كۆرۈش: 25092|ئىنكاس: 24

ئۆيلەنمەكچى بولغان يىگىتلەر دىققەت! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
شەمسىدىن
تىللا
114
تۆھپە
37
UID
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 22:30:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۆيلەنمەكچى بولغان يىگىتلەر دىققەت! ئۈرۈمچىدە خوتۇن ئېلىشقا كېتىدىغان چىقىملار  


    توي قىلىش – بويىغا يېتىپ قالغان قىز-يىگىتلەرنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئەلۋەتتە، ھەممە ئىشنىڭ قائىدىسى بولغىنىدەك، توينىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق غېمى بولىدۇ. تۆۋەندىكىسى، مەلۇم بىر تورداشنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرىھال بىر قىزنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزگەن ھېساباتى بولۇپ، بويتاق يىگىتلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.  
1. ئۆي بىر يۈرۈش، شەھەر مەركىزدىن يىراقراق داۋاندىن، ئوتتۇرىچە باھاسى 5000 دىن 100 كىۋادرات مېتىر بويىچە، 500 مىڭ.  
2. ئۆينى بېزەش، ئوتتۇرىھال دەرىجىدە ، ماتېرىيالنى ئۆزى ئالغان ئەھۋال ئاستىدا، تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەن.   
3. ئۆي جاھازلىرى، ئېلكتېر ئۈسكۈنىلەر، كارىۋاتمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، جەمئىي 50 مىڭ يۈەن ( قىز تەرەپ سەل غەرەز ئۇقسا بىر قىسمىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىشى مۇمكىن ) .  
4. تويلۇق، ئۈرۈمچى شارائىتىدا كەم بولغاندا 20 مىڭ ، ئوتتۇرىچە بولغاندا 30 – 40 مىڭ، يۇقىرىسى 50 مىڭدىن كۆڭلى تارتقانغىچە.
4. توي ماشىنىسىدە يۆتكەش، 6 ئاۋدى، 1 لېنكولىن ياكى كادىلاك ، تۆۋەن بولغاندا 2500 يۈەن.  
5. رېستۇران ، 300 كىشى چاقىرىلدى دېگەندە، 30 شىرە تاماق، ھەر شىرە ئۈچۈن 350 يۈەندىن بولغاندىمۇ، 10 مىڭ 500 يۈەن. ھەر شىرەگە 50 يۈەندىن ھاراق – تاماكا، ئىچىملىك 1500 يۈەن، جەمئىي 12 مىڭ يۈەن. قىز – يىگىت نىڭ ئايرىم ئولتۇرۇشى ئۈچۈن 1000 دىن 2000 كەتسە، ھەممىسى 15000 ھەر شىرەدىن 500 يۈەندىن قايتتى دېگەندىمۇ 15 مىڭ يۈەن، شۇنىڭ بىلەن ئالمىغان بەرمىگەن بولىدىغان گەپ.
6. يىگىتنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000*12 ، ياۋا كىرىمىنى 800 * 12 بويىچە بولغاندا، يىللىق كىرىمى 35 مىڭ يۈەن.
مۇشۇ بويىچە بولغاندا تويغا كېتەرلىك جەمئىي چىقىم : 700 مىڭ بولۇپ، يىگىت بۇنى راسلاش ئۈچۈن يەنە يېمەي – ئىچمەي 22 يىل پۇل يىغسا، ئاندىن ئۈرۈمچىدىن يامان ئەمەس خوتۇندىن بىرنى ئالالىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭدىن سىرت، تويدىن بۇرۇن قىزنى قوغلىشىش، كەلتۈرۈش، مۇھەببەتلىشىش مەزگىلىدىكى چىقىملار، قىزنىڭ ھەدە-سىڭىللىرى، چوڭلارغا بولغان خۇشامەت، ھېيت-بايراملىق سوۋغا، ساياھەت قاتارلىقلارنى قوشساق، يەنە خېلى جىق چىقىم قوشۇلىشى مۇمكىن. شۇڭا، يىگىتلەر، تىرىشىڭلار!
دىمىسىمۇ توي چىقىمى بارغانسىرى ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ ،باشقا نىيەت يوق پەقەت مۇنبەرداشلىرىم كۆرۈپ باقسۇن دەپ كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم

شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:08:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا بارسىڭىز، مانا مۇشۇنداق توي قىلىپ نەچچە ئاي بولغانلارنىڭ ئاجرىشىۋاتقىنىنى كۆرۈسىز!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:09:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى ئۇزۇن ماشىنىدا سازايى ئالەم بولغانلارنىڭ توي تۈگەپ ئىشتىن چۈشكەنلەرنىڭ كوچا ئاپتوبۇسى بېكىتىدە بىر يۈەننى مەھكەم سىقىمداپ ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقىنىنى كۆرۈسىز


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:11:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"نىكاھ رىسالىسى" دە: «نىكاھ-توي جەرەستانلىرى (نىكاھ-توي سورۇنلىرى، مۇراسىملىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نى بىر چاي، بىر توي، بىر مەشرەپ، بىر سالام، بىر قىچقىرىق، بىر يۈز ئاچقۇ ۋە بىر خاتىمە دۇئا دەستۇرخانى بىلەن تېجەشلىك ۋە قەرزسىزتاماملىماق شەرىئەت ھەم ئەزەلىي ئۇدۇم دالالىتىدۇر. مۇسۇلمان توي فاتىھەلىرىنى ئاچكۆزلۈك، ھەشەمخورلۇق، ھەسەت، بۇزۇپ-چېچىش، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپخورلۇقى بىلەن ئۆتكۈزمەك دەۋزىخى گۇناھىدۇر...»دەپ يېزىلغان! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-10 23:30  



كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قەشقەر ئوغلى
تىللا
2185
تۆھپە
1623
UID
354
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:12:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ۋاي، ئۈرۈمچىدىكى يىگىتلەرگە ئۇۋال بوپتۇغۇ؟


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1976
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:42:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ئۆي يوق ، خوتۇن يوق ، بالا يوق يى تاۋ سەن بويتاق بىز .
لىكىنزە بۇ ئۆينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ كىتىپ بارىدۇ


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2534
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:55:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بولسا مان تېز توي قىلۋايسام بولغدەك~!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 2

ئىسىمى
شەمسىدىن
تىللا
114
تۆھپە
37
UID
214
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 23:59:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز قالدى ئىشقىلىپ بەزىلەرگە ‹‹ جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس ›› دەپ شىئىر يازغىلى......(چاقچاق) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   miskin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-11 22:04  



Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
ئابلەت
تىللا
144
تۆھپە
80
UID
764
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 01:03:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قىز-يىگىتلەر ئۆز-ئارا كىلىشىپ توينىڭ بېشىدىلا ئۆي ئالىدىغان ئىشنى قۇيۇپ يۇرۇپ چوڭلار بىلەن ۋاخىتلىق بىرگە تۇرۇپ تۇرۇپ ، ئۆينى ھەر ئىككىلىسى ئىشلەپ مائاشىدىن يىغىپ ئالسا ياكى ئۆي-مۇلۇك جۇغلانمىسىدىن قەرىز ئېلىپ ئۆينى ئالغاندىن كېيىن ئاز-ئاز تاپشۇرسا كۆزگە ئۇنچىۋىلا كۆپمۇ كۈرۈنۈپ كەتمەيدۇ ، ئەگەر مائاشلىقلار بولماي ، ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار بولامدۇ ياكى خىزمىتى يوقلار بولامدۇ ~ ئاۋال ئازراق پۇل چىقىرىپ تۇرمىشىغا يەتكىچىلىك ئۆي ئىجارە ئېلىپ تۇرۇپ ئۆزىگە ياخشىراق مەبلەغ توپلىسا شۇ مەبلەغنى توپلاش جەريانىدا پۇل تېپىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھەرئىككىلى تەرەپ ياخشى بىلىدۇ ~ شۇنداق قىلىپ 500مىڭ يۇەن تېپىش مەسىلىسى ۋاختىنچە ھەل بۇلىدۇ . ئۆينى ئالمىغاندىكىن 50مىڭ يۇەن زىننەتلەش پۇلى بىلەن 50مىڭ يۇەن ئۆي جاھازىلىرى پۇلى تىجىلىپ قالىدۇ . ئىجارە ئۆيگە ئەرزانراق لازىمەتلىك تۇلۇقلىسا بولىدۇ . كەم دىگەندىمۇ 80مىڭ يۇەن تىجىلىدۇ . جەمئى 580 مىڭ . قالغان چىقىملارنى ئازايتسام مۇنبەرداشلار مىنى تازا بىر پىخسىق بىر نىمە ئوخشايدۇ دەپ قالمىسۇن ، ئىشقىلىپ قالغان چىقىملارنىمۇ مۇۋاپىق ھالدا قىلىپ تۇرۇپ تۇرمىشى ياخشىلانغانسىرى تۇلۇقلىسا بولىدۇ ، پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىنى بىلسە ، قىز يىگىتلەر ، توي قىلغان ئەر-ئاياللار ، كىچىككىنە ئىشلار تۈپەيلى ئائىلىنى بۇزۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار ئازىيىدۇ . قىسقىسى مەن شۇنداق ئويلايمەن .  


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
6656
تۆھپە
3361
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-11 07:52:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالالارغا ئۆي ئەمەس، ئەقلىي مەبلەغ سالغان ياخشىدەكمۇ قىلىدۇ!


كۈلكە بولسا كۈلگۈلۈك يا قاپاقنى تۈرگۈلۈك،
كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا بۇ ئەركمان ئۆلگۈلۈك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 01:07, Processed in 0.081318 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991