تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 39100|ئىنكاس: 16

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى خېج [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
99
تۆھپە
29
UID
17343
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 00:31:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى خېجىڭدا




    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قەيسەر شابانباي ، مائارىپ نازارىتى ئاساسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى موۋۋېن شىن ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە كەلگەن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، ئوبلاست ۋە ناھىيەمىزنىڭ مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە خېجىڭ ناھىيەلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ قۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى. مەكتىپىمىزدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ ، ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. مەكتىپىمىز مۇدىرى تايىر قاسىم تەكشۈرگۈچىلەرگە مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. قەيسەر شابانباي ھەر بىر ھالقىلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈپ ، مەكتەپ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى . مەكتىپىمىزدىكى رەھبەرلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار سورىغان سوئاللارغا تەمتىرىمەستىن ناھايىتى ياخشى جاۋاپ بەردى.قەيسەر شابانباي ئۆلچەملەشكەن  مەكتەپ قۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەسلىھەلەرنىڭ تولۇقلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. نەق مەيداندا ئوقۇتقۇچىلارغا مەشغۇلات قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قابىلىيىتىنى سىناپ كۆرۈپ باقتى. ئوقۇتقۇچىلاردىن ئۆلچەملەشكەن مەكتەپ قۇرۇش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلارنى، شۇنىڭدەك تولۇقلاشقا تېگىشلىك ئەسلىھەلەرنى سوراپ ئۆتتى ھەمدە ناھىيە رەھبەرلىرىنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئەسلىھەلىرىنى ئىمكانقەدەر تولۇقلاپ بېرىشىنى تەكىتلىدى. ناھىيە رەھبەرلىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇشقا كاپالەت بەردى.

P1010012.JPG


P1010015.JPG


P1010016.JPG


P1010017.JPG


P1010018.JPG


P1010019.JPG


P1010020.JPG


P1010021.JPG


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
قۇياش
تىللا
184
تۆھپە
92
UID
17035
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ باشلىقلارمۇ قىززىقتە ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار تەتىلگە چىقىپ ئاران ئارام ئالغاندا بارغىچە ، نورمال ۋاقتىدا بارسىچۇ ، ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى كۈتىۋالىمىز دەپ دەم ئېلىش كۇنلىرىنىمۇ ھارام قىلىپتۇ باشلىقلار.
نازىر باشقىلار سوۋغا قىلغان دۇپپىنى شۇ مەكتەپتىن چىقىپ كەتكىچە بولسىمۇ كەيسىڭىزچۇ ؟  يا باشقىلار كەيگىلى قويمىدىمۇ ، بەك يارىشىپتىكەن بولمىسا...


ئاداققىچە كۇلەلىگەن ئادەم ھەقىقىي يەڭگۇچىدۇر!!!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
785
تۆھپە
390
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 13:18:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېچىنى ئايىغاندۇ يولداش نازىر،،،


http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 8Rank: 8

تىللا
3182
تۆھپە
917
UID
1186
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 15:27:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن نەۋرمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن،ئۇ مەكتەپ يېشىغا يەتكىچە قوشتىل ئوقۇتۇش تۈزىمى ئىسلاھ قىلىنسا بولاتتى. ئۇنداق بولمىغاندا نەۋرەم يا ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋاتلىق بولالماي،يا خەنزۇ تىلىدىن تولۇق بولالماي چالا ساۋات بولۇپ كېرەكسىز ئادەم بولۇپ قالارمۇ؟دەپ ئىچىم تىتىلدايدۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەڭلىسا
تىللا
511
تۆھپە
294
UID
13924
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 16:29:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچىڭىز  تىتىلدىمىسۇن  ئۇنداقمۇ  بولۇپ  قالماس.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئايبەرچىن
تىللا
1182
تۆھپە
663
UID
201

ئاۋانگارت ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 17:18:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى كېلىدۇ دەپ بىچارە مۇئەللىملەر ئاز دىگەندە بىر ئاي دەم ئالمىدى.


Rank: 2

تىللا
99
تۆھپە
29
UID
17343
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 18:12:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى دېمەمسىز شۇلارنى كىلىدۇ دەپ بىر ئاي تەييارلىق قىلغان


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەخپىي
تىللا
600
تۆھپە
202
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 18:46:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپتا ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك باشقا ئىشلارمۇ بارئىدى بولمىسا....


چوڭراق نەپەس ئېلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولۇپ كەتتۇق....

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
785
تۆھپە
390
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 19:37:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادانلىق ئىچىدە قالغان مىللەت روناق تاپمايدۇ.


http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 2

تىللا
82
تۆھپە
43
UID
2769
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 22:35:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ يەردە قانداقلا بولمىسۇن  دوپپا كەيدۇردىغانلار بار ئىكەن، بىزنىڭ بۇ يەردىكدەك  قالپاق كەيدۇرمىسلا  مەيلىغۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:05, Processed in 0.087762 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991