كۆرۈش: 276777|ئىنكاس: 75

ئۈرۈمچىدىكى <ئىپپەت بازىرى> [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئەبەيدۇللا
تىللا
80
تۆھپە
7
UID
8839
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 14:20:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈرۈمچىدىكى <ئىپپەت بازىرى>


- قانچە پۇل؟

- 100 كوي.

- 30 كوي بېرەيما؟

- كەم بولا.

- ماقۇل دېسىلە!

- كەم دەپ قويدىلا.

- ماقۇل، 10 كوي قوشاي.

- نېمانداق كۆزى كىچىك ئادەم سىلى، ئوبدانراق باھا قويسىلا!

- 40 كويغا ماقۇل دېسىلە، چۆپقەت بولۇپ قالىمىز دەيمەن!

- بوپتۇ، 50 كوي بەرسىلە!

- ماقۇلە، ئالدىلىرىغا كەپتىمەن، قۇرۇق كەتمەي، ماڭسىلا!

يۇقىرىقى دىيالوگلارنى ئوقۇپ كۆز ئالدىڭىزغا قايناق بىر بازار كەلدى، شۇ بازاردىكى ئالارمەن-ساتارمەننىڭ تۈكۈرۈكلىرىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ سودا قىلىشلىرى كۆرگەندەك بولدىڭىز، شۇنداققۇ دەيمەن!؟

راست ، ئۈرۈمچىدە شۇنداق بىر «كەچلىك بازار» بار. قاش قارايغان مەزگىلدە بۇ «كەچلىك بازار» ۋاژىلداپ قايناشقا باشلايدۇ.

راست ، بۇ «كەچلىك بازار» ھەقىقەتەن قايناق، بۇ يەردىكى نەچچە «تىجارەتچى» شۇ نەچچە ئېغىز گېپى، كېيىنكى «ئەمگىكى» بىلەن خېلى ئوبدان «سودا» قىلىدۇ.
بۇ جاينىڭ يېنىدا ئۈرۈمچىدىكى ئايال زاتى ھاياتىدا بىرەر قېتىمدىن يېتىپ چىقىدىغان داڭلىق بىر دوختۇرخانا بار. ئاياللىرىنى دوختۇرخانىغا ئەكىرگەن «ئەركەكلەر» بانكىغا پۇلغا چىقىپ قايتىشىدا، بۇ بازارغا ئىلىنىشىپ قالىدۇ، يۇقىرىقىدەك بىردەم باھا تالاشقاندىن كېيىن، ئېسىدە يوق باشقا «دوختۇرخانا»لارغا كېتىپ قېلىشىدۇ. ئايالى بايقۇش ئۆزىنىڭ كېسىلى يەتمىگەندەك، تاغدەك يۆلەنچۈكۈم دەپ قارايدىغان، ئەمەلىيەتتە ئەر ئەمەس بىر پىيەنچۈكنىڭ غېمىنى يەپ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىقىدۇ.

بۇ «كەچلىك بازار» باشقا بازارلارغا ئوخشىغان بولسا، بۇ يازمىنى يېزىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئەلۋەتتە.

ئۇنداقتا بۇ يەردە نېمە سودىسى بولىدۇ؟ خەير، گەپنى چىقارغاندىكىن ئاخىرىنى چۈشۈرمەي بولمىدى. ئىپپەت سودىسى بولىدۇ قېرىنداشلار، ئىپپەت سودىسى! شۇنداق، مەيدىسىدە ئەركەك تۈكى يوق ناكەسلەر بىلەن ئاياللىق نازاكىتىنى، ھاياتتىن قىممەت ئىپپىتىنى 30-40 يۈەنگە ساتىدىغان پەسلەر ئوتتۇرىسىدا ئىپپەت سودىسى بولىدۇ.

ئۈرۈمچىدە نەچچە يىل شۇ جاينى بىلمەي ياشاپتىمەن. قارىغاندا «مەنىسىز» ياشىغاندەك قىلىمەن.

شۇ تاپتا خوتۇننىڭ كۆزىنى غەلەت قىلىپ، «كەچلىك بازار»غا بېرىپ كەلگۈم كېلىۋاتىدۇ. سىزنىڭ شۇنداق قىلغۇڭىز كەلمىدىما ئەركەك؟

قېنى يۈرىكىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «ئىشىڭنى قىل، قىسمەت» دېيەلەيدىغان ئەركەكتىن نەچچىسى بار ئارىمىزدا؟

شۇ بازارغا بېرىپ ئاۋۇلارغا تەربىيە قىلىپ ئۆزگەرتەلمىگەن، ئۇلارنى شۇ يولدىن تارتىشقا ھەرىكەت قىلالمىغان تۇرۇپ مېنى تىللاۋاتامسىز؟

قېنى ئۆزىمىزنى تارازىغا سېلىپ باقايلى، ئەركەكلەر! ئەركەكلىك غۇرۇرىمىز، يىگىتلىكىمىز تارازىنى باسالامدىكىن؟

ئەينى يىللىرى زۇڭلى جۇئېنلەي «جۇڭگودا پاھىشە يوق» دەپ مەيدىسىگە مۇشتلىيالىغان ئىكەن.

بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەن، سىزدىن سوراپ باقاي: «مېنىڭ مەھەللەمدە پاھىشىۋاز يوق، پاھىشە يوق» دەپ يۈرەكلىك ئېيتالامسىز؟


ئاپتورى:قىسمەت                                                          مەنبەسى:قىسمەت بىلوگى


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1328
تۆھپە
695
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 17:29:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا دەيلى دوستلار


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1470
تۆھپە
1139
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 18:03:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ بەندىلىرنىڭ دىلغا ئىنساپ بەرسۇن.بۇ ئىىل ئىپپەت بازارلىرى .ھازىر كۇپ خىللىشىپ.دەرجە ئايرىيدىغان.بولوپ كىتىپتۇ.ئالى رىستۇرانلارنىڭ.دەرجىسى بەكلا يۇقرى دەپ ئاڭلىدۇق.


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 20:52:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانلىق ساقلايدىشانلا جىمىقتۇسا بولمامدۇ دەيمدن .. بىراققۇ   ئىشسىزلىق .پۇل يوق   خزمەت يوق  . بولغاچقىلا بولۋاتىدۇغۇ شۇ    ئىپىتىنى ياپمىغان ئادەم   ئاسانلام  50 كوينىڭ قۇربانى بولدۇ   قىز بولسا جالاپ بولدۇ  ئوغال بولسا .ئوغرى بولدۇ   ئاغزىدا گىپى بارلار قويمىچى بولدۇ  شۇ .  يوقسۇزلۇق ھەمىگە كوندۇردۇ ھەتتا ئۆز  بۇرادەرلىرىنى  سىتىۋىتىشتىن يانمايدىغان دەرجىگە بارىدۇ شۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
974
تۆھپە
620
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 20:57:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   ئاللاھ ئەرلىرىمىزنىڭ ، باللىرىمىزنىڭ كوڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن .


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
1446
تۆھپە
514
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 21:01:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىمىز پاھىشە بىلەن قىماردىن باج ئالغان بولسا دەھشەت باي بوپ كىتەتتى، ئەپسۇس،ئۇلار قانۇنسىزدە!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-28 21:03  



ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
674
تۆھپە
338
UID
4664
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-28 23:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك پەسلىكقۇ بۇ،،ھەي  نىمە  بوپ  كېتۋاتىدۇ   بۇ جاھان


Rank: 3Rank: 3

تىللا
215
تۆھپە
75
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 00:21:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يۇرتتا (يېزىدا )يوق، ئشقىلىپ مەن بىلمەيدىكەنمەن،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
1230
تۆھپە
518
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 01:12:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلارغا ھازىر توۋا دىيىشتىن باشقا ئامال يوق ئوخشايدۇ جۇمۇ، بۇيىل بەشىنچى ئايدا بىر نەچچە ساۋاقداشلىرىم بىلەن، ھەر ھەپتىلىك ئادىتىمىز بويچە، ھىيىتگاھنىڭ ئالدىغا كىلىپ، بازار ئايلانغاندۇق، سەل كەچ قاپتىمىز،  شۇ ئەسنادا ئاغىنىلەرنىڭ تاۋۇز يىگۈسى كەپ قالدى، ھىيىتگاھنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئوردا ئالدى يولىغا كەلدۇق ،تاۋۇز يەپ بولۇپ ، ياتاقتىكىلەرگىمۇ ئىلىۋالايلى دەپ، تاۋۇز تىلدۇرۇۋاتساق، تۇيۇقسىز بىرسى قارا دىگەندەكلا ئۇدۇلۇمغا قارپ ساپتىمەن؛ تار كىيىملەرنى كىيىپ،قىنىق گىرىم قىلىۋالغان ئىككى (ئۇيغۇر) ج... بىزگە بىر نەرسە تەمە قىلغاندەك قاراپ، ھىجىيىپ كۆزىنى قىسىپ تۇرۇپتۇ، قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، يىنىمدىكىلەرگە ئۇلارنى كۆرسەتتىم، بىرىپ جىنىدىن ئۆتكىدەك سىسىق گەپ قىلىپ راسا ئەدىپىنى بەرمەكچى بولدۇق، لىكىن تاۋۇزنى تىلدۇرۇپ خالتىغا قاچىلاپ بولغۇچە ، ئۇ ئىككى ج... ئاللىقاچان ئولجىلىرىنى تىپىپ، ئۇلار بىلەن تاكسىغا چىقىۋاتقان ئىكەن!  قاتتىق ئاچچىقىم كەلدى، ھىيىتگاھنىڭ ئالدىدەك ئۇيغۇرلار، ئىمان-ئىتقادلىق ئۇيغۇرلار توپلاشقان جايدا ، ئىككى پاھىشە ئوچۇق ئاشكارە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەن ئەركەكلەرگە كۆزىنى قىسىپ خىرىدار ئىزدىسە، بۇ جاھان نىم بوپ كەتتى!؟


Rank: 4

تىللا
342
تۆھپە
159
UID
21734
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-29 02:28:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداقمۇ قىلامىز.........................ھەي


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-23 07:02, Processed in 0.082304 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991