تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 43894|ئىنكاس: 41

مۇسىبەتنامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئوسمانجان
تىللا
202
تۆھپە
103
UID
4609

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:49:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مۇسىبەتنامە



    ئىلى چاقچاقچىلىرىنىڭ ساناقلىق ۋەكىللىرىنىڭ بىرسى،خەلقىمىزگە مەنىۋى ئازادىلىك بېغىشلاپ كىلىۋاتقان،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ''چاقچاق''سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ كىلىۋاتقان ئەل سۆيگەن خەلق قىزىقچىسى مەرھۇم تۇداخۇن روزاخۇن تاسادىپىي ھادىسىدە يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ،قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 2012-يىلى چىللە ئېيىنىڭ 28-كۈنى يەنى رامىزان ئېيىنىڭ 9-كۈنى سائەت 3 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلدى.
    مەرھۇم تۇداخۇن روزاخۇن 1969-يىلى مىزان ئېيىنىڭ 4-كۈنى توققۇز تارا ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا ئۇچقۇن كەنتىدە دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن.ئوقۇش يېشىغا تولغاندىن كېيىن ناھىيەلىك چولپان باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە 3-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان.1998-يىلدىن 2001-يىلغىچە مەملىكەتلىك قانۇن خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرتقى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىنى تاماملاپ قانۇن مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.
    مەرھۇم تۇداخۇن روزاخۇن 1990-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تىل سەنئىتى ئۈستىنلىكى بىلەن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇپ شىمالىدىن تاكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىغىچە ئاجايىپ ئېسىل كۈلدۈرگە چاقچاقلىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى.ئۇنىڭ مول ۋە مەنىلىك سەنئەت ھاياتى ۋە ناھىيە مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگەن ئۈلگىلىك ئىش -ئىزلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە"چاقچاقچىلار چايخانىسى" قاتارلىق كىتابلاردا ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان.
مەرھۇم تۇداخۇن روزاخۇن ھايات ۋاقتىدا ئىلى چاقچاقچىلىق سەنئىتىدە ئۆزىگە خاس پەللە ياراتقان خەلىق قىزىقچىسى ئىدى.ئۇنىڭ ۋاپاتى ئائىلە تاۋابائاتلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغىلا چوڭ يوقۇتۇش بولۇپ قالماستىن،بەلكى ئىلىنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ چاقچاق سەنئىتى ساھەسى ئۈچۈنمۇ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان چوڭ يوقىتىشتۇر.
    مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتى،ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
    گەرچە مەرھۇم بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان بولسىمۇ،ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا خەلىقكە بەرگەن كۈلكە-چاقچاقلىرى بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ،بىز چوڭقۇر قايغۇلۇق ھېسسىياتىمىز بىلەن مەرھۇمنى مەڭگۈ سېغىنىپ ئەسلەيمىز.كېرەملىك ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلغاي!


8876df99jw1dvd2nls3vej.jpg


DSC_9389.JPG


DSC_9375.JPG


DSC_9358.JPG


DSC_9310.JPG


DSC_9298.JPG


DSC_9273.JPG


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
ئالىمجان
تىللا
584
تۆھپە
133
UID
17623
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:14:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىزنىڭ  ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
511
تۆھپە
294
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:43:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتە بولغاي


Rank: 1

تىللا
17
تۆھپە
9
UID
21066
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:32:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن


Rank: 6Rank: 6

تىللا
664
تۆھپە
286
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:44:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن چاخچاقچى ئىدى،ئەلۋىدا ئۇ بىز بىلەن ۋاقىتسىز ئايرىلدى،مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
896
تۆھپە
390
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 00:55:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي...


Rank: 3Rank: 3

تىللا
171
تۆھپە
45
UID
4780
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:32:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!!!!!!!!!!!!!!


Rank: 2

ئىسىمى
گۈلشەن
تىللا
236
تۆھپە
13
UID
14799
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:07:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگەم   اللە  مەرھۇمنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە  قىلغاي


Rank: 1

تىللا
11
تۆھپە
4
UID
22325
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 02:45:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن (ئامىن)


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:37:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىزنىڭ  ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:05, Processed in 0.088048 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991