گۈلنەزەر ئىلگىرى جوۋشىڭچى بىلەن ھەمكارلىشىشنى رەت قىلغان
سوخۇتورىنىڭ2012-يىلى7-ئاينىڭ20-كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئىيتىلىشىچە:(
مۇھىم مەزمۇنلار ئىخچاملاپ يېزىلدى)
2011-يىلى2-ئايدا،بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتودىنىڭ ئاكتىيورلىق ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، گۈلنەزەرنىڭ مۇلايىم ۋە گۈزەل قەددى-قامىتى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ،ئىمتىھان مەيدانىدىن چىقىشى بىلەنلا ئاخبارات مۇخبىرلىرى ۋە فوتوگرافلارنىڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ،شۇنداقلا نۇرغۇن كىنوشىركىتى خىزمەتچىلىرىنىڭ سىناپ بېقىش تەكلىپلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
بۇتەكلىپلەرنىڭ ئىچىدە،
جوۋشىڭچى رېجىسسورلىق قىلغان بىركىنومۇ بار بۇلۇپ، بۇ يېڭىدىن مەيدانغا چىققان گۈلنەزەرنىڭ داڭلىق چولپان بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت كەلگەنلىكىدىن دېرەك بىرەتتى،بۇنداق ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشكەن گۈلنەزەر خۇشاللىق بىلەن فىلىم مەيدانىغا بارىدۇ،
سىناپ ئورۇنلاش جەريانىدا ئۇ تۇيۇقسىز جوۋشىڭچىدىن يۈز ئۆرۈپ، بۇ پۇرسەتنى تاشلاپ،فىلىم مەيدانىدىن يۈزىنى ئەتكىنىچە يۈگۈرۈپ چىقىپ كىتىدۇ.بۇ ئىشتىن كىيىن ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارلىشىچە، گۈلنەزەر ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولۇپ،بۇ فىلىمدىكى بىرقىسىم تەپسىلاتلار ئۇنىڭ دىنىىي ئېتقادى ۋە ئۆرپى-ئادىتىگە زىت كېلىپ قالغاچقا،گۈلنەزەر قوبۇل قىلالمىغان،ئۆز ئېتىقادى ئۈچۈن ، داڭدار چولپانغا ئايلىنىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىدۇ. بۇنىڭدىن نۇرغۇن قوللىغۇچىلىرى ئەپسۇسلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ مىللىي ئىتقادىنى ساقلاشتىكى ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكىدىن تەسىرلىنىدۇ.سوخۇ تورىدىكى ئەسلى خەۋەر:http://yule.sohu.com/20120720/n348677056.shtml 