تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 24650|ئىنكاس: 22

شىرزات ياقۇپ ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش›› فىلىمىگە رېژىسسورلۇق قىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئىسىمى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
تىللا
1493
تۆھپە
776
UID
26

تۆھپىكار

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 17:07:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    ئىمىنجان داۋۇت،  ئايشەمگۈل ئەخەت خەۋىرى: ئېلىمىز بىلەن چاۋشيەن بىرلىكتە ئىشلىگەن ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش›› ناملىق فىلىم 2011–يىلى 10–ئايدىن 12–ئايغىچە چاۋشيەندە سۈرەتكە ئېلىندى. بۇ چاۋشيەننىڭ تۇنجى قېتىم باشقا دۆلەت بىلەن بىرلىشىپ كىنو ئىشلىشى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭمۇ چاۋشيەن بىلەن تۇنجى قېتىم ھەمكارلىشىپ كىنو ئىشلىشى. ‹‹تەڭرىتاغ›› كىنو ئىستۇدىيەسىنىڭ 1–دەرىجىلىك رېژىسسورى شېرزات ياقۇپ ئېلىمىزدىن بۇ فىلىمنىڭ باش رېژىسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندى. بۇ يىل 4–ئايغىچە بۇ فىلىمنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى كېسىپ ئۇلاش، كىرىشتۈرۈش تاماملاندى، 6–ئاينىڭ باشلىرىدا چاۋشيەندە بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
    فىلىمدە چاۋشيەن ئۇسسۇلىغا ئىشتىياق باغلىغان جۇڭگولۇق قىزنىڭ سەنئەت ئۆمىكى تەركىبىدە چاۋشيەنگە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا بارغانلىقى ھەمدە بۇ مەزگىلدە چاۋشيەن خەلقىنىڭ داڭلىق ئەنئەنىۋى سەنئىتى ‹‹ئارىراڭ››نىڭ رېژىسسورى بىلەن ئۇچراشقانلىقى باش لىنىيە قىلىنىپ، ‹‹ئامېرىكا–چاۋشيەن ئۇرۇشى›› مەزگىلىدىكى جۇڭگو – چاۋشيەننىڭ دوستلۇقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
    شېرزات ياقۇپ ئىلگىرى ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008–يىلى››، ‹‹گۈلبېكە››، ‹‹ئۈرۈمچى ئاسمىنى›› قاتارلىق فىلىملەرگە رېژىسسورلۇق قىلىپ، كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىم ئۇ ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش›› فىلىمىگە رېژىسسورلۇققا تەكلىپ قىلىندى ھەمدە تۇنجى قېتىم كىنوچىلىق ساھەسىدە دۆلەت ھالقىدى. ئۇنداقتا، ئۇ قانداق بولۇپ ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش›› فىلىمىگە رېژىسسورلۇققا تاللاندى، بۇ فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىش ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا قانچىلىك ئورۇن تۇتىدۇ، ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش››نىڭ ئالدى–كەينىدە يەنە قانداق ئىشلار بار؟
    بىز مۇشۇ مەقسەتتە چاۋشەندىن يېقىندا قايتىپ كەلگەن شېرزات ياقۇپنى زىيارەت قىلدۇق.
    مۇخبىر: ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش›› ناملىق فىلىمگە قانداق بولۇپ رېژىسسورلۇققا تاللىنىپ قالدىڭىز؟
    شېرزات ياقۇپ: بۇلتۇر 6–ئايدا بېيجىڭدىن بىزنىڭ ئىدارىگە چاۋشيەن بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەيدىغان بىر فىلىم بارلىقى، بۇ فىلىمگە مېنىڭ رېژىسسورلۇق قىلىشىمنى تەۋسىيە قىلىپ خەۋەر كەلدى. مەن بېيجىڭغا تېلېفون بېرىپ بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈردۈم ھەم كىنوچىلىق ساھەسىدىكى لى شۈيخې دېگەن كىشىنىڭ ‹‹ئامېرىكا–چاۋشيەن ئۇرۇشى›› تېما قىلىنغان بىر سېنارىيە يازغانلىقىنى، بۇ فىلىمنى ئېلىمىز ۋە چاۋشيەننىڭ بىرلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇم. ئۇلار مېنى مۇشۇ فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. مەن سېنارىيەنى كۆرۈپ ، سېنارىيەنىڭ مېنىڭ ئىجادىيەت ۋە رېژىسسورلۇق ئۇسلۇبىمغا تازا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. لېكىن بۇ ئىشقا مەسئۇل بولغان ئىكەنمەن، چوقۇم ھۆددىسىدىن چىقىشىم كېرەك . شۇڭا، مەن سېنارىيە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەردىم. سېنارىيە ئاپتورى تەلىپىم بويىچە چاۋشيەندە بىر مەزگىل تۇرۇپ، چاۋشيەن ۋە چاۋشەن خەلقى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز چاۋشيەنلىكلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ناخشا–ئۇسسۇل سەنئىتى ‹‹ئارىراڭ››نى ئاساس قىلىپ، ‹‹ئامېرىكا–چاۋشيەن ئۇرۇشى››مەزگىلىدىكى جۇڭگو–چاۋشيەن دوستلۇقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان سېنارىيەنى تاماملىدۇق. ئاندىن چاۋشيەنلىك بىر رېژىسسور بىلەن مەن بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق.
    مۇخبىر: ئېلىمىزدە داڭلىق رېژسسورلار كۆپ تۇرۇقلۇق، بۇ فىلىمنىڭ رېژىسسورلۇقىغا سىزنىڭ تەكلىپ قىلىنىشىڭىزدىكى سەۋەب نېمە؟
    شىرزات ياقۇپ: بۇرۇن ئىشلىگەن كىنولىرىم ۋە ئۇسلۇبىم ئاساسلىق ئورۇندا تۇردى، دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ، ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008–يىلى››، ‹‹گۈلبېكە››، ‹‹ئۈرۈمچى ئاسمىنى›› قاتارلىق فىلىملەردىن كەسىپداشلار مېنى بۇ ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ، دەپ ئويلىغان بولسا كېرەك.
    مۇخبىر: بۇ سىزنىڭ تۇنجى قېتىم چەت ئەلدە فىلىم ئىشلىشىڭىزمۇ؟ بۇ جەرياندا سىزگە بېسىم ئېغىر بولغاندۇ؟
    شىرزات ياقۇپ: بېسىم ئېغىر بولدى. چۈنكى، بىرىنچىدىن، بۇ ئېلىمىزدە ئەمەس، بەلكى چەت ئەلدە تاماملايدىغان ۋەزىپە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن چاۋشيەننى كىتاب، ماتېرىياللاردىن، تېلېۋىزورلاردىنلا بىلگەن ھەم چۈشەنگەن. شۇنداق بولسىمۇ بۇ مەن ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان چېنىقىش پۇرسىتى، ئۆگىنىش، كەسىپتە يۈكسىلىش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىدىن، بۇ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ تۇنجى قېتىم بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى، چاۋشيەننىڭمۇ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەت ئەل بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن فىلىمى. شۇڭا بۇ چاۋشيەننىڭ ئىلگىرىكى تۈزۈلمىلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، كىنوچىلىقتا باسقان تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا فىلىمنى ئىككى تەرەپ رازى بولغۇدەك دەرىجىدە ئىشلەش كېرەك . بىر فىلىمنى ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن. شۇڭا، مەن بۇ فىلىمنى ئىككى دۆلەتتىكى كۆرۈرمەنلەرنى رازى قىلغۇدەك ئىشلىسەمكەن، دېگەن ئويدىلا بولدىم. ئۈچىنچىدىن، بۇ فىلىمگە مۇشۇ ساھەدە خېلى ئۇتۇق قازانغان خۇسۇسىي كارخانىلار مەبلەغ سالغان. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىزگە نىسبەتەن فىلىمنى ئىشلەپ بولۇشقا قويىدىغان ۋاقىت ۋە سۈپەت تەلىپى كۈچلۈك. شۇنداق بولغاچقا، مەن فىلىمنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە مەبلەغ سالغۇچىنىڭ مەنپەئىتىنى تەڭ ئويلىشىشىم زۆرۈر. دېمەك، مەن يۇقىرىقىدەك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، فىلىمنى ئىككى دۆلەت كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجى، تارىخىي پاكىتلارغا ماس ھالدا ئىشلەشكە تىرىشتىم. ۋەقەنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، زامانىۋى كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىمۇ قوللانمىدىم. ئامالنىڭ بارىچە چىنلىققا ھۆرمەت قىلىپ، شۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىق تەرەپلىرىنى ئىپادىلىدىم. قىسقىسى، بۇ فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىنىش ئۇسلۇبىدا يېڭىلىق يارىتىلغاچقا، چاۋشيەن خەلقىمۇ رازى بولدى.
    مۇخبىر: بۇ فىلىمنى ئىشلەشتىن بۇرۇن چاۋشيەن فىلىملىرىگە بولغان چۈشەنچىڭىز قانداق ئىدى؟
    شېرزات ياقۇپ: بىز كىچىك ۋاقىتلاردا ‹‹گۈل ساتقۇچى قىز›› ناملىق فىلىم چاۋشيەندە زور ئۇتۇق قازانغان ھەم ئېلىمىزدىمۇ زور دەرىجىدە ئالقىشلانغان ئىكەن. سەبىي چاغلىرىمدا بۇ كىنونى مەنمۇ ياقتۇرغان، مەندە چاۋشيەن دېگەن ئۇقۇممۇ شۇ ۋاقىتتا شەكىللەنگەن. مەن بۇ قېتىم چاۋشيەنگە بارغاندىن كېيىنمۇ ئۇ يەردىكى كىشىلەر بىلەن بۇ كىنو ھەققىدە كۆپ پاراڭلاشتىم. ئۇلاردىن شۇ كىنونىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاڭلدىم. بىز چاۋشيەن خەلقىگە ‹‹مۇھەممەدنىڭ 2008–يىلى››، ‹‹مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان››، ‹‹مۇھەممەد ھەققىدە پاراڭ›› قاتارلىق كىنولىرىمىز ئارقىلىق تونۇشلۇق ئىكەنمىز. مەيلى قانداقلا بولسۇن، ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش››نى ئىشلەش جەريانىدا، مەن چاۋشيەننى، تېخىمۇ مۇھىمى، چاۋشيەن خەلقىنى چۈشەندىم.
    مۇخبىر: ئۇقۇشىمىزچە، فىلىمدىكى ‹‹ئارىراڭ›› ناملىق ئۇسسۇلنى 100مىڭ كىشى ئورۇنلايدىكەن، بۇ كۆرۈنۈشكە راستىنلا 100 مىڭ كىشى قاتناشتىمۇ؟
    شېرزات ياقۇپ: شۇنداق، 100 مىڭ كىشى قاتناشتى. چاۋشيەندە ھەر يىلى 100 مىڭ كىشىلىك ‹‹ئارىراڭ›› پائالىيىتى بىر ئاي ئۆتكۈزۈلىدىكەن. پائالىيەتكە ھەر ئائىلىدىن بىردىن ئىككىگىچە ئادەم قاتنىشىدىكەن ھەم بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇلار ئۈچۈن شەرەپ ھېسابلىنىدىكەن. دېمەك، ئۇسسۇل ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ روھىنى، جۈملىدىن شۇ مىللەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ‹‹ئارىراڭ›› دەل چاۋشيەن خەلقىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم ئامىل، شۇڭا، فىلىم ۋەقەلىكىمۇ مۇشۇ سەنئەت شەكلىنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
    مۇخبىر: ئىلگىرىكى فىلىملىرىڭىزگە سېلىشتۇرغاندا، بۇ فىلىمدە رېژىسسورلۇق ئىقتىدارىڭىزنى قانچىلىك جارى قىلدۇردىڭىز؟
    شېرزات ياقۇپ: مەن ئىشلىگەن فىلىملەردە ئىنساننىڭ قەلبىدىكى بىر خىل گۈزەللىكنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىمەن، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرمەيدىغان، سۆيمەيدىغان ئىنسان يوق. شۇڭا، ئېلىمىزدە مېنىڭ فىلىم ئىشلەش ئۇسلۇبىمنى ياخشى كۆرىدىغان بىر تۈركۈم كۆرۈرمەن ۋە كەسىپداشلار بار. ئۇلار مېنى كىنوچىلىق ساھەسىدە ‹‹ئىللىق ئېقىم›› تىپىدىكى رېژىسسورلارنىڭ ۋەكىلى، دەپ قارايدۇ. بۇرۇن ئىشلىگەن كىنولاردا ئۆزىمىزنىڭ يېنىدا، ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلىك تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇ فىلىمگە مېنىڭ رېژىسسور بولۇپ تاللىنىشىمدىكى سەۋەبمۇ مېنىڭ كۆزۈم ئارقىلىق ئۆزلىرى بىلەن يەنە بىر خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈش ۋە مېنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىم ئارقىلىق شۇ خەلقنى چۈشىنىش. بۇ كىنوچىلىق ساھەسىدىكى يېڭىچە ئۇسلۇب. شۇڭا، مەن بۇ فىلىمدە شۇ مىللەتنىڭ روھىنى كۆرۈرمەنلەرگە يەتكۈزۈشۈم كېرەك. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈش كېرەككى، ئىنسانلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا، گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئوخشاش بولىدۇ. ھەر قانداق ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، تۇرمۇشىنى ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىككە ئىگە قىلىشقا ئىنتىلىدۇ. دېمەك، شۇ جەرياندىكى روھىي ھالەتنى چىڭ تۇتالىساقلا، شۇ خەلقتىكى بىر خىل روھ ۋە ھالەتنى جانلىق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. بۇ كىنودىمۇ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئاشۇنداق بىر روھ تەسۋىرلىنىدۇ. بىر ئەسەرنى يارىتىشتا ئۇنىڭدىكى روھنى قېزىپ چىقالىساق، بۇ ئەسەر ئالقىشلىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالالايدۇ. فىلىم چاۋشيەندە قويۇلغاندىن كېيىن مۇتەخەسسىسلەر، كۆرۈرمەنلەر ھەر خىل باھالارنى بەردى. بۇ كىنودا پەقەت ئىككى ئۇسسۇلچىنىڭ ئۇسسۇل ئارقىلىق قەلبىنى ئىپادىلىگەنلىكى، بىر–بىرىنى چۈشەنگەنلىكى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇلارمۇ گۈزەللىككە ئىنتىلىدۇ، دوستلۇققا ئىنتىلىدۇ. بۇ كىنونى چوڭلار كۆرسە ‹‹ئامېرىكا–چاۋشيەن ئۇرۇشى›› مەزگىلىدىكى ئىشلارنى ئەسلەيدۇ؛ ياشلار كۆرسە ‹‹ئارىراڭ›› ئۇسسۇلىدىكى گۈزەللىكتىن زوق ئالىدۇ.
    مۇخبىر: ئىلگىرى ئىشلىگەن فىلىملىرىڭىز ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. سىز ‹‹پيۇڭياڭدىكى ئۇچرىشىش››نى ئىشلىگەندىن كېيىن، كەسپىي ھاياتىمدا يۈكسىلىش بولدى، دەپ قارامسىز؟
    شىرزات ياقۇپ: ئۇنداق قارىمايمەن. راست گەپنى قىلسام، بۇ فىلىمگە رېژىسسورلۇق قىلىش كەسپىي جەھەتتىن مەندە بىر خىل خىرىس پەيدا قىلدى. چۈنكى، يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمدەك، بۇ مەن ئۈچۈنمۇ، ئىككى دۆلەت ئۈچۈنمۇ تۇنجى ھەم مۇھىم ئىش. مەن تاكى چاۋشيەندە بۇ فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنگە قەدەر دەككە– دۈككىدە يۈردۇم. فىلىم چاۋشيەندە قويۇلۇپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەندىن كېيىن كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى.
    

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
قاراقاش + 15很给力!
Erkman + 20赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 35  باھا خاتىرىسى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6191
تۆھپە
3172
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 17:16:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە ئۆرۈم قىلىدىغانلار ئۆتە پىخسىقلاردىن ئىكەن، نەچچە دوللارلا بېرىپ بولدى-قىلىدىكەن، مەندەك 20 دوللارنى ئايىمايدىغانلاردىن يەنە كىم بار؟


ئۇشبۇ جاھانكى ئىككى ئىشىكلىك قەسىرگە ئوخشار،
بىرىدىن نەچچىسى كىرىپ، بىرىدىن شۇنچە چىقار.
http://trgm.lingdi.net

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1275
تۆھپە
483
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:03:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان خەۋەر ئىكەن ، ئاتاقلىق رىژىسسور شېرزات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ تېخىمۇ ئېسىل كىنو  فىلىملىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز !


Rank: 6Rank: 6

تىللا
454
تۆھپە
307
UID
4104
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:33:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 17:16
بۇ مۇنبەردە ئۆرۈم قىلىدىغانلار ئۆتە پىخسىقلاردىن ئىكە ...

ھە؟ گىپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟


Rank: 4

ئىسىمى
ئۇبۇل ھەسەن
تىللا
511
تۆھپە
130
UID
2851
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 18:37:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە!!!!!!!!!!!!!!!


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 20:26:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانداق بۇ .ئەمدى چۇشەنمىدۇق.شىرزات ياقۇپ ئەپەندىنىڭ تىخمۇ يىڭى ئەسەرلەرنى  ۋۇجۇتقا كەلتۇرشىگە چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن.


Rank: 6Rank: 6

تىللا
757
تۆھپە
405
UID
780
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 21:01:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرزات ياقۇپ رىجىسسۇرلوق قىلغان ‹بۇ چۇش ئەمەس›‹ئالىمجان بۇلىمسىزمۇ؟››قاتارلىق كىنۇلار بەك ئىسىل چىققان ،،،قابىلىيەتلىك رىجىسسۇر ،،،شىرزات ياقۇپنىڭ جۇڭگۇ -چاۋشىيەن دۇسلىقىنى ئىلگىرى سۇرۇشتەك بۇ مۇقەددەس شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ شىرزات ياقۇپقا يۇكلەنگىنى كاتتا ئىش بۇپتۇ..


Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
14
UID
21462
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 22:31:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ قالتىس ئىش بوپتۇ شېرزات ئەپەندىگە تېخىمۇ چوڭ مۇۋاپىقىيەتلەرنى تىلەيمىز !~
مۇبارەك بولسۇن شېرزات ئەپەندى!~


Rank: 3Rank: 3

تىللا
193
تۆھپە
100
UID
5867
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 22:37:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 17:16
بۇ مۇنبەردە ئۆرۈم قىلىدىغانلار ئۆتە پىخسىقلاردىن ئىكە ...

مەنمۇ چۇشىنەلمىدىم غۇ ؟


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
قاراقاش
تىللا
1076
تۆھپە
459
UID
312
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-24 23:02:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erkman يوللىغان ۋاقتى  2012-7-24 17:16
بۇ مۇنبەردە ئۆرۈم قىلىدىغانلار ئۆتە پىخسىقلاردىن ئىكە ...

بىزمۇ بېرىمىز بىزمۇ بار .ماڭاقىلغاندەكلا ئۆتتىغۇ ما گەپ


مەن ئاپامنىڭ ئاپپاق قاغىسى، يۇمشاق كىرپىسى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 14:23, Processed in 0.084513 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991