تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 18938|ئىنكاس: 24

سۈرەتلىك ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
5480
تۆھپە
542
UID
62

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 17:00:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۈرەتلىك ھېكايە


Qurban M_8051.jpg

1. بۈگۇن چۈشكە يېقىن ئايالىم تاپشۇرغان مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئورۇنداش ئۈچۈن بالكوندىكى ئوچاق بېشىغا چىقىپ ، تاماق تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدىم . كۆزۈم ئالدىمىزدىكى بىنا بىلەن بىز ئولتۇرغان بىنانىڭ ئارىلىقىدىكى كەپە ئۆينىڭ ئۆگزىسىدە يۈرگەن ئىككى ئادەمگە چۇشۇپ قالدى . سىنچىلاپ قارىسام ئۇلار بىزنىڭ رايونىمىزنى باشقۇرىدىغان ئاھالىلار كومېتىتىنىڭ ئىككى كادىرى ئىكەن . ئۆگزە ھەر خىل ئەخلەت بىلەن تولغان بولۇپ ، ئىككەيلەن ئەخلەتنى تازىلاشقا باشلىدى . مەن بۇ بىر ياخشى ئىش ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ ، دەرھال ئاپپاراتىمنى ئېلىپ چىقىپ ، ئۇلارغا تۇيدۇرماستىن سۈرەتكە تارتىپ قويدۇم .



Qurban M_8050.jpg


2.   مەن ئاشخانىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتاتتىم . ئۇلار ئالدىرىمايتتى ، بىردەم ئۇنى يىغسا بىردەم سۈپۈرۈپ قوياتتى ، ئاندىن تېلېفوندا سۆزلۈشۈپمۇ قوياتتى. بىرەيلەن قولىدىكى ئىشنى توختۇتۇپ قويۇپ ، يانچۇغىدىن بىر نەرسە ئېلىپ ، ئالدىدىكى ئەخلەتكە توغرىلاۋاتاتتى . قارىسام بالا ئاپپارات بولۇپ ، ئەخلەتنى سۈرەتكە تارتىشقا تەمشىلىۋاتاتتى . مەن دەرھال ئاپاراتىم بىلەن بۇ كۆرۇنۇشنى خاتىرىۋالدىم . كۆڭلۇمدە «ئۇ قانچىلىك ئەخلەتنى تازىلىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىنى قالدۇرىۋاتقان بولسا كېرەك» دەپ ئويلاپ ئىشىمنى قىلىۋەردىم .



Qurban M_8065.jpg

Qurban M_8067.jpg


3.    ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدىغاندەك قىلاتتى . ئۇلار يەنە قولىدىكى ئىشنى توختاتتى . مەن يەنە نېمە ئىش يۈز بېرەر دەپ ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرسام ، ھېلىقى ئاپپاراتى بارى يانچۇقىدىن ئاپپاراتىنى چىقىرىپ ، يەنە بىرسىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ، ئۆزى سۈپۈرگىنى تۇتۇپ مەغرۇر ئەمگەك قىلىۋاتقان قىياپەتتە سۈرەتكە چۈشتى ، ئىككىسى ئالمىشىپ يەنە بىرسى بولسا گۈرجەك بىلەن ئەخلەت يېغىۋاتقان قىياپەتتە سۈرەتكە چۈشتى . كۆز ئالدىمدىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر گەرچە مېنى بىر كۈلكىگە قىستاپ ، بىر ئاللىقانداق خىياللارغا كەلتۇرگەن بولسىمۇ يەنىلا چاقماق تېزلىگىدە خاتىرىلەپ ئالدىم .

Qurban M_8070.jpg

Qurban M_8071.jpg


4.   ئىش يەنە ئالدىرىماي داۋاملىشىۋاتاتتى ، مېنىڭمۇ ئەتكەن ئېشىم پىشاي دەپ قالغان ئىدى . ئۇلار ئەخلەتنىڭ كۆپ قىسمىنى خالتىغا قاچىلاپ تۆۋەنگە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ، يەنە نېمىلەرنىدۇر ئويلىغاندەك قىلىپ ، قولىغا ئاپپاراتىنى ئېلىپ ، پاكىزرەك قىلغان يەرنى سۈرەتكە تارتىپ ، قىلىپ بولالمىغان قىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇپ ، ئۆگزىدىن چۈشۈپ كەتتى ...



Qurban M_8072.jpg


5.    مەنمۇ بىراز ئەخلەت بىلەن قالغان ئۆگزىنى ئاخىرقى قېتىم بىر پارچە سۈرەت تارتىپ بولۇپ ، چوڭقۇر ئويغا غەرق بولغان ئىدىم .... ئەگەر دەۋىرداش بولغان بولساق ئوي پىكرىمىزدە كۆپ پەرق بولمايدۇ .  دەۋىرداش بولمىساق ، ياش جەھەتتە پەرقىمىز بولسا ئەلۋەتتە پىكىر خىيالىمىز ئوخشاش بولمايدۇ . قېنى يۇقارقى كارتىنە سىزدە قانداق تەسىرات ۋە ئوي پىكىر پەيدا قىلدىكىن ؟   

تەتقىتنى قوبۇل قىلغانلىق ، ئالغا باسقانلىق .
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
404
تۆھپە
133
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 18:15:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا رەسمىيەتكە قىلغان ئىشتەك قىلامدۇ نېمە؟

Rank: 4

تىللا
391
تۆھپە
202
UID
14497
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 19:08:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ ماختىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق پۇل ۋە ھوقۇققا ئېرىشىشنى ئويلايدىغان بولۇپ كەتتى. يېقىندىن بۇيان پەيدا بولغان ھەرخىل تىپتىكى نەمۇنىچىلارنىڭ مەقسىتىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەك تەس.

Rank: 2

تىللا
79
تۆھپە
10
UID
17415
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 19:51:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ پاكىزە تازىلاپ قويۇپتۇ،بۇ روھىدىن ئۆگۈنۈشكە ئەرزىيدۇ....ھازىر ھۆكۈمەتكە ئىشلىمەك تەس بوپ كەتتى،ھېلى ئۇ ئەمگەك دىگەن ھېلى بۇ تەشۋىقات  دىگەن .ئامال يوق ،بىزمۇ بەزىدە يالغانچىلىقتىن نېرى بولالمايمىز.

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 20:05:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىپ قىزىللا كۈز بويامچىلىققۇ بۇ . لىكىن نىمىلا بولسۇن ھەر ھالدا ئۇ يەر تازلىنىپ قالدى.

Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 22:05:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىق ئىشتە بۇ .خەقنىڭ ئۆگسىگە تاشلىغىچە ئەخلەت ساندۇغىغا تاشلىسا بولمامدۇ ئەخلىتنى ئاۋۇ  بىادىكىلەرمۇ.

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سەرۋى
تىللا
1271
تۆھپە
479
UID
15884
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 22:13:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماختىنىش ياكى بىرەر نەپكە ئېرىشىش ئۈچۈن  قىلىنغان ياخشى ئىش  ئادەمگە  ھەقىقى خۇشاللىق بېغىشلىيالمايلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنى ئادىمىلىكتىن يىراقلاشتۇرىدۇ .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 01:51:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق قىلغانلار بەكلا جىق تۇرسا ~!
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 8Rank: 8

تىللا
1224
تۆھپە
799
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 16:05:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ‹قاپاق پۇل ئەمەس، باراڭ پۇل› دېگەنگە ئوخشاش ئىشلار بەك كۆپ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★Jackie★  تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 16:05  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
604
تۆھپە
304
UID
5645

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-18 16:23:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ ئۇزىنى كۇرسىتىش ئەڭ ئاقىدىغان ھۇنەر بوپ قالدى.ئۇلار جوڭگونى تەسىرلەندۇرگەن
نۇلدىن تۇۋەن بىرىنچى شەخس بوپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KAPITA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-18 16:25  

ياشلىقىڭدا توت ئۈزۈڭنى گۈلۈڭ كۈندە ئېچىلماس،پۇشايماننىڭ  قاچىسى قېرىغاندا تېپىلماس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:04, Processed in 0.087641 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991