تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 16269|ئىنكاس: 17

گۈلچاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1199
تۆھپە
659
UID
2930

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:38:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۈلچاي


باي بولىمىز دەپ دېھقان كۆپ تېرىغان گۈل چېيى،

قىممەت ئېلىپ ئۇرۇقنى قىر سانىغان گۈل چېيى،

كېۋەز بىلەن ئاشلىققا يات قارىغان گۈل چېيى،

يېشىل چىراغ بوپ ئەلگە خوپ تارىغان گۈل چېيى،

پادىشاھدەك ئېتىزنى شوخ ئارلىغان گۈل چېيى.


گۈلچاي تېرىپ بەس - بەستە دېھقان خۇشال بولغانتى،

پەرۋىش قىلىپ گۈلچاينى ئېتىزلىقتىن كىرمەيتى،

كىلوسىنى مىڭ كويدىن ئالاركەن دەپ يۈرگەنتى،

ئادەم سېلىپ چىچەكنى توختىماستىن ئۈزگەنتى،

دېھقانلارنىڭ قەلبىگە ئوتنى ياققان گۈل چېيى.


گۈلچاي سېتىپ كۈزگىچە قىلارمىز دەپ تويلارنى،

ھۇزۇرلىنىپ يەرمىز دەپ پاخلان گۈشى قويلارنى،

سالارمىز دەپ بانكىغا كاللەك - كاللەك پۇللارنى،

قىلغان ئىدى دېھقانلار شېرىن - –شېكەر ئويلارنى،

ئارزۇلارنى بىراقلا بەربات قىلغان گۈل چېيى.


ساتار چاغدا گۈلچاينىڭ چۈشۈپ كەتتى باھاسى،

يوقاپ كەتتى دېھقاننىڭ خۇددى چۈشتەك ناۋاسى،

خىيال قىلغان ئارماننىڭ يوقتۇر ئەمدى سىماسى،

پۈپۈك بولۇپ توزىدى گۈلچايدىكى قىياسى،

بايلارنىمۇ قەرزگە بۇغۇپ سالغان گۈل چېيى.


ئىنتىزار بوپ كۈتكەنتى سودىگەرنىڭ يولىغا،

بازار كاسات سودىگەر كەتتى كەلمەس ئۇيقۇغا،

ئوراپ بەردى ئاخىرى گۈل چېيىنى قويلارغا،

بېسىپ قويدى ئوت قىلىپ ساتمىلارغا - ھويلىغا،

بۇلبۇل بولۇپ بىر مەھەل شوخ سايرىغان گۈل چېيى.


چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 12:47  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
601
تۆھپە
301
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 13:10:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز، بۇ يىل ‹‹گۈل››گەئالدانغان دىھقانلار بەك كوپ.


ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.

Rank: 2

ئىسىمى
ئابدۇرۇسۇل
تىللا
129
تۆھپە
39
UID
18701
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 13:14:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي! جاپاكەش دېھقانلار !!دېھقانلارنى قاھتى-سۇختى قىلمىسا نىمە بۇلا!!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
896
تۆھپە
390
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 13:23:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پولاتكا، ھەقىقەتەن ياخشى يىزىۋىتىپسىز، ئەمەلىي تۇرمۇش ئىنتايىن ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، ئەدەبىيات دىگەن تۇرمۇشقا يىقىن بولسا ياخشى ئەمەسمۇ؟
         بىزنىڭ يۇرتىمىزدىمۇ ، گۈلچاي تىرىپ زىيان تارتىپ نەچچە ئادەم ئۆلىۋالدى،  نۇرغۇن جىدەل-ماجرا، ھەق تەلەپ دىلولىرى كىلىپ چىقتى،  ھەتتا ساقچىخانىلارنىڭ دەرۋازىلىرىغىمۇ ‹‹گۈلچاي توغىرىسىدىكى دىلو قوبۇل قىىنمايدۇ›› دپ يىزپ قويۇلدى،


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1536
تۆھپە
596
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 13:29:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈلچاينى دەپ دىھقانلىرىمىز بەكلا زىيان تارىپ كىتىپتۇ، گۈلچاي دىگەندىن  ئۆل چاي دىسەكمۇ بولامىكى دەپ قالدىم


Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
7
UID
21802
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 14:12:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل توغۇرلۇق شىئېر يېزىش مودا بوپ كەتتىمۇ نېمە؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قەيسەر ئابدۇكېرەم
تىللا
690
تۆھپە
206
UID
515
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 18:09:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈل چاي!!!!!!!! ھەي گۈل  چاي ...................سەن قالغان ئەمدى، بىزنىڭ  جاپاكەش دىھقانلىرىمىزنى قاخشاتمىغان؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
شېئىر تولىمۇ ياخشى چىقىپتۇ ، ئىجادىيىتىڭزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلانى تىلەيمەن


Rank: 4

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
508
تۆھپە
129
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 20:11:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىھقانلارمۇشۇنداق چوڭ تالاپەتكە ئۇچراپ زىيان تارتىپ جان تالىشىۋاتسا ھۆكۈمىتىمىز قول قۇرۇشتۇرۇپ قاراپ تاماشا كۈرۋاتامدىغاندۇ ،ئازراق بولسىمۇ ياردەم قۇلىنى سۇنۇپ قويسا بولماسمۇ ؟قانداقلا بولمىسۇن يەيدىغان ئىچىدىغان شۇ دىھقانلارنىڭ قۇلىدىن چىقىدىغان بولغاندىكىن ....


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 20:28:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راسلا بىر قاملاشمىغان ئىش بوپتۇ. دىخانلىرمىز ئەمدى بىر ئۇھ دىگەندە.بۇ چاينىڭ چىققىننى قارمامدىغان.خەپ بەكلا قاملاشماپتۇ بۇ .زىياننى تولوقلاپ بەرسە بولغۇدەك شۇ سامان قوساق.تومپايلار.


Rank: 1

تىللا
33
تۆھپە
12
UID
16294
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 20:51:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز ،دىھقانلارغا بەكلا ئۇۋال بولدى ،دىھقانلارغىلا ئەمەس نەچچەۋاقىتتىن بىرى بانكىدا ساقلىنىپ كىلىۋاتقان پۇللىرىغا مەخسۇس گۈلچاي ئۈچۈن يەر ئىلىپ گۈلچاي تىرىپ زىيان تارتقان نۇرغۇن كادىر ئىشچى خىزمەتچىلەرگىمۇ  ئۇۋال بولدى .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:23, Processed in 0.079594 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991