تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 102646|ئىنكاس: 14

باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلغان تۇنجى ئۇيغۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 05:44:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


   جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتى — جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرىنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ سالاپىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى باش شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مۇنبىرىنى جانلاندۇرغان، يۈكسەك سەنئەت ئەخلاقىغا ئىگە، ئالاھىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن ئەدەبىيات-سەنئەت خادىملىرى ئىچىدىن «100 تۆھپىكار» نى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ باش سۈرىتىنى پوچتا ماركىسىغا بېسىپ، ئۇنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارا تارقاتتى. تونۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى، تۆھپىكار ژۇرنالىست نەسرۇللا ئابلەت «2010-يىلى — جۇڭگودىكى مەشھۇر سەنئەتكارلار» شەرىپىگە ئېرىشىپ، باش سۈرىتى پوچتا ماركىسىغا بېسىلدى. بۇ ئۇيغۇرلار تارىخىدا تېخى تۇنجى قېتىملىق ئىش.

نەسرۇللا ئابلەت 1946-يىلى 13-فېۋرال ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزا تېتىر كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى- كېيىن ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا مەدەنىيەت خىزمەت يېتەكچىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن، 2006-يىلى 5-ئايدا ئارامغا چىققان.

نەسرۇللا ئابلەت ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جاپاكەش تۆھپىكارى. ئۇ 1997-يىلى ئىئانە توپلاپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر شائىرى، ئۇلۇغ پېداگوگى، ئوت يۈرەك كومپوزىتورى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ 260 كىۋادرات مېتىرلىق خاتىرە سارىيىنىڭ سېلىنىشىغا زور كۈچ سەرپ قىلغان.

نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 950 پارچە شېئىرى، يەتتە پارچە داستانى ئېلان قىلىنغان. «ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە»، «مۇھەببەت ۋە رەزىللىك»، «كېپىنەك چۈشى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «يېشىل ياپراق»، «يامغۇر»، «سۆيگۈ شەجەرىسى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشر قىلىنغان. «غورۇر توزانلىرى»، «كۈلپەتلىك تەقدىر» قاتارلىق ئىككى پارچە رومانى، «نەسرۇللا ئابلەت ئوبزورلىرى» ناملىق توپلىمى، «ئەلۋىدا، قورال» ناملىق تەرجىمە رومانى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ 20 نەچچە پارچە شېئىر، داستانلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەدىبنىڭ توققۇز پارچە شېئىر، داستانلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئەسىر مۇھاكىمە تەشكىلىي ھەيئىتى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى، جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئەدەبىياتى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق ئەسەر باھالاشتا شائىر نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى»، «ئۈزۈك خىياللار»، «يامغۇر ناخشىسى»، «باھار خىياللىرى»، «تىلىكىم»، «بۇغداغا»، «قىرغاققا قاراپ»، «چىدام توغرىلىق ناخشا»، «دادا» (داستان) قاتارلىق ئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «جۇڭخۇا بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيەت ئىلاھى» دەپ تەرىپلەنگەن. يۇقارقى ئورۇنلار يەنە 2005-يىلى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر يازغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 2007-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئۇنىڭغا «تۆھپىكار» مۇكاپاتىنى، 2011-يىلى 4-ئايدا «مۇنەۋۋەر ئەدىب مۇكاپاتى» نى بەرگەن.

    2003-يىلى نەسرۇللا ئابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى» ناملىق شېئىرى دۇنيا جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «خەلقئارالىق مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

   نەسرۇللا ئابلەت 2 مىليون خەتتىن ئارتۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى توپلاپ ھەم رەتلەپ «ئاتۇش خەلق قوشاقلىرى»، «ئاتۇش خەلق چۆچەكلىرى»، «ئاتۇش خەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «ئاتۇش خەلق داستانلىرى» قاتارلىق تۆت توپلامنى نەشر قىلدۇرغان.

   نەسرۇللا ئابلەت 1980-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ مائارىپ تارىخى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ نامايەندىسى — ئاتۇش ئېكساق ھۈسەينىيە مەكتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان «مەشئەل» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «قومالتاغ باغرىدىكى ئۆچمەس مەشئەل»، «تېتىر بوستانلىقىدىكى شانلىق ئىزلار»، «ئىشتارچىدىكى مەرىپەت نۇرى» ناملىق ئۈچ پارچە كىتابنى يېزىپ چىقىپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

   نەسرۇللا ئابلەت ھازىر جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو سەنئەتكارلار ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو ئۇيغۇر 12 مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.

نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيەتتىكى تۆھپىلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزالىرى ئىسىملىكى قامۇسى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر قامۇسى» ۋە «دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئىختىساسلىقلار قامۇسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق قامۇسلاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك ئون توپلامغا كىرگۈزۈلگەن



قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئېلى بۇراۋىدىن
تىللا
1454
تۆھپە
948
UID
372

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:20:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن،ھارمىغايسىز...


Rank: 4

تىللا
297
تۆھپە
93
UID
348
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 11:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە ئەرزىگىدەك ئىش ئىكەن ..  تىما ئىگىسىگە رەخمەت...


Rank: 1

تىللا
3
تۆھپە
1
UID
843
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 12:56:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تولدۇرۇشقا تىگىشلىك بوشلۇق نىمە دىگەن جىق!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2110
تۆھپە
1561
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 14:41:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاسان ئەمەس جۇمۇ، بىزنىڭ پەخرىمىزكەن


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەردان
تىللا
128
تۆھپە
50
UID
366
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 23:49:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تولدۇرۇشقا تىگىشلىك بوشلۇق نىمە دىگەن جىق!     
بۇ  گەپ  سەل  قاملاشمىدىمۇ قانداق،                     بىز ئۇنچىلىكمۇ تۆۋەن ئۇرۇندا ئەمەسمىز.....
ياشا  ئۇيغۇر.......................................................


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1875
تۆھپە
1127
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 23:51:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچتە تور بەك ئاستا جۇما ، رەسىمنى كۆرەلمىدىم


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلەت
تىللا
144
تۆھپە
80
UID
764
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 03:39:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       يوللىمىغان بولسىڭىز ، بىلمەيلا ئۈتۈپ كىتەركەنمىز دوستۇم .رەخمەت قوللىرىڭىز ھارمىسۇن ~~


Rank: 2

تىللا
105
تۆھپە
41
UID
3983
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-7 23:19:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلسا ساقلاش ئۈچۈن مەنمۇ سىتىۋالاتتىم .


Rank: 4

تىللا
367
تۆھپە
48
UID
3392
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-8 00:46:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
未标题-1.jpg

مېنىڭ بالامنىڭ باش سۈرىتى 2007-يىلىلا پوچتا ماركىسىغا چىقىپ بولغان، بۇ يازمىدىكى "تۇنجى ئۇيغۇر" دېگەننى قانداق چۈشەنسەك بولار ئەمدى؟ بەلكىم مېنىڭ بالامدىن بۇرۇنمۇ بۇنداق ماركا ياساتقانلار بار بولغىيدى.
سىلەرمۇ قىزىقساڭلار پوچتىخانىغا بېرىپ 个性邮票 ياسىتىمەن، دەپ ئوچۇقراق چىققان رەسىمدىن نەچچىنى ئاپارساڭلار، ئۇلار مۇۋاپىق رەسىملەرنى تاللاپ، ياساپ بېرىدۇ، پۇلغا.
ئەينى ۋاقىتتا مەن 50-60 كوي خەجلىگەنغۇ دەيمەن، ماركا قولۇمغا 20 كۈنلەردە تەگكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   august تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-8 00:50  



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 11:02, Processed in 0.088435 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991