىلايلى 100% توغرا يىزىش ...

ئورۇنلۇق پىكىر بولۇپتۇ، مەن تولۇق يازىمەن دېگەن ئىددىيىدە تۇرۇپ تېما يوللىساممۇ يەنە ئويلىمىغان يەردىن قىسمەن كىچىك ئىملا خاتالىقى كۆرۈلۈپ قىلىۋاتىدۇ.
شۇنداقتىمۇ توغرا يىزىشقا ئادەتلىنەي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:50, Processed in 0.080082 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991