ئىگىسى: نىدائىي

مۇنبەرداشلار سەمىگە: ئىملاغا دىققەت قىلايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تىللا
816
تۆھپە
318
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:04:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ نۇپۇزىغا گەپ كەتمەيدۇ، بۇ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بىردىن-بىر ئويغۇرچە مۇنبەر ھىساپلىنىدۇ، خەتنى توغرا يىزىشقا ئامال بولمىسىمۇ چوقۇم ئامال قىلىپ توغرا يازايلى!

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
راخمانجان مامۇت
تىللا
189
تۆھپە
62
UID
642
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 22:29:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا دېققەت قىلماسلىق ئاساسلىقى يازمىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىمىزدىن بۇلۇۋاتقان ئىشلار. مىنىڭچە تورداشلا ئۆز يازمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى باشقىلار بىلەن تېزرەك ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە، ئىنچىكە كۈزەتمەيلا يوللىۋەتكەن بولىشى مۈمكىن. تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىدىن قارىغاندا، ھەر بىر ئەزا بۇ ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مۇنبەردە بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىش، ئۆزىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش مەقسىدىدە يازما ۋە ئىنكاسلارنى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردەكلا قۇيۇۋېتىپ بارىدۇ. ئالدىنقى بىر نەچچە كۈندە يازما، ئىنكاسلارنى ئوقۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيلا قالدىم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئېملا ھەققىدە بۇنداق تەكلىپنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى دەل جايىدا بولغان شىپالىق «دورا» دۇر.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئىسىمى
بىلىگئەر
تىللا
2500
تۆھپە
893
UID
264

مېھىرلىك ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 23:37:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى تەكلىپ بولدى. تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم. ئىملاغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئادەتلىنىپ قالغان خاتا ئىملالىق سۆزلىرىمىزنى تۈزىتىش كېرەك.تۆۋەندە يۇقىرىدىكى يازما ۋە ئىنكاسلاردا ئىملاسى خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەرنى بىرمۇ بىر ئىزدەپ قاراپ باقتىم. خاتاسىنى قىزىل رەڭدە، توغرىسىنى قارا رەڭدە ئىپادىلەپ قويدۇم. مەنمۇ بىرنەچچە سۆزنى خاتا قىلىپ قويۇپتىمەن. بۇندىن كېيىن دىققەت قىلىمەن.

مەن نامىنى ئەسكەرتمىدىم. يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تەرتىپ بويىچە تىزىپ قويدۇم. كۆپچىلىك بۇ ئارقىلىق بەزى ئادەتلىنىپ قالغان خاتالىقلارنى بىلىۋالسا دېگەن ئۈمۈتتىمەن.

گىرامماتىكىغا،گىرامماتىكىلىق،بىرىنىلا
گرامماتىكىغا،گرامماتىكىلىق،بىرنىلا

باققايسىلەر
باقارسىلەر

بىخۇدلىقتىن
بىخۇدلۇقتىن

شىخىنى،پۇتۇۋەتسەڭلار،يېلتىزىنى،قويسىلەر
شېخىنى،پۇتىۋەتسەڭلار،يىلتىزىنى،قويىسىلەر

ئېملا،يىزىش،دىگەن،مەقسىىتىنى،چۈشەنسلا،لىكىن،يىزىشقا
ئىملا،يېزىش،دېگەن،مەقسىتىنى،چۈشەنسىلا،لېكىن،يېزىشقا

گپ،ئەيىپ،ئىبىرەت،لىكىن،مىنىڭچە
گەپ،ئەيىب،ئىبرەت،لېكىن مېنىڭچە

بىرىلىدىغان،يىقىندىن،تۈزۈتۈپ
بېرىلىدىغان،يېقىندىن،تۈزىتىپ

ئىددىيىدە،يىزىشقا
ئىدىيىدە،يېزىشقا

نۇپۇزىغا،ئويغۇرچە،ھىساپلىنىدۇ،يىزىشقا
نوپۇزىغا،ئۇيغۇرچە،ھېسابلىنىدۇ،يېزىشقا

دېققەت،مىنىڭچە،مەقسىدىدە،مۈمكىن،ئېملا
   
دىققەت،مېنىڭچە،مەقسىتىدە،مۇمكىن،ئىملا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2222
تۆھپە
1647
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 00:21:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى كۆرسىتىش

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6739
تۆھپە
3406
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 01:36:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىن نۇرغۇن ئۈمىدلەر كۈتۈلمەكتە!
كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
816
تۆھپە
318
UID
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 10:44:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىنىڭ ئاقىۋېتى
مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى بولۇپ ، ئېلان شىركەتلىرىگە ھاۋالە قىلسا ، كۆپ پۇل كېتىشتىن قورقتىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ؟ ئشقىلىپ ئۆز شىركىتىدىكى بىر خىزمەتچىگە ئېلان يېزىپ كوچا - كوچىلارغا چاپلىۋېتىشنى بۇيرۇپتۇ . ئىككى كۈندىن كىيىن ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ . ئەمما بىر ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كېلىپ ئۆي سېتىۋالماپتۇ ، شىركەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ كۆرسە ، يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى بارئىكەن . ئوقۇغان كىشىگە بىر خىل قورقۇتۇش تۇيغۇسى بېرىدىكەن . ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلىي ئورىگىنالنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار !  

  شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانى سىرتقا قارىتا ساتماقچى . بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتېرىياللار چىداملىق بولۇپ سېلىنىشىى پوقتا . كۆرۈنىشى كۆركەم ، ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان . ھەممىدىن قولايلىق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنادا كىچىك ۋە ئوتتوراھال ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار . بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋىي بولۇپ ، سىز قاچاندا ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دېسىڭىز ،شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ .
  پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش بىنانىڭ يەنە بىر ئارتۇق يېرى شۇكى ، ھەر بىر بىنانىڭ ئالدىدا 500كۋادرات مېتىرلىق كىچىك گۈللۈك باغچە بار . باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئورۇندۇق قويۇلغان . ئادەم ئۆلتۈرىدىغان بۇ ئورۇندۇقلار پۈتۈنلەي سىرتقى دۆلەتتىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، ئادەم ئۆلتۈرسە بىر خىل خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ .   
       كەڭ خىرىدارلار ! پۇرسەت غەنىمەت ، سىلەرگە رەھمەت !

         xx  قۇرۇلۇش شىركىتى   

مەنبە : < ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتى > 2006 - يىلى 22- ماي سانىدىن ئېلىندى .

Rank: 3Rank: 3

تىللا
164
تۆھپە
73
UID
333
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 11:51:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىدائىي يوللىغان ۋاقتى  2011-10-12 15:25
ھۆرمەتلىك تۇيغۇن ئەپەندىم، شېخىنى پۇتىمايمەن دەپ، ئ ...

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك نىدائىي ئەپەندىم ياخشۇمۇسىز ؟
پىقىرمۇ خۇددى سىزگە ئوخشاشلا ئانا تىلىمىزنى، ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن ھەم سۆيىمەن !!! سىز بۇ تىمىڭىزدا بىر ئوبدان تەكلىپ بىلەن ئىملا توغرلۇق ياخشى پىكىر بىرىپسىز . بىراق ئاخىردا تەھدىت سالغاندەك گەپ قىلۋىتىپسىز . «تەسىتقلىمايمىز » ،«ۋاقتىمىز چىققاندا تەستىقلايمىز » مانۇ بۇ «تەھدىت»ىڭىز ئەمدىلا كۆمپىيوتۇردا خەت بىسىشنى ئۈگۈنىۋاتقان نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىغا سايە تاشلاپ قويىدۇ ...........
مۇنازىرە دىگەندە قارمۇ - قارشىلىق بولىدۇ نىدائىي ئەپەندىم !! شۇڭلاشقا پاسسىپ گەپ قىلدىكەنسىز ؟ ھۆرمىتىنى قىلمايدىكەنسىز دىگەن سۇئالنى قىلمىغان بولسىڭىزكەن ؟!
شۇ سەمىڭىزدە بولسۇنكى : چېچەكلىرىڭىز خېرىدار تاپقاندا مەغرۇرلىنىپ كەتمەڭ !! سىزنىڭ قەدرىڭىزنى ،ئىناۋىتىڭىزنى ئاشۇردىغىنى ۋاپادار يوپۇرماق !!

Rank: 4

تىللا
405
تۆھپە
71
UID
746
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-13 17:57:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تەكلىپ ئىكەن، مۇخبىر، تەھرىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ تەكلىپنى يېقىندىن قوللايمەن.   

Rank: 1

تىللا
13
تۆھپە
5
UID
862
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 22:11:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىر مۇنبەردە بىر تورداش بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالدىم .(مەن ئادەتتە كىيۇكىيۇ دا بولسۇن ياكى باشقا ئىشلاردا بولسۇن ،مۇشۇ يازغان خېتىمنىڭ ئىملاسىغا بەكراق ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن .) ئۇ ئادەمگە ،دېدىم .سىز تېما، ئىنكاس يازغاندا مۇشۇ ئىملاغا بەكراق دېققەت قىلسىڭىز .ئۈزىمىزنىڭ ئانا -تىل يېزىقىنى قەدىرلەيلى .سىزنىڭ ئىملارىڭىزغا قاراپ، سىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋيىرىڭىزنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى، بىلىۋېلىش تەست ئەمەس ،بۇ سىزگىمۇ، باشقىلارغىمۇ ياخشى ئەمەس ،دېگەندەك خېلى كۆپ تەربىيەۋىي سۆزلەرنى قىلسام.سىز مەدەنىيەتلىكما ؟ سىزتۇغۇلىشىڭىزدىنلا ،توغرا يازالامتىڭىز ! مېنىڭ قانداق يېزىشىم بىلەن سىزنىڭ نېمە كارىڭىز !دېگەندەك ... بىرمۇنچە سېسىق گەپلەرنى قىلىپ يېرىپ سائەت چۈشەندۈرگنىمگە تويغۇزىۋەتكەن ئىدى.قان بىلەن كىرگەن خۇي ،جان بىلەن چىقىدۇ دەپ .سىڭىپ كەتكەندىكىن ،بۇنداقلارغا تەربىيە قىلساقمۇ.بىكاركەن .

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئوغۇزخان
تىللا
285
تۆھپە
38
UID
77
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 23:25:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ. ھەممىمىز ئىمكان بار ئەڭ زور دەرىجىدە ئىملاغا دىققەت قىلىشىمىز زۆرۈر. ناۋادا ئەمدى خەت بېسىشنى ئۆگۈنىۋاتقان تورداشلار بولسا باشقا مۇنبەرلەردە مەشق قىلىپ پىشىلگەندىن كىيىن كەلسە تامامەن بولىدۇ.
بۇ بىر ھۆكۈمەت تورى. سۈپەت، ئىشەنچ ۋە ئىناۋەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئاقىلانىلىك. مۆرىتى كەلگەندە بىر خەتنىڭ ۋەزىنى مىڭ توننا ئالتۇندىن كەم ئەمەس.
دۇنيانى كونترول قىلىش ھوقوقى غايىۋىپەرەسلەرنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى ئەمىليەتچىل كىشىلەرنىڭ قولىدا--ئوغۇزخان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-20 06:52, Processed in 0.067363 second(s), 15 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991