تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 8330|ئىنكاس: 24

كۆڭۈل ئوغرىسىمۇ، پۇلمۇ؟(ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1027
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 18:05:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۆڭۈل ئوغرىسىمۇ، پۇلمۇ؟(ھېكايە)



    تۇنجى سۆيگۈنۈمدىن ئايرىلىپ قالغىنىمۇ بىر يىل بولۇپ ئېشىپ كەتتى.لېكىن ئۇنى پەقەتلا ئۇنتىيالمىغاندەك قىلاتتىم.ھەر قېتىم ئۇنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمغا كەلگەندە،ئۆزۈمنى شۇقەدەر غېرىپ ۋە بىچارە ھىس قىلاتتىم.ئۇنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىپ،باغرىمغا بېشىنى قويۇشىنى،ئوتلۇق لەۋلىرىنىڭ ھارارىتى بىلەن ھىجران قەپىزىدە توڭلىغان قەلبىمدىكى چەكسىز مۇزلۇقلارنى ئېرىتىشىنى شۇقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم.بىراق بۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشماس شېرىن خىيال ئىدى، خالاس .چۈنكى ئۇ ئاللىقاچان باشقىلارنىڭ قەپىزىدىكى قۇشقا ئايلىنىپ بولغان ئىدى.
     بۈگۈنمۇ شۇنداق، كەيپىياتىم شۇقەدەر تۆۋەن بولسىمۇ،بىراق تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بازارغا چىقىپ،دۇكىنىمنى ئاچتىم،ئاندىن گادىرماچ خىياللار بىلەن،كومپىيوتېرنى ئېچىپ،مۇنبەردىكى تېمىلاردىن يېڭىلىق ئىزدىدىم.نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇنبەر مېنىڭ كەيپىياتىمدىكى چۈشكۈنلۈكنى پەسەيتەلەيدىغان بىردىن بىر سىردىشىم بولۇپ قالغان ئىدى.چۈنكى،ئۇنىڭدىكى مۇھەببەتلىك تېمىلار خۇددى مېنىڭ كەچۈرمىشىم يېزىلغاندەكلا تۇرمۇشىمغا شۇ قەدەر يېقىن ئىدى.
    -ئاكا-تۇيۇقسىز قىلىنغان سۆزدىن چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم- ماۋۇ دۇكاننىڭ ئىگىسى دۇكىنىنى قاچانراق ئاچىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟-كەينىمدە،يېشى مەندىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان ،غۇنچە بوي بىر قىز تارتىنىپقىنە ماڭا قاراپ تۇراتتى.
    -مۇھەممەتنى دەمسىز؟ئۇ سەل تۇرۇپ كىرەمىكىن-دېدىم مەن ئۇنىڭ باش ئايىغىغا بىرقۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن
سىلىق قىلىپ-ئۇنىڭدا قانداق ئىشىڭىز بار ئىدى؟
    مەن ئۇنىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىدىم،ئۇنىڭدىن ئازراق پۇل سوراپ كىرگەن ئىدىم،-دېدى تۈزلا قىلىپ.ئۇنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇملار ،تارتىنىپقىنا گەپ قىلىشلىرى،گۈزەل رۇخسارى بىلەن بىرلىشىپ، ۋۇجۇدۇمدا پەيدا بولمىغىلى ئۇزۇن بولغان بىرخىل ھېسىيات ئېقىمىنى شەكىللەندۈرۈپ،مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىشقا باشلىغان ئىدى.
    -كېچىكىپ قالسا قانداق قىلارمەن-قىز ئەندىشە ئىچىدە شۇنداق دىدى ۋە،دادىسىنىڭ بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەنلىكىنى،ئانىسىنىڭ ھازىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقىنى،ياتاقتا يېتىشى ئۈچۈن مىڭ يۈەن كېرەك بولۇپ قېلىپ،بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.قىز شۇ تاپتا كۆزلىرىمگە شۇقەدەر راسىتچىل كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى.ئۇ مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي ئەسىر قىلىۋالغان ئىدى.شۇ تاپتا،تېخى تۆنۈگۈنلا باشقا بىرىگە كۆڭۈل بېرەلىشىم مۇمكىن ئەمەستەك بىلىنىدىغان مەندەك بىر يىگىتنىڭ قەلبىدە ،سۆيگۈگە نىسبەتەن قايتىدىن ئۈمىد پەيدا بولىۋاتاتتى.
    -مەن بېرىپ تۇراي-دېدىم مەن ئۇنىڭغا مېھىر بىلەن قاراپ-سەل تۇرۇپ،مۇھەممەت كەلسە ماڭا بەرسۇن،قانداق دەيسىز؟
    -ئۇنداق قىلسام قانداق بولار،بوپتۇ شۇنداق قىلايلى ئەمىسە .سىزگە كۆپ رەھمەت ئاكا-ئۇنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى.بۇ كۈلكە ئۇنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۋەتكەن ئىدى.
    -بولدىلا،ئاكا دەۋەمەي،تۇرغۇن دەپ چاقىرىڭ بولدى،بىز ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىكەنمىزغۇ؟-دىدىم مەن پۇل سانىغاچ-مانا مىڭ يۈەن،سانىۋېلىڭ.
     سانىمىساممۇ بولدى-ئۇ نىمىدىندۇر ئەندىشە قىلىۋاتقاندەك،مۇھەممەتنىڭ دۇكىنى تەرەپكە قاراپ قويۇپ شۇنداق دىدى ۋە پۇلنى يانچۇقىغا سالدى.
    -ھەراست ئىسمىڭىز نىمە ئىدى-دىدىم مەن بىر ئىش ئىسىمگە كەلگەندەك بولۇپ .
     -رۇقىيە-دېدى ئۇ ھەم بىرقاتار رەھمەتلەرنى ئېيىتقاندىن كېيىن ، ئالدىراشقىنە كېتىپ قالدى.
    -بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قېلىش دېگەن شۇمىدۇ؟-دىدىم ئۆز-ئۆزۈمگە بوشقىنە شىۋىرلاپ ھەم قىزنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىۋالمىغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىپ،قىزنىڭ ئارقىسىدىن تەلمۈرۈپكىنە قاراپ قالدىم.
     بىرئازدىن كېيىن قوشنام مۇھەممەتمۇ كېلىپ دۇكىنىنى ئاچتى.
     -توۋا ما ئاداشنى،قىززىپ قالمىغانسىلە، مەن نەدە رۇقىيە دەپ بىرىنى تونۇيدىكەنمەن.مېنىڭ داداممۇ،ئاناممۇ يالغۇز پەرزەنت  تۇرسا،مېنىڭ نەۋرە سىڭلىم نېمە قىلىدۇ-دېدى ئۇ، مەن بايا بولغان ئىشلارنى ئۇنىڭغا بىر قۇر دەپ بەرگەندىن كېيىن-قويمىچىغا چۈشۈپسىلە،ھېچ بولمىسا ماڭا بىر تېلېفون قىلىپ بېقىپ،ئاندىن بەرسەڭلا بولمامتى. دۆت ئاداش،ھازىرقى زاماندىچۇ ئاسانلىقچە بىرىگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.مېنىڭ بىر تونۇشۇممۇ ئۆتكەندە..............................
     تۇيۇقسىزبېشىمدا چاقماق چاققاندەك بولۇپ،ئۇنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى زادىلا قۇلقىمغا كىرمىدى.شۇتاپتا مەن ئۇقىزغا بەرگەن مىڭ يۈەن پۇلۇمدىن ئەمەس بەلكى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمدىن بەكرەك ئەندىشە قىلىۋاتاتتىم.شۇ كۈندىن كېيىن،بىرمەھەل ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر خىل ھېسيات ئىچىدە ياشاشقا باشلىدىم.مېنىڭ ئۇقىزنىڭ مېنى ئالدىغانلىقىغا پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى،قىزنىڭ بىركۈنى كېلىپ مەندىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم،قىزنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازى ھېلىمۇ،شۇقەدەر سۈزۈك، بىغۇبار ھەم گۈزەل ئىدى.بىراق،ئەمەلىيەت مېنىڭ ئويلىغانلىرىمنىڭ پەقەت بىر خىيال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاۋاتقاندەك قىزنى ھېچ يەردە ئۇچراتمىغانىدىم.باشقىلارنىڭ قويمىچىلار توغرىسىدىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلىساممۇ،ئۇقىزنى زادىلا ئۇلارغا ئوخشاتقۇم كەلمەيتتى.
بىركۈنى،دۇكاندا ھەپتىلىك سودىنى جۇغلاپ، پۇل ساناپ ئولتۇراتتىم.
    -كەچۈرۈڭ،دېگىنىچە-ھېلىقى قىزكىرىپ كەلدى-مەن ھېلىقى كۈنى،ئەسلى ئۇنداق قىلمىسام بولاتتى،بىراق مەندە ھېچقانداق ئامال بولمىدى.شۇڭا ئامالسىز...-ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتالمىدى.شۇتاپتا ئۇنىڭ يۈزلىرى نومۇستىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
ھېچقىسى يوق،ماڭا راسـت گەپ قىلغان بولسىڭىزمۇ مەن بېرىپ تۇراتتىم.مىڭ يۈەن دېگەننى-دېدىم مەن ،قولۇمدىكى پۇلنى تارتمىغا سېلىۋىتىپ قىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ.
    -ئەجەپ ئۇسساپ كەتتىم،چاي بولسا قۇيۇپ بەرسىڭىز بوپتىكەن-قىز يالۋۇرۇپقىنە ئېيىتتى.
    -چاي تۈگەپتىكەن،مەن ئەكىرەي سىز بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ-مەن شۇنداق دېگىنىمچە چەينەكنى ئېلىپ،چايخانىغا ماڭدىم.قىز ماقۇل بولۇپ،ماڭا سىرلىق قارىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى.شۇتاپتا مەن شۇنداق خۇشال ئىدىم، چۈنكى،مەن ئۇ قىزنى ياق رۇقىيەنى قايتا كۆرەلىدىم.ئەمدى مەن ئۈچۈن،يېڭى پۇرسەت ئۆزىنى كۆرسەتتى.بۈگۈن چوقۇم ئۇنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى ئۈجۈر-بۈجىرىگىچە سوراپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشماي قويمايمەن.شۇلارنى خىيال قىلغاچ چاينى ئېلىپ،دۇكانغا كىرىپ كەلدىم.ھەم شۇنداق چۆچۈپ كەتتىم، رۇقىيە دۇكاندا يوق تۇراتتى.مەن دۇكاننىڭ سىرتىغا چىقىپ قارىدىم ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى.تۇيۇقسىز تارتمىغا سېلىپ قويغان ئونمىڭ يۇەن پۇل چاقماق تېزلىكىدە خىيال ئىكرانىمغا كىرىپ كەلدى.بايا جىددىيچىلىكتە تارتمىغا قۇلۇپ سېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم،ئەجىبا،ئۇ راستىنلا باشقىلار ئېيىتقاندەك قىزمىدۇ؟دەرھال تارتمىنى ئېچىپ قارىدىم،راستىنلا پۇل يوق ،ئورنىدا بىر پارچە قەغەز تۇراتتى.قەغەزگە شۇنداق چىرايلىق خەتلەر يېزىلغان ئىدى .بۇ خەتنى ھېلىقى قىز يازغانلىقىنى جەزىملەشتۈردۈم دە ،خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
    -ئەي ئاقكۆڭۈل يىگىت،بەلكىم مىنى مەڭگۈ كەچۈرمەسلىكىڭىز مۇمكىن،چۈنكى مېنىڭ سىزنى ئالداپ پۇلىڭىزنى ئېلىۋالغانلىقىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئىشەنچىڭىزدىن پايدىلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم شۇنداق قىلىشىم.كەچۈرگىلى بولمايدىغان گۇناھ،لېكىن،مەنمۇ راستىنلا ئامالسىز قالدىم.مىنىڭ يىتىملىكىم راسىت،ئانامنىڭ ئاغرىقلىقىمۇ راسىت،ئەگەر شۇ ئون مىڭ يۈەن بولمىسا،بەلكىم ئانام ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن،مەن سىزدىن مېنى كەچۈرىشىڭىزنى سورىمايمەن.سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى سوراشقا تېخىمۇ مۇناسىپ ئەمەسمەن.ئەمدى سىزنىڭ مۇھببىتىڭىزگە ئېرىشىش، مەن ئۈچۈن بىر چۈش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،مېنىڭ سىزدىن ئۆتىنىدىغىنىم مېنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىسىڭىز،مەلۇم قىلسىڭىزمۇ،يەنە بىر كۈندىن كېيىن مەلۇم قىلسىڭىز. چۈنكى شۇ چاغدا،ئانامنىڭ ئوپىراتسىيەسىمۇ تۈگەيدۇ.ئاندىن مەن قانچىلىك جازالانساممۇ رازى.ئەگەرمېنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىسىڭىز، مەن ئىشلەپ پۇل تېپىپ،ئون بىرمىڭ يۈەنگە توشقاندا چوقۇم سىزنى ئىزدەيمەن.سىز مېنى ئىزدەپ يۈرمەڭ.چۈنكى مېنىڭ سىزگە قارىيالىغۇدەك يۈزۈممۇ يوق.
سىزدىن چەكسىز قېتىم كەچۈرۈم سوراپ:
ئاشىق ھەم گۇناھكار قىز-رۇقىيە.
خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن،قىزغا غەزىپىم ئەمەس بەلكى مۇھەببىتىم ئاشتى.مەن رۇقىيەگە ئىشىنىمەن،ئۇنى چىن قەلبىمدىن ئەپۇ قىلىپ،بارلىق سۆيگۈم بېغىشلانغان جەم بولۇش كۈنىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1224
تۆھپە
799
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 21:52:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھەببەت ئەمەس بىر ساراڭلىق.
ئەگەر بۇ بىر ھېكايە بولماي راست ئىش بولغان بولسا، (ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن) بىر قىز ئۈچۈن بىر يىل قارلىق تۇتقان ۋە شۇ سەۋەپتىن نەتونۇش بىر (بەلكىم راستتۇر) ئالدامچىغا ئىككى قېتىم ئىشىنىپ قالغان دۆتنىڭ يۈزىگە ‹تۈفى› دەۋەتكەن بولاتتىم.
ئاشۇ 11مىڭ يۈەننى ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىغا قويغان بولسا، ئاتا-ئانا ئۇنىڭغا ئۆزى يىغقان 22مىڭ يۈەننى قوشۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنىپ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بولاتتى.

ئاپتۇرغا رەھمەت، جاپا تارتىپسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★Jackie★  تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-29 21:54  



Rank: 4

تىللا
545
تۆھپە
100
UID
49
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 01:00:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا، نېمە ئىش بولۇپ كەتتى بۇ؟


بىر داڭلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن پەقەت لوگىكىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مېڭە بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ. يەنە بىر خىل كۈچلۈك خىسلەت بولۇشى كېرەك.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
896
تۆھپە
390
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 02:47:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز،
ئۆزىڭىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلەر ئەمەستۇ؟


Rank: 2

ئىسىمى
دىلزات مۇستافا
تىللا
134
تۆھپە
52
UID
4837
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 02:48:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ دەل مۇھەبببەتنىڭ سېھرى كۈچى بولسا كېرەك....ئاپتۇرنىڭ تېمىسىغا رەھمەت!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 08:19:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھابەت ئۇ ھەرقانداق بەندىنى ئازدۇردۇ ھەمدە چۇللەرگە ئاپرىپ تاشلايدۇ .مۇشۇنداق ئازاپلىق بولغان مۇھابەتتىن ساقلىغايسەن.؛ياىشى رەىمەت


Rank: 2

تىللا
90
تۆھپە
58
UID
20801
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:08:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ كۆڭۈل ھەر يەرگە باشلايدۇ،سەمەرقەنىت ئالمىسى بىرلە ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1027
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 12:36:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
serjat يوللىغان ۋاقتى  2012-7-30 02:47
بەك ياخشى يىزىپسىز،
ئۆزىڭىزنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن سەر ...

بۇ مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىش ئەمەس،لېكىن بىر دوستۇمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئىش ئىكەن.ئۇ بىر قىزغا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئالدىنىپ قاپتىكەن.مەن ئازراق ئۆزگەرتىپ بۇ ھىكايىنى يېزىپ چىقتىم.دوسىتلارغا مەسىتلىھەتىم شۇكى،سۆيگۈنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىپلا ئالدىراپ باشقىلارغا ئىشىنىپ كەتمەڭ .


Rank: 3Rank: 3

تىللا
291
تۆھپە
62
UID
21879
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 19:36:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ ، دىگەن شۇ.ياخشى يىزىپسىز


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تاھىرجان يۈسۈپ
تىللا
1027
تۆھپە
154
UID
9035
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-1 21:18:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sawram يوللىغان ۋاقتى  2012-8-1 19:36
كۈڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ ، دىگەن شۇ.ياخشى يىزىپ ...

رەھمەت مىنى قوللاپ ئىنكاس يازغىنىڭىزغا


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:53, Processed in 0.084994 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991