تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 40579|ئىنكاس: 49

ئەر ئايالدىن چوڭ بولسا، نىكاھ مۇستەھكەم بولىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تىللا
405
تۆھپە
134
UID
5032

ئاۋانگارت ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلىنازۇك

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:02:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەر ئايالدىن چوڭ بولسا، نىكاھ مۇستەھكەم بولىدۇ




2531170_152326791274_2.jpg



      ياۋروپادىكى ئالىملارنىڭ يېقىندا بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدكى ياش پەرقى نىكاھنىڭ مۇستەھكەم بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل ئىكەن. ئۇلار 1534 جۈپ ئەر - خوتۇننى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە يۇقىرى مەلۇماتلىق، نىكاھتىن ئاجرىشىش تارىخى بولمىغان، مۇھىمى ئەرنىڭ يېشى ئايالدىن باش ياش چوڭ بولغاندا، نىكاھنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقى خۇلاسىلەپ چىقىلغان.
      تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئەر ئايالدىن بەش ياش چوڭ بولغاندا، ئارىدا ئاسان زىددىيەت كۆرۈلمەيدىكەن. ئۇلارنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش نىسبىتى باشقىلارنىڭ ئالتىدىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشىقا، ۋىيېنا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پىروفېسسورىمۇ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئەر ئايالدىن 15 ياش ئەتراپىدا چوڭ بولسا، پەرزەنتى ئاز بولسىمۇ، تۇرمۇشى ناھايىتى بەختلىك ئۆتىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئەرلەر ئاياللاردىن چوڭ بولسا، نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولىدىغانلىقى نۆۋەتتىكى بىرقانچە نۇقتىدا گەۋدىلىنىدىكەن:
      1. ئاياللارنىڭ «ئۈچى بىر گەۋدىلىشىش» ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشىدىكەن، يەنە ئاياللار ئاتىسىدەك پىشقان، قېرىندىشىدەك مېھرىبان، دوستىدەك تېتىك ئەرنىڭ ئۆزىگە مەڭگۈلۈك ھەمراھ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
      2. ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ ئەرلەرنىڭ بەلگىلىك ئىقتىسادىي ئاساسى بولىدۇ، شۇ سەۋەبلىك ئەر - خوتۇن ئارىسىدا ئىقتىسادىي ماجىرانىڭ كېلىپ چىقىش نىسبىتى تۆ’ۋەن بولىدىكەن.
      3. ئۆيدە جېدەل ئاز بولىدىكەن، چۈنكى ئەر چوڭ بولسا، ئايالىنى ئىززەتلەپ ئۆتىدىكەن، ئاياللارمۇ تەبىئىي ھالدا ئەرگە بويسۇنىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئائىلىدە ئۈستۈنلۈك تالىشىش مەۋجۇت بولمايدىكەن، بىراق تەتقىقاتچىلار بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئەرلەر تەڭتۇش ياكى ئۆزىدىن چوڭ خوتۇن ئېلىشىنى ئىنكار قىلمىغان، ئەكسىچە تەڭ ياشتىكىلەر توي قىلسا، پىكىر ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولىدۇ، ئۆ〗زىدىن چوڭ خوتۇن ئالغانلارمۇ ئوخشاشلا بەختلىك بولىدۇ، دەپ قارىغان.

مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ۋېناس
تىللا
265
تۆھپە
35
UID
6112
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:14:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەيمەن.يېشى چوڭراق ئەرلەرنىڭ  ئاسراش،قەدىرلەش،مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wenas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-16 17:14  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1239
تۆھپە
808
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:20:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5-6ياش ئەتىراپىدا چوڭ بولسا مېنىڭچە مۇۋاپىق. لېكىن 15-16ياش چوڭ بولسا..........
ھـــەي، قانداق بولار جۇمۇ.....


Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەت ئابدۇرېھىم
تىللا
504
تۆھپە
79
UID
112
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:26:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا ما  تېمىنى ئۇقۇمىسام بوپتىكەن، مەن قاقۋاش بىكاردىن بىكا ر جىم تۇرالماي ئۆزۈمدىن 2-3 ياش چوڭ بىر قىزغا كۆيۈپ قالغان ئىدىم 15 كۈننىڭ ئالدىدا، ئاكام ئاڭلاپ تازا قاقشىدى ،نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرسام، ئا قىز ئەمدى سىزگە كۆيۈپ قالغان ئوخشايمەن، كېچىسى ئۇيقۇم كەلمىدى دەپ تېلېفون قىلىپ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ،«ئەر ئايالدىن چوڭ بولسا، نىكاھ مۇستەھكەم بولىدۇ،'»غان ئىش بولسا،«ئايال ئەر دىن چوڭ بولسا، نىكاھ قانداق بولار»،ئاران بىر خوتۇن ئالاي دېگەندە، خان بېسىمى قىلدىغۇ ماۋۇ تېما.







Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
5
UID
21034
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:28:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئايالىمدىن بىر ياش چوڭ


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1239
تۆھپە
808
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:32:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ھېكايە بار

90ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي بىر كۈنى دوختۇرنىڭ قېشىغا ناھايىتى ئاچچىقى بىلەن كىرىپ كەپتۇ،
- دوختۇر، 3يىلنىڭ ئالدىدا مەن پەرزەنتلىك بولۇش پىلانىمنى دېسەم، سىز ماڭا ئەمدى بۇخىيالنى تەرك ئېتىڭ دېگەن ئىدىڭىز؛ مەن ئالدىنقى يىلى 30ياشلىق بىر گۈزەل نازىنىن بىلەن توي قىلغان، ئايالىم تۈنۈگۈن پاقلاندەك بىر ئوغۇل يەڭگىدى. بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟
دوختۇر تەمكىنلىك بىلەن،
- سىزگە بىر ھېكايە سۆزلەپ بېرەي ئاڭلاڭ-ھە!!! بۇرۇن بىر ئوۋچى بولۇپ، بىر كۈنى ئۇ كېچىدە ئوۋغا چىقماقچى بوپتۇ ۋە قاراڭغۇدا بايقىمايلا مىلتىقنىڭ يېنىغا قويۇپ قويغان كۈنلۈكنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئوۋچى ئورمانلىققا كېلىشىگە بىر شىر ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەپتۇ، ھودۇقۇپ كەتكەن ئوۋچى كۈنلۈكنى ئۈنىڭغا توغىرلاپ تەپكىسىنى بىرلا بېسىپتىكەن، ‹پاڭ› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىر پاي ئوق ھېلىقى شىرنىڭ جېنىنى ئاپتۇ.......
ھېكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بوۋاي سەكىرەپ كېتىپتۇ،
- مۇمكىن ئەمەس، ئۇشىرنى قاراڭغۇ يەردە مۆكۈپ تۈرغان باشقا ئوۋچى ئاتقان..........
دوختۇر تەمكىنلىك بىلەن مۇنداق دەپتۇ،
- شۇنداق، ئۇشىرنى باشقا ئوۋچى ئاتقان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★Jackie★  تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-16 17:33  



Rank: 8Rank: 8

تىللا
1239
تۆھپە
808
UID
4983

جانلىق ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:33:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ خوتۇنۇم مەندىن ‹2ياش› لا كىچىك.


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1175
تۆھپە
1001
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 17:41:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھ بۇ قانداق بولغىنى . مەنمۇ ئايالىمدىن پەقەت بىر ياشلا چوڭ.شۇڭا كىچىكىرىك بىرەرسىنىڭ پىيغا.؟
رەىمەتناھايىتى ياخشى تىمىكەن.يۇقارقىسى چاقچاق .ئايالىم بىلسىزە.چاتاق..


Rank: 4

ئىسىمى
شەپەرەڭ پالۋان
تىللا
450
تۆھپە
68
UID
380
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-16 19:10:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★Jackie★  يوللىغان ۋاقتى  2012-7-16 17:32
بىر ھېكايە بار

90ياشقا كىرگەن بىر بوۋاي بىر كۈنى دوختۇر ...

ماۋۇ ھېكايە بەك قىزىق ئىكەن جۇمۇ


Rank: 6Rank: 6

تىللا
883
تۆھپە
184
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-17 00:15:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئايالىم مەندىن بەش ياش  كىچىك.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-15 02:23, Processed in 0.085276 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991