كۈندە بىر كۈلكە
1. بىركۈنى بىر ئايال سوتقا يولدىشى بىلەن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلىپتۇ ، سوتچى ئايالدىن نېمە ئۈچۈن ئاجراشماقچى بولغانلىقىنى سوراپتۇ . ئايال :
- مېنىڭ يولدىشىم ھەركۈنى كەچتە تاماكا چېكىدۇ .دەپتۇ .
سوتچى :
- ھازىر قايسى بىر ئەر كىشى تاماكا چەكمەيدۇ ، بۇنچىلىك كىچىك ئىش ئۈچۈن ئاجراشسىڭىز بولمايدۇ دەپتۇ .
ئايال : يولدىشىم ھەركۈنى كەچتە تاماكا چەككەندە مېنىڭ قۇلىقىمنى كۈلدان قىلىۋالىدۇ . دەپتۇ .
2. بىر ئوفىتسىر ئەسكەرلەرنى زەمبىرەك ئېتىش مەشقى قىلدۇرۇپتۇ ، بىرىنچى ئەسكەر زەمبىرەكنى نىشانغا تەككۈزۈپتۇ ، ئەمما ئىككىنچى ئەسكەر جىددىيلىشىپ كەتكىنىدىن نىشانغا تەككۈزەلمەي يېقىن ئەتراپتىكى قوناقلىققا تېگىپتۇ ، دەل شۇ چاغدا قوناقلىقتىن كىيىملىرى جۇل - جۇل بىرسى چىقىپ :
- توۋا خۇدايىم ، تۆت باش قوناق ئوغۇرلىغانغىمۇ زەمبىرەك ئاتقان بارمۇ ئەمدى؟؟؟
3. بىركۈنى لەغمەن گاڭپەننى بوزەك قىلىپتۇ ، گاڭپەن ئاكىسى پولوغا لەغمەننى چېقىپتۇ ، پولونىڭ ئاچچىقى كېلىپ ئىنىسى گاڭپەننىڭ ئۆچىنى ئېلىش ئۈچۈن يولدا كېتىۋاتسا ، تەييار چۆپ ئۇچراپ قاپتۇ ، پولو تەييار چۆپكە :
- سەن نېمىشقا ئىنىمنى بوزەك قىلىسەن ؟ دەپ سوراپتۇ . تەييار چۆپ :
- مەن بوزەك قىلمىدىم . دەپتۇ . ئاچچىقى كەلگەن پولو :
- سەن قىلىدىغاننى قىلىپ بولۇپ، تىنىۋالماقچىمۇ ، سەن چېچىڭنى ھەر قانچە بۈدۈرە قىلىۋالساڭمۇ مەن سېنى تۇنۇيالايمەن . دەپتۇ .
4. ساقچى باشلىقى ئوغرىلىق قىلغان بالىدىن سوراپتۇ :
- سېنى تۈرمىگە يوللاپ بېرەمدۇق ياكى داداڭغا تاپشۇرامدۇق ؟
- ئىختىيارىڭلار ، چۈنكى دادام ھازىر تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتىدۇ .
5. بىركۈنى يولدا بىر ھامىلدار ئايال كېتىۋاتسا بىر كىچىك بالا ئۇچراپ قاپتۇ . بالا ئايالدىن سوراپتۇ :
- ھەدە ، بالىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز ؟
- ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىمەن . دەپتۇ ئايال ، بالا :
- ئەمىسە نېمىشقا بالىڭىزنى يەۋالدىڭىز ؟ دەپ سوراپتۇ .