ئىت بېقىشتىكى مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى باشقۇرىدىغان ۋاقىت كەلدى تەن چاۋشياڭ 
ئىتلارنىڭ ئادەم چىشلىۋېلىشى، خالىغان يەرگە چوڭ – كىچىك تەرەت قىلىشى، توختىماي قاۋاشلىرى ئاھالىلەرنى بەكلا بىزار قىلغاچقا كىشىلەر ئاھالىلەر رايونىدىكى ‹‹ئىت خەۋپى›› ئۈستىدىن بەس – بەستە شىكايەت قىلدى.
ئىت بېقىشنى ‹‹مەنئى قىلىش›› كېرەكمۇ ياكى ‹‹چەكلەش›› كېرەكمۇ؟ ئەرمەك ئىتلارنى بېقىشنى ‹‹مەنئى قىلىش›› كېرەكمۇ ياكى ‹‹چەكلەش›› كېرەكمۇ؟ دېگەن مەسىلە ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرى ئارىسىدا تالاش – تارتىش پەيدا قىلغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق 78 ياشلىق جاڭ بوۋاي مۇنداق دېدى: سىرتقا چىققىنىمدا ئىتنى كۆرسەملا قاتتىق چۆچۈپ كېتىمەن، ئىت بېقىشنى مەنئىي قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن، ھۆكۈمەتنىڭ پىدائىي نازارەتچىلەرنى تەشكىللەپ، قانۇنسىز ئىت باققۇچىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن پىدائىي نازارەتچى بولۇشنى خالايمەن. چېرتيوژ لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چىن خانىم مۇنداق دېدى: ئىت بېقىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، مۇشۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم ئىت بېقىشىم. ئادەتتە ئىتىمنى تالاغا ناھايىتى ئاز ئېلىپ چىقىمەن، ئاممىۋى سورۇنلارغا كەمدىن – كەم ئېلىپ بارىمەن، مېنىڭچە ئىت باققۇچىلار ئىتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى ھەم مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كېرەك.
ئىتنى مەدەنىي بېقىش ئەڭ مۇھىم ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئىتنى قانۇنلۇق، مەدەنىي بېقىش ھەممىدىن مۇھىم. ئىتنى مەدەنىي بېقىپ خۇشاللىقتىن بەھرىلىنىش بىلەن بىللە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، مۇھىتنى ئاسراش، ئومۇمىي ئەخلاققا رېئايە قىلىش كېرەك.
ئىت باققۇچىلار باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك ئىستاتىستىكىدا مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچى رايونىدا بېقىلىۋاتقان ئەرمەك ئىتلار 3000 دىن ئاشقان بولۇپ، ‹‹ئىت خەۋپى›› مەسىلىسى كۈنسېرى ئېغىرلاشقان. بولۇپمۇ ياز كىرىشى بىلەن كەچقۇرۇنلۇقى سىرتلاردا ئايلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىتلىرىنى يېتىلەپ سىرتقا چىقىدىغانلارمۇ كۆپەيگەن، مەھەللىلەر، مەيدانلار، باغچىلار ئىتلارنىڭ ‹‹جەننەت››ىگە ئايلانغان. ياز كىرىشى بىلەن ئىتلارنىڭ ئادەم چىشلەپ يارىلاندۇرۇش ئەھۋاللىرى بىردىنلا كۆپىيىپ قالدى. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان غالجىرلىق ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزىدىغانلار كۈنىگە ئون نەچچىگە، ئەڭ كۆپ بولغان كۈنى 76گە يەتكەن. ئاھالىلەر مۇنداق دېدى: ھازىر نۇرغۇن مەھەللىدە ‹‹ئىتنى مەدەنىي بېقىش ئەھدىنامىسى›› تۈزۈلدى، ئىت باققۇچىلارمۇ ئىتنى مەدەنىي بېقىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى. مەسىلەن، ئىتىنى تالاغا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېلىپ چىقىش، بەلگىلەنگەن ئورۇندا ئايلاندۇرۇش، زېڭى (پوقى)نى ۋاقتىدا تازىلاش، ئىتنى باغلاش، كىشىلەر كۆپ جايلارغا ئىلاج بار ئېلىپ بارماسلىق قاتارلىقلار. تېخىمۇ كۆپ مەھەللە ۋە ئاھالىنىڭ ئىتنى مەدەنىي بېقىش سېپىگە قوشۇلۇپ ‹‹ئىت خەۋپى››نىڭ مەھەللىۋى خەۋپكە ئايلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئىنسانىي ھوقۇق ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقىدىن ئەلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى: 2009 – يىلى 8 – ئايدىن بۇيان غالجىرلىق ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزغانلار 5000دىن ئاشتى، ئۇلار ئاساسلىقى شەھەر رايونىدىن كەلگەنلەر بولۇپ، ئارىسىدا نەچچە ئايلىق بوۋاقتىن تارتىپ 70 نەچچە ياشلىق كىشلەرگىچە بار، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار كۆپرەك. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: ئىت چىشلىۋالسا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ، ئىتلارنىڭ ھەممىسىدە غالجىرلىق ۋىرۇسى بولۇشى ناتايىن، 24 سائەت ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملەنسە غالجىرلىق كېسىلىنى كونترول قىلغىلى ۋە ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. سوتسىئولوگ جى گۇاڭنەن مۇنداق دىدى: ئىنسانىي ھوقۇق ھايۋاناتلارنىڭ ھوقۇقىدىن ئەلا. ئىت باققۇچىلار بەلگىلىك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، بەلگىلىك ھەق تۆلىشى كېرەك. شەھەر ئەتراپىدا ئەرمەك ئىت بېقىش بازىسى قۇرۇپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ۋە دىئاگنوز قويۇش مەركىزى داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن فاشى مۇنداق دېدى: ئىت باققۇچىلارنىڭ ئىتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. ئىتلارنىڭ يۇقۇم مۇداپىئە مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، غالجىرلىق كېسىلىدىن گۇمانلانسا دەرھال ھايۋانات كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
چەت ئەللەردە ئىت بېقىش توغرىسىدا بەلگىلىمىلەر كۆپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش مەركىزى ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ مۇدىرى چېن ئەپەندى مۇنداق دېدى: چەت ئەللەرنىڭ ئىت بېقىش توغرىسىدىكى نۇرغۇن بەلگىلىمىسى بىزنىڭ ئۆرنەك قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. رۇسىيەدە ھەر قانداق شارائىتتا ئىتلارنىڭ يەسلى ۋە مەكتەپ قاتارلىق ئالاھىدە ئورۇنلارغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. بازارغا بىللە ئېلىپ چىقىلغان ھەر قانداق ئىتقا ئاگاھلاندۇرۇش تاختىسى ئېسىپ قويۇلىدۇ، تاختا قىزىل، سېرىق، يېشىل ئۈچ خىل رەڭدە بولۇپ، قىزىل رەڭلىك تاختا ھۇجۇم قىلىش خەۋپى بار، دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، كىشىلەر قىزىل تاختا ئېسىلغان ئىتنى كۆرگەن ھامان ئىتتىن ئۆزىنى يىراق قاچۇرىدۇ. ئامېرىكىدا ئىتلارنىڭ رەسمىي ‹‹نوپۇسى›› ۋە ‹‹ئوقۇش تارىخى گۇۋاھنامىسى›› بولىدۇ، كۆپ قىسىم ئىتلار ‹‹بالىلىق دەۋرى››نى ئىتلار كۇلۇبىدا ئۆتكۈزىدۇ، ئىتلار ئۇ جايدا كىشىلەر بىلەن چىقىشىش ۋە ئالاقىلىشىشنى مەشىق قىلىدۇ. ئاممىۋى سورۇنلاردا مىجەزى چۇس، ھۇجۇم قىلىش خەۋپى بار ئىتلارنىڭ ئىگىلىرى ئىتىنى باغلىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئېغىزدۇرۇق سېلىپ قويىدۇ. ئۇنداق قىلمىسا، قانۇننى ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ئىتنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەم ئىگىسىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.
|