تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 30107|ئىنكاس: 38

قايسسى ھەقىقىي ئىت؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
36
تۆھپە
10
UID
15693
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 15:04:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قايسىىسى ھەقىقىي ئىت (ھېكمەت)

(ھېكايە)


Beagle03.jpg


      بىر كۈنى ئىتىمىنى كوچىدا ئەركىلىتىپ تۇراتتىم، تۇيۇقسىز ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر جۈپ ياش قوشنامغا كۆزۈم چۈشتى، فىرانسيە گۈزەللىرىدەك تار ھەم قىسقا كۆينەك كىيگەن، چىچىنى ئاللىقانداقتۇر بىر ئېنىق بولمىغان رەڭلەردە بويىۋالغان ئايال، مەست بولۇپ ئارانلا مېڭىۋاتقان يولدىشىنى يۆلەشتۈرۈپ مەھەللە دوقمۇشىدىن كىرىپ كېلىۋاتاتتى. مەن ئانچە ھەيران بولمىغان نەزەردە سۇس قاراپ قويۇپ ئىتىمىنى ئەركىلىتىشنى داۋاملاشتۇردۇم.
      باشقىلار ئۆينى كۆتۈرۈپ كەتسىمۇ، مۆشۈك كىلىپ قۇيرۇقىنى چىشلەپ ئوينىسىمۇ جىملا تۇرىدىغان بۇ ئىت تۇيۇقسىزلا يېقىنلاپ كىلىۋاتقان ئۇ ئىككىسگە قاراپ، چىشلىرىنى چىقىرىپ خىرىس قىلىۋاتاتتى. «توۋا، نېمە كارامەت بۇ» دېدىم ئىچىمدە ھەم خىياللار ئىلكىگە غەرق بولدۇم، ئىتنىڭ زەنجىرى تۇيۇقسىزلا قولۇمدىن چىقىپ كەتتى، مەن ھەرقانچە چاقىرىپمۇ توسۇۋالالمىدىم، ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئىت بېرىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا گويا ئۇلارنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىۋاتقاندەك قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭلىتىپ ئەركىلەۋاتاتتى، ئايال ناھايىتى بىزار بولغان تەلەپپۇزدا:
      -ماڭە ھوي، سىڭكو. يوقال بۇ يەردىن، - دەپلا ناھايىتى بىزەپ گەپلەر بىلەن ئىتنى تىللاشقا باشلىدى، مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ بەك نومۇس قىلدىم، ياقامنى چىشلەپ، ئىتنىڭ زەنجىرىنى قولۇمغا ئالدىم - دە، ئىتنى ئۆي تەرەپكە قاراپ سۆرىدىم، ئىت زادىلا ماڭغىلى ئۇنىمىدى، گويا بۇ ئىككى قېرىندىشىدىن ئايرىلغۇسى يوقتەكلا، تۇيۇقسىز ئىت بىر پۇتىنى كۆتۈرۈپ، ئۇ ئايالنىڭ ئاپئاق يالىڭاچ پاچاقلىرىغا سىيىۋەتتى، «ئاپلا، چوڭ ئىش چىقىدىغان بولدى» دېدىم - دە، ئۇنى كۈچەپ تارتتىم، ئايالنىڭ پاچاقلىرىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئىت سۈيدۈكى ئايالغا يۆلىنىپ تۇرغان ئەرنىڭ ئىشتانلىرىغىچە ۋەيران قىلىۋەتكەن ئىدى.
      - كەچۈرۈڭلار، تولىمۇ سەت ئىش بولدى - دېدىم مەن ناھايىتى خىجىل بولۇپ، ئۇ ئايال مەست ئېرىنى قويۇۋېتىپ مەن تەرەپكە قاراپ قول شىلتىپ:
      - ھۇ،  ھارامدىن بولغان لامزەللە، سەن قەستەن قىلدىڭ، - بىر شاپىلاق يۈزۈمگىلا تەگدى، تۇيۇقسز تەگگەن بۇ شاپىلاق مېنى گاڭگىرىتىپ قويغان ئىدى. ئادەملەر يىغىلىشقا باشلىدى، ھەممە بىر نەرسىلەرنى دەپ پىچىرلىشىۋاتاتتى، مەن بۇنداق ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا كاچات زەربىسدىن قىزارغان يۈزۈمنى تۇتۇپ تۇرۇشىتىن بەكمۇ نومۇس قىلدىم ۋە ئىتنى ئېلىپ ئۆي تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا تەمشەلدىم، كىمدۇر بىرىنىڭ گەپلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە:
      - بىز بەك كۆپ قېتىم دېدۇق بۇ خەققە، - مەن ئىچىمدە خەلق بۇ خەقنى تازا ئەيىبلەشسۇن، خوپ بولدى دېدىم، لىكىن گەپنىڭ ئاخىرى ۋە مۇلاھىزىلەر مېنى بەكمۇ ھەيران قىلدى.
      - ئىت باقسا يامان بولىدۇ، ئىت بار ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، بۇ خەقلەرنى خېلى بىر مۇسۇلمان دەپ يۈرگەن. ئىت باقىدىكەن ئەمەسمۇ... توۋا، ئىت باقماڭلار، يامان بولىدۇ، دەپ جىق دېدۇق بولمىسا، بۇ ئىتنىمۇ خالتىغا سولاپ بىر قانچە قېتىم يىراققا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتۇق، يەنە قايتىپ كېلىۋاپتۇ دېمەمسىلەر، ئىت سۈيدۈكى تەكگەن ئىشتانداناماز ئوقۇش ھارام، ئىت پۇراپ قويسىمۇ... بۇنداق ئىت بېقىپ مەھەللىمىزگە پەرىشتە يېقىن كەلتۈرمەيدىغان بولۇشتى بۇ خەق، ... ھە شۇ گەپ، پەرىشتىلەر كەلمىگەچكە بىز خەقتە بەرىكەت يوق. ھالىمىز شۇ ...
      ئىتىنى ئادەملەر توپىدىن يىتىلەپ ئەپچىقتىم، ئالدىمدا تۇرغان بۇ تىلسىز جانىۋار راستىنلا شۇنچە چوڭ گۇناھلارنىڭ سەۋەبچىسىمىدۇ؟ اللە ياراتقان بۇ ھايۋاننى غۇبارسىز، پاك دەپ ئويلايتىمغۇ؟ ئادەملەر ئۇ ئىككى ئىتتىنمۇ بەتەر مەخلۇقنى ئۇنتۇشقان، كونا سەنەم بويىچە يامان بولىدۇلارنى باشلىغان ئىدى، زادى قايسىى ئىت بۇنىڭ بىلەن ھېچ كىمنڭ كارى يوق... ئاچچىق كۈلۈپ قويدۇم - دە، بۇ ئىتقا بولغان ئامراقلىقىم ھەسسلەپ ئاشتى، چۈنكى مەن بىر ھەقىقەتنى، يەنى بەزىدە ئىنسانلار بىر ئىتچىلىك بولالمايدىكەن، دېگەننى تونۇپ يەتكەن ئىدىم!...

      مەنبە: ھېكمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-12 16:23  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
20726
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 17:03:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاھا ندېكې كشلەر بولاپ كەتتي


Rank: 1

تىللا
30
تۆھپە
14
UID
20711
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 17:06:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى سېلىشتۇرما بوپتۇ،بىزلەردە مۇشۇنداق چوڭ گۇنالارغا سەل قارايدىغان كىچىك گۇنالارغا ياكى گۇنا بولمايدىغان ئىشلانى بەك كۆپتۈرۋېتىدغان ئەھۋاللار ھەقىقەتەن بار...


Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
20726
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 17:11:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 6Rank: 6

تىللا
853
تۆھپە
179
UID
20124
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-12 19:59:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ ئىتنى كۇچىدا ھىتلەپ نىمىش قىلار بوغىتىڭىز ،خەقنى دوراپ.ئويىڭىزدە باقسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى.


Rank: 3Rank: 3

تىللا
212
تۆھپە
74
UID
9972
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 00:10:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىت  ئىتنى كورسە قاۋايدۇ،


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1172
تۆھپە
1000
UID
18149

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 08:24:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئىلارمۇ بار دەڭ  بۇ ئېت ئۇلارغا نىمىدىن دىرەك بىرۋاتقان بولغىتى.تازمۇ چۇشنىك سىز بىر ئىش بوپتۇ.
ھەي ئالاھ ئىنسانلىرىڭنى توغرا يولغا باشلىغايسەن.


Rank: 1

تىللا
6
تۆھپە
2
UID
20781
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 11:33:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
3
UID
20844
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-13 22:49:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سەت



Rank: 6Rank: 6

تىللا
562
تۆھپە
270
UID
2910
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-14 11:58:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزمۇ  ئىتنى  زەنجىردىن  چىڭراق  تۇتۇپ  ئەكىرىپ  كەتمەي  ،  خەقنىڭ  
پاچىقىغا  سىيۋەتكىچە  قاراپ  تۇرغانمىدىڭىز ؟
ئىت  دىگەن  مال  بار  ئۆيدە  60  مىتىر  يىراقلىقتا  باغلاپ  باقىدىغان  تۇرسا
سىز  ئىتنى  ئۆيدە  باغلاپ  باقامسىز  ؟   مالنى  ئوغرى  ئەكىتىپ  قالماسلىقى  ئۈچۈن
ھويلىسىنىڭ  ئىچىگە  60  مىتىر  يىراقلىقتا  باغلايدۇ  .  مال  ۋاران  بولمىغان   ئۆيدە
ئىت  بىقشقا  بولمايدىكەن  .(  دىننى  ئۆلىمالاردىن  ئاڭلىشىمچە  )  .
مۆشۈك  پەيغەمبەرنىڭ  چاپننىڭ  پىشىدا  ئۇخلاپ  قالغاندا  ،  پەيغەمبىرىمىزنىڭ
مۆشۈكنى  ئويغىتىۋەتمەسلىكى  ئۈچۈن  پىشىنى  كىسىپ  بىرىپ  قوپۇپ  كەتكەن .
شۇڭا  ئۆيدە  مۆشۈكنى  باقسا  بولىدۇ .  ئەمما  ئىت  مۆشۈك  ئۆلتۈرگەننىڭ  گۇناھىدىن
اللە  ئىگەم  ئۆتمەيدىكەن .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:02, Processed in 0.085652 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991