كۆرۈش: 13260|ئىنكاس: 14

زوڭلاڭ مازىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1588
تۆھپە
762
UID
2263
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 14:41:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زوڭلاڭ سەيلىگاھى



مۇساجان ياسىن


     قاغىلىق ناھىيە مەركىزىنىڭ شەرقىدىن بەش كىلومېتىر كېلىدىغان جايىدا شىنجاڭ –شىزاڭ تاشيولى باشلىنىدىغان <<ئاچال>>يەنى،نۆل كىلومېتىر دەيدىغان بىر جاي بار.بۇ جايدىن جەنۇپقا قاراپ،14كىلومېتىر ماڭغاندىن كېيىن، شەرقىي –جەنۇپقا قايرىلىپ ئوتتۇرا كىچىك سۇ ئامبىرى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىدىن ئۆتۈپ،ئۇلۇغ ئۆستەڭ دەرياسىنىڭ قىنىنى بويلاپ،جەنۇپقا قاراپ ئالتە كىلومېتىر ماڭسىڭىز،كۆز ئالدىڭىزدا ياپيىشىللىققا پۈركەنگەن يېڭى بىر دۇنيا نامايان بولىدۇ. مانا بۇ- سەيلىگاھ ،قاغىلىق ناھيەسىدىكى زوڭلاڭ يېزىسىنىڭ ئاياغ ئۇچىغا جايلاشقان زوڭلاڭ  مازىرىدۇر.
    تاغ،سۇ  ۋە يېشىللىق مەنزىرلىرى مۇجەسسەملەنگەن تەبىئي سەيلىگاھتا بۇلاق سۇلىرى ھەممە جايدا زۇمرەتتەك كۈۋەجەپ تۇرىدۇ، تۇپرىقى نەمخۇش ،يەر يۈزىنى ياپيېشىل ئوت -چۆپلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇلۇغ ئۆستەڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا ئىگىزلىكى 140مېتىر كېلىدىغان  تاشلىق چال قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.چالىنىڭ چوققىسىدا <<سۇلتان سۈبۈر ئاتا ۋەلى غازى>>نىڭ قەبرىسى بار.چالىنىڭ ئاستىدىن بۇلاق سۇلىرى تەپچىپ چىقىپ تۇرىدۇ ۋە ئاستى تەرەپتىكى دىئامېتىرى تۆت مېتىرچە كېلىدىغان، <<ئاغۇ بۇلاق>> دەپ ئاتىلىدىغان (كىشىلەر<< ئايغىر بۇلاق >> دەپ ئاتىشىدۇ) يۇمىلاق بۇلاققا چۈشۈپ، ئايىغى دەرياغا قۇيۇلۇپ كېتىدۇ.چالىنىڭ تۈۋىدە 100نەچچە يىلدىن ئاشقان تۆت تۈپ قەدىمىي سۆگەت دەرىخى بار بولۇپ، دىئامېتىرى بىر مېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ؛ بۇ سۆگەتلەرنىڭ تېنىسى بىر نەچچە جايدا يەرگە پېتىپ ،يىلتىزلاپ،يەنە يۇقىرغا قاراپ ئۆركەشسىمان ئۆسكەن بولۇپ، بۇ ھال بۇ جاينىڭ مەنزىرىسىگە سىرلىق تۈس بېرىپ، سىزنى ئاجايىپ خىيالى دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرىدۇ.  ئەگەر سىز غەيرەت قىلىپ چالغا يامىشىپ چىقسىڭىز ،توپىدىكى قىرنىڭ جەنۇبىدا قەدىمقى جەڭگاھىنىڭ قالدۇق ئىزلىرىنى كۆرىسىز . مازارنىڭ جەنۇپ،شىمال تەرەپلىرىدىكى چالىنىڭ ياپىسىدا قۇمۇش ۋە يۇلغۇن قاپلاپ كەتكەن قەدىمىي قەبرىستانلىق بار .ھازىر ،مازارغا تەئەللۇق نەرسىلەردىن چالىنىڭ تېگىدىن بىر ئېغىز تاش  ئۆي  ساقلىنىپ قالغان .1990-يىلدىن كېيىن بۇ جاينىڭ تەبئىي ئەۋزەل شارائىتى ناھىيە ۋە يېزىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، مەبلەغ سېلىپ، قايتا قۇرۇش ئىشىنى باشلىغان. ھەر يىلى كۆچەت تىكىش بايرىمى مەزگىلىدە ناھىيە ۋە يېزىدىكى ئىدارىلەر ۋە كەسپىي كارخانا -ئورۇنلاردىكى  ئىشچى –خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ،ئېرىق چېپىپ،يول ئېلىپ،جىرىم سېلىپ،شىپاڭ ياساپ، تۇربىلاشتۇرۇپ، سېستىمىلىق  يېڭىلىق ئېلىپ بېرىپ، زوڭلاڭ مازار تەبىئىي مەنزىرىلىك ساياھەت ئورنىغا ئايلاندۇرغان، يىراق-يىقىندىن كىشىلەر كېلىپ، باھار سەيلىسى قىلىپ قايتقان.
    1982-يىلى ناھىيەلىك تۇپراق تەكشۈرۈش ئەترىتى بۇ جايدىكى 3.75مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قېزىلغان تۇپراق كەسمە يۈزىدىن تۇخۇم شاكىلى،ئوتۇن كۆمۈرى قاتارلىقلارنى بايقىغان .بۇنىڭدىن بۇ جايلاردا 3750يىل ئىلگىرى ئىنسانلار مەدەنىيەت پائالىيتىنىڭ بولغانلىقىنى قىياس قىلىش مۇمكىن .بۇ جاي ھازىر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئورۇن بولۇپ،ناھىيەنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانى بويىچە بۇلتۇر 6-ئايدا ئالتە مىليون مەبلەغ سېلىنغان زوڭلاڭ ساياھەت ئورنى پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا .

DSC_0859.JPG


DSC_0828.JPG


DSC_0829.JPG


DSC_0823.JPG


DSC_0821.JPG


DSC_0817.JPG


DSC_0814.JPG


DSC_0813.JPG


DSC_0964.JPG


DSC_0959.JPG


DSC_0957.JPG


DSC_0953.JPG


DSC_0952.JPG


DSC_0949.JPG


DSC_0947.JPG


DSC_0945.JPG


DSC_0932.JPG


DSC_0814.JPG


DSC_0813.JPG


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1408
تۆھپە
320
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 18:26:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇرەتتە مازار كۈرىنمەيدىغۇ،


Rank: 4

تىللا
282
تۆھپە
156
UID
21793
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 19:10:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس قېنى مازار


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1192
تۆھپە
507
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:15:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇشبۇ چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنىڭ ئەسلى ئاپتورى ئابدۇلئەزىز مامۇت ئاكىمىزنىڭ ئىسمىنى ئەسكەرتىۋەتكەن بولسىڭىز تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتىكەن!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serjat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-30 22:18  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1192
تۆھپە
507
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 22:17:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگەرتمىگەن مۇشۇ مازار قالغانتى بۇ خەققە!!!  چىقمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن، مازارنىڭ ئەتراپىنى لىياڭشەن ئوغىرلىرىنىڭ بارگاھىغا ئوخشىتىپ قويدىمۇ نىمە؟!
/data/att ... v8ggg0v5sgzgx5k.jpg


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مۇھەممەت
تىللا
231
تۆھپە
60
UID
20636
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 23:12:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دەيمەن ، مازارنىڭ ئەسلى قىياپىتىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ، يەنە بىر مەزگىل ئۆتسە زوڭلاڭ مازىرى  سۇن ۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدىكى چىمەن تاققا ئوخشاپ قالامدۇ نىمە


Rank: 4

تىللا
324
تۆھپە
155
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:26:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرىسى يوق جاڭگالغا مايمۇن پادىشا  دىگەن گەپ بار       بۇرۇندىن بۇرۇن    بولغان مازانى ئەمدى  مۇشۇ ھالاتكە  ئەكەلگىنىنى  توۋا   چوقۇم   ئاستىدا  يادىكارلىقلا با    ئاندىن  قازغاندا سۇن ۋۇكۇڭنىڭ   خەيلىرى.  ۋە ياماقلىرى تىپىلىدۇ  . راس دايمەن   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TEREXQAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-31 01:27  



Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۇرغان ئۆمەر
تىللا
856
تۆھپە
351
UID
3999
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:27:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇساجان بۇ قەدىمى مازارنى تورداشلارغا تونۇشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت ھازىرلا بارغۇم كىلىۋاتىدۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2539
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 03:42:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنىلا بىزنىڭ شنجاڭ گۇزەل جاي جوما `!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1309
تۆھپە
692
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 17:26:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مازارنىڭ تەرىپىنى ئاڭلىغان ئىدىم


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 19:08, Processed in 0.092383 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991