ئىلگىرى ئايالىم بىلەن بولۇنغان پاراڭ
ئايالىم: ئەگەر ئاپىڭىز بىلەن مەن تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەم ئاۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز؟
مەن: ساراڭمۇ سەن، نېمىشقا ئۆزۈڭنى سۇغا چۈشۈپ كەتسەم دەپ پەرەز قىلىسەن؟
ئايالىم: بوپتۇ ئەمىسە، سىزنىڭ ئاپىڭىز بىلەن مېنىڭ ئاپام تەڭلا سۇغا چۈشۈپ كەتسەم ئاۋال كىمنى قۇتقۇزىسىز؟
مەن: ئەلۋەتتە ئاپامنى قۇتقۇزىمەندە، سەنمۇ قاراپ تۇرماي سۇغا چۈشۈپ ئاپاڭنى قۇتقۇزارسەن؟
ئايالىم: ئەگەر مەن سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسەمچۇ؟
مەن: راستىنلا ئالجىپسەن، سۇ ئۈزۈشنى بىلمەي تۇرۇپ ئىككى موماينى قولتۇقلاپ سۇبويىدا نېمە قىلاتتىڭ؟
ئايالىم: ۋايجــــــــــان، بولدىلا سىزدىن گەپ سورىمىدىم.
بىر يۇمۇر سۆزلەپ قويدۇم،



قانداقراقكەن.