تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 57460|ئىنكاس: 61

مېنىڭ چېچىم (ئەلى كىروران) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئابدۇرېھىمجان ئاتاۋۇللا
تىللا
896
تۆھپە
390
UID
4607
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-25 23:27:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭ چېچىم (ئەلى كىروران)


nnnbnb_副本.jpg


      ئەسسالامۇ ئەلەيكوم, يىقىندىن بۇيان تور بېتىم قىزىپ كەتتى. خۇددى تورداشلار كېلىىشىۋالغاندەكلا چېچىم توغرىسدا ھەر خىل سوئاللارنى قالدۇرۇپتۇ. چېچىم ھەققىدە سۆز قىلغان دوستلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىنمەستىن بىر - ئىككى جۈملە سۆز بولسىمۇ قالدۇرۇپ ئۆتتۈم. مېنىڭچە تورداشلار مېنىڭ مۇنداقلا قالدۇرۇپ ئۆتكەن ئۇچۇرلىرىمدىن دېگەندەك رازى ئەمەسقۇ دەيمەن. شۇ ۋەجىدىن  چېچىم توغرىسىدا بىرەر تېما يازايمۇ دېگەن ئوي بىلەن بۈگۈن كومپيۇتېر ئالدىغان كېلىپ  قالدىم.
      ئادەتتە مەن سىرتلارغا چىقساممۇ ئەتراپىمىدىكى شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارىسىدىمۇ مەن ھەممىنىڭ  دىققىتىنى قوزغايمەن. چۈنكى باشقىلارنىڭ (ئەرلەر) ھەممىسى قىسقا چاچ ئەمما مېنىڭ  ئۇزۇن. بۇنىڭ ئىچىدە ماڭا قىزىقىش نەزىرىدە قارايدىغانلارمۇ ھەم ئاچچىق نەزىرىدە قارايدىغانلارمۇ، شۇنداقلار ھەيرانلىق نەزىرىدە قارايدىغانلارمۇ بار. مەن بۇ خىل قاراشلارغا كۆنۈپ كەتتىم. ئەمما مەن شۇ خىل قاراشلار ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ ھېچكىشىگە ئوخشىمايدىغان بۇ دۇنيادىكى ئۆزۈمگە خاس بىر ئادەم ئىكەنلىكىمنى دەلىللەيمەن. بۇ دۇنيادىكى 7 مىليارد ئادەم 7 مىليارد خاسلىقنىڭ ئىگىسى بولغاندىكىن مەنمۇ شۇ مىليارد ساننى تەشكىل قىلغۇچى بىر سان بولۇش سۈپىتىم ھەم خاسلىقىم بىلەن ئەلى كىروران بولۇپ ياشىماقتىمەن.
      بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن، چاچ بىلەن ناخشىچى بولۇشنىڭ  نېمە مۇناسىۋىتى، قىسقا چاچ قويۇۋالسىڭىز دەپ. ھەممە ئادەمنىڭ  ھاياتلىقتىكى تاللىشى، ياخشى كۆرۈشى ئوخشىمايدۇ. مەنمۇ شۇ تاللاش ئىچىدە بۇ چاچ پاسۇنىنى ياخشى كۆرۈپ تاللىدىم. شۇڭا مېنىڭ بۇ خىلدىكى تاللىشىمغا ھۆرمەت قىلمىغانلار بىلەنمۇ قىلچە كارىم بولماستىن، ئۆز يولۇمدا مېڭىۋەردىم. بىز ئىنسانلاردا شۇنداق بىر يامان خسىلەتلەرمۇ باركى، ئاق كىيىم كەيسىڭىز: «توۋا، قىزىل كەيسە بولمامدىغاندۇ» دەيدۇ. قىزىل كىيىم كەيسىڭىز: «توۋا، نېمانچە قىزىل كىيىم كېيىۋالغانىدۇ» دەيدۇ. ئىشىقىلىپ سىز باشقىلارنىڭ خاھىشى بىلەن ياشايمەن، خەق ماڭا سۆزلەپ قالسا بولمايدۇ، دەپ ياشىسىڭىز چوقۇم ھېرىپ كېتىشىڭىز ئېنىق. شۇڭا ھاياتلىقتا ئۆز ۋىجدانىڭىزغا مۇخالىپ كېلىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللانمىسىڭىز ھاياتلىق يولىڭىزدا ياخشى ئىزلارنى قالدۇرالايسىز. چاچ بىلەن ياخشى - يامان ئادەم بولۇشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. پەقەت بىر قىسىم سىرتقى قىياپەتكە قاراپ كاھىنلارچە پەرەز قىلىدىغان كىشىلىرىمىزلا باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىلىرىغا ئەمەس، قىياپىتىدىن قارشى تەرەپكە باھا بېرەلەيدۇ.
      بۇ ھاياتلىقتا باشقىلارنى باھالاشتىن باشقا بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. باشقىلارنى باھالاشقا كەتكەن شۇ ئېنېرگىيەرىمىزنى باشقا - باشقا ياخشى ئىشلارغا قاراتقان بولسا نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ناھايىتى يۈرۈشلۈك بولغان بولاتتى. بىزدە بىر گەپ بار: «ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزۈڭنى قوي» دەيدىغان، بۇ تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان سۆز. بىز كەچكىچە باشقىلارغا باھا بېرىپ پالانچى ئۇنداقەي، پوكونچى بۇنداقەي دەپ، باشقىلار توغرىسىدا سۆز قىلىشقا تولىمۇ ئامراق. ئەمما ئۆزىمىزىدە قانچىلىك يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ئۇۋا تۇتۇپ ياتقانلىقىنى بايقاپ بولالمايمىز.
      تېمىغا قايتىپ كەلسەم، مېنىڭ چېچىم يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەندەك باشقىلار ئۈستىدىن گەپ سۆز قىلىشقا ئامراق بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ قايناق تېمىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مەندە بىر خاسلىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئەتراپىمىدىكى ياخشى ئىشلارغا نەزەر سېلىشنى ياقتۇرىمەن، ئەمما سەلبىي تەرەپتىكى سۆز - ھەرىكەتلەردىن قۇلىقىمنى يوپۇرۇۋالىمەن. شۇڭىمۇ چېچىم ماڭا بېسىم ئېلىپ كېلەلىگەن ئەمەس.
      ئەركەكلىكنى چاچ بىلەن ئۆلچىۋالىدىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مېنى ھەر خىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن بۇنى پەقەت بىر تەرەپلىمە پىكىر قىلىدىغان ماھىيەتنى كۆرۈشنى خالىمايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ  پىكرى دەپلا قاراپ كەلدىم. يەنە ئەتراپقا زەن سىلىپ باقسام، مېنى قوللايدىغانلار ناھايىتى كۆپكەن، قىسقىسى مەن چاچ پوسونىمىنى ياخشى كۆرىمەن ھەمدە بۇ يېقىنلاردا ئۆزگەرتىپ بېقىشنى ئويلاپمۇ باقمىدىم. مەن خەلقىمىگە چېچىم ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ياخشى كۈيلىرىم بىلەن مەنىۋى خىزمەت قىلساملا بولدى. ئارىمىزدا مېنىڭ  بۇ خىل چاچ پاسوننى تاللىشىمىغا ھۆرمەت قىلىپ، مېنى قوللاپ كەلگەن نۇرغۇن دوستىلىرىمىز بار. شۇنداقلار مېنى تىللاپ  تۇرۇپ ناخشامنى ئاڭلايدىغانلارمۇ بار. بۇمۇ مېنىڭ خەلقىمىزگە تېخىمۇ پىششىق تونۇلۇشۇمدىكى مۇھىم بىر تەرەپ.

  ــــ ئەلى كىروران      


bvnm_副本.jpg



bnbnb_副本.jpg



psu_副本.jpg




مەنبە:ئەلى كىروران تور بىكىتى

مەنبە:http://alikiroran.com


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   serjat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-26 14:06  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 4

ئىسىمى
رەنا
تىللا
316
تۆھپە
222
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:40:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«رەسۇلۇللاھ نىڭ چاچلىرى مۇرسىگە چۈشۈپ تۇراتتى »دىگەن ھەدىس بولغاچقا،رەسۇلۇللاھ ياخشى كۆرگەن ئىشنى مەنمۇ ياخشى كۆرىمەن.سىزنىڭ چېچىڭىزغا كەلسەك بۇنىڭغا مەن بىرنەسە دىيەلمەيمەن.چۈنكى سىز سۈننەت ئۈچۈن قىلمىدىڭىز دە؟!


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
4
UID
21642
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:42:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېمسىمۇ چېچڭز بىلەن چىرايڭز بەك ماسلاشپتۇ


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2095
تۆھپە
1094
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 11:59:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئوزىڭىز نىمىنى ياخشى كورسىڭىز شۇنى قىلىڭ، چۇنكى سىز ، يەنىلا ئوزىڭىز


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 2

ئىسىمى
زۇننار
تىللا
53
تۆھپە
34
UID
208
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:17:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹سىز ياقتۇرغاننى باشقىلار ياقتۇرشى ناتايىن   ،باشقىلار ياقتۇرغاننى سىزنىڭ ياقتۇرشىڭىز ناتايىن ›،
سىز ئۆزىڭىز بولغاندىكىن تاللاش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ ،قانداق ياشىغۇڭىز بولسا شۇنداق ياشاڭ.


Rank: 2

ئىسىمى
زۇننار
تىللا
53
تۆھپە
34
UID
208
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:20:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ياقتۇرغاننى  باشقىلار ياقتۇرشى ناتايىن،باشقىلار ياقتۇرغاننى سىزنىڭ ياقتۇرشىڭىز ناتايىن ،
سىز ئۆزىڭىز بولغاندىكىن تاللاش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ ،قانداق ياشىغۇڭىز بولسا شۇنداق ياشاڭ ،


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1271
تۆھپە
479
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:24:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لايىقىدا بولۇش گۈزەللىكتۇر -  تەلەپكە يېتەلمەسلىك ۋە چەكتىن ئاشۇرۋېتىش ئوخشاشلا گۈزەللىك ئەمەس .

    ‹   تۇرمۇشتىكى پەلسەپە  › ناملىق كىتابتىن


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
1536
تۆھپە
596
UID
7115

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:53:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگە يارىغىنى خانغا يارىغىنى، مەنمۇ بۇ توغۇرلۇق نىمە دىيىشىمنى ئۇقمۇدۇم، مەن ئوغۇللارنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنى ئانچە قوللاپ كەتمەيمەن.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
mvjiza
تىللا
756
تۆھپە
186
UID
6196
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 12:56:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكرىڭىزھەقىقەتەن جايىدا.  دۇنيادا باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ياشاشتنمۇ ئازاپلىق ئش بارمۇ........


Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-26 13:36:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل رەڭدە بويۋاسىڭىز تېخمۇ يارشامدىكى دەيمە.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:53, Processed in 0.087165 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991