قېيىن ئانىلارغا ئىككى كەلىمە سۆز
مۇھەممەتئىمىن ھەسەن
قېيىن ئانا دىگەن بۇ «نام» ئەسلىدە بىر ئوغۇل بالىنى تۇغۇش، بېقىش، تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش قاتارلىق جاپالىق مۇساپىلەرنى بىشىدىن ئۆتكۈزۈپ، سان - ساناقسىز جاپا - مۇشەققەت ۋە مېھىر - مۇھەببىتى بىلەن ياراملىق تەربىيەلەپ، 10 - 20 مىڭ يۈەن پۈل خەجلەپ ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىلىپ، لاياقەتلىك چوڭ قىلىپ، ھاياتلىق سېپىگە قوشقاندىلا قولغا كېلىدىغان، جاپا - مۇشەققەت ئەجىر - مېھنىتىگە تولغان ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك نام.
بۇ جاپاكەش ئۇلۇغ قېيىن ئانىلارنىڭ تىللاردا داستان بولغۇدەك ئەجىر - مېھنىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە بۇلارغا تەربىيە بېرىش، تەنقىدلەش، تەكلىپ بېرىش دېگەنلەرنى ئىغىزدىن چىقىرىشقا خىجىل بولىمىز ئەلۋەتتە.
بىراق قىسمەن قېيىن ئانىلارنىڭ كىلىنلەرگە قىلىۋاتقان مۇئامىلىسى، ئادالەتسىزلىكى، زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن بۇلارغا بىر كەلىمە سۆز دېيىشكە مەجبۇرمەن.
يېقىندا بىر دوستۇم مېنى ئالايىتەن يوقلاپ كەپتۇ، بۇ دوستۇم ئەسلىدە بىر ساقچىخانىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، كىشىلەرگە ئۆتۈنۈش، يالۋۇرۇشنى ئەسلا خالىمايدىغان، مىجەزى چۇس كىشى ئىدى، بىراق بۈگۈن چىرايى تولىمۇ سۇلغۇن بولۇپ غەمكىن كۆرۈنەتتى.
- يۇۋاشلاپ قاپلا، مىجەزلىرى يوقمۇ ياكى ئاياللىرىدىن تاياق يەپ دەرد ئېيتقىلى كەللىمۇ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدىم چاقچاق ئارىلاش.
- بولدى، تولا چاقچاق قىلمىسىلىچۇ، - دەپ سەل تېرىكتى رەنجىگەن قىياپەتتە.
- بولدى ئەمىسە، نەق گەپكە كېلەيلى، - دېدىممەن ئۇنىڭ مەقسىتىنى تولۇق ئۇقماقچى بولۇپ.
- مەن سېلىدىن بىر ئىشقا ياردەم قىلىشلىرىنى ئۆتۈنمەكچى ئىدىم، - دېدى ئۇ تولىمۇ بىچارە قىياپەتتە.
- بولىدۇ، قولۇمدىن كېلىدىغان ئىش بولسا چوقۇم ياردەم قىلىمەن، قېنى دەپ باقسىلا.
- بۇ ئەسلى ئانامغا نەسىھەت قىلىدىغان ئىش ئىدى، - دېدى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سىلە ماڭا قارىغاندا كۆپ ئىقىدارلىق، بولۇپمۇ كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىدىغان ئىشتا كىشىنى قايىل قىلغۇدەك سۆزلەش ئىقتىدارىغا ئىگە، مەن ئانام بىلەن ئايالىم ئوتتۇرىسىدا تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قالدىم، ئائىلەم ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى، بېشىم بەك قاتتى. مەن ئايالىم بىلەن توي قىلغىلى 15يىل بولدى، بىر ئوغۇل، بىر قىز، ئىككى پەرزەنتىم بار، بىز ناھايىتى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق. توي قىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاناممۇ ناھايىتى چىقىشىپ قالغان ئىدى. 7 - 8 يىل بولدى، ئانام ئايالىمغا ئۆزىچىلا ئۆچ بولۇپ قالدى، بۇ جەرياندا ئۆمرۈم ئانامغا يالۋۇرۇش، ئايالىمغا چۈشەندۇرۇش بىلەن تولىمۇ قىينىلىپ ئۆتتى. بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا بىلەلمىدىم، ئايالىم يۇۋاش، سەمىمىي، مۇلايىم ئايال. ئانامنى ھەرگىزمۇ يامان دېمەكچى ئەمەسمەن، يامان دېيىشكە ھەددىم ئەمەس، بىراق ئايالىمنىڭ ياخشى گېپى يامان بولۇپ چىقىدۇ، كۈلسە ھىجايغان، يىغلىسا سەتلەشكەن، ئولتۇرسا ئولتۇرۇۋالغان، ئىش قىلسا قوڭىنى چاققان، ئىش قىلىپ ھېچقانداق ئىشى ئەرزىمەيدۇ، ئايالىم ئانامغا ئالايىتەن بىرەر نەرسە سوۋغا قىلسا قوبۇل قىلمايدۇ، ئايالىمىنى كۆرسىلا قاپىقى تۈرۈلۈپ قالىدۇ. ئانامنىڭ باشقىلارغا دېيىشچە ئۆزىچىلا ئۆچ بولۇپ قاپتۇمىش، سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن، ئانامنىڭ ئارزۇسىچە بولغاندا ئايالىم بىلەن ئاجرىشىپ كېتىشىم كېرەك ئىكەن، شۇنداق قىلسام ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلغان بولىدىكەنمەن. بۇنداق قىلسام ئايالىمغا، بالىلىرىمغا ئۇۋال قىلغان بولىمەن، ۋاپاسىز، نامەرد دادا بولغان بولىمەن. ئانامنى نارازى قىلىپ قويسام بىر تۇزكور، يارىماس ئوغۇل بالا بولۇپ قالىمەن. مەن قانداق قىلاي؟ - دېگەنچە كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئالدى.
- ھەي، ساقچى ئاغىنە، بولدى يىغلىمىسىلا، يىغلاش سىلەردەكلەرگە ياراشمايدۇ، خاتىرجەم بولسىلا، مەن بارلىق چارە - ئامال بىلەن سېلىگە ياردەم قىلىمەن، - دەپ تەسەللىي بېرىپ يولغا سالدىم.
راستىنى ئېيتقاندا مېنىڭمۇ بېشىم قاتتى، بالىلارغا، كىلىنلەرگە تەربىيە قىلماق ياكى تەنقىد قىلماق ئاسان بولغان بىلەن، قىيىن ئانىلارغا تەربىيە قىلماق، تەنقىد قىلماق تولىمۇ مۈشكۈل ئىش.
دېمىسىمۇ نۇرغۇن قىيىن ئانىلار باركى، كونا جەمئىيەتتىن قالغان كىلىنىنى دېدەك ئورنىدا، ئۆزىنى خانىش ئورنىدا كۆرىدىغان ئىدىيەسىنى تاشلىغۇسى كەلمەي، كىلىنلەرگە خوجايىن بولۇۋېلىپ مۇئامىلە قىلىدىغان، ھەتتا بەزىلىرى كىلىنىنى ئوغلىنىڭ ئۇرغۇندىن، كىلىنلەرنىڭ زارلىنىپ يىغلاشلىرىدىن كۆلىنى ئاچىدىغان قىلىقلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مەن بۇ يەردە يۇقىرىدىكىدەك ئاز بىر قىسىم قىيىن ئانىلارغا دەيدىغانلىرىم، ئۇنداق قىلماڭلار، بۇلارسىلەرنىڭ كىلىنىڭلار، ئامراق ئوغلۇڭلارنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، جەمەتىڭلارنىڭ ئىز باسارى بولىدىغان ئوماق نەۋرەڭلەرنىڭ ئانىسى ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ خىل مۇھىت ئىچىدە ھامىلىدار بولۇپ تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن، سىلەر سەۋەبنى يۇقىرىدىكىدەك پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشى، بىگۇناھ سەبىيلەرنىڭ يېتىم بولۇپ قېلىشى سىلەرنى ئېچىندۇرمامدۇ؟ سىلەر خورلاۋاتقان بۇ بىچارە كىلىنلەر ئۆز ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە شۇنداق ئەتىۋار، شۇنداق غەمسىز، شۇنداق ئەركىن قىزلار ئىدىغۇ!
تەقدىر - قىسمەت سىلەرگە كىلىن قىلىپ بەردى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئۆز قىزىڭلار باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىدە شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىسا سىلەر چىدىيالامسىلەر؟ ئوغۇللىرىڭلار سىلەرنى دەپ ئايالى بىلەن تالاي قېتىم ئۇرۇشقاندۇ، تالاي قېتىم يالۋۇرغاندۇ، تالاي قېتىم قىسىلغاندۇ. قىيىن ئانا بولماق ھەقىقەتەن تەس، ئۆز ئىسمىدىنمۇ چىقىپ تۇرىدۇ، چۈنكى باشقىلارنىڭ قىزىغا ئانا بولماق شۇنداق تەس، شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنى كەچۈرسەڭلار، تەربىيىلىسەڭلار، ئۆز قىزىڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلساڭلار، جان - جىگەر ئوغلۇڭلارنى ئائىلە - نىكاھ ئىشىلىرىدا خاتىرجەم قىلىپ، ئۇلارنى قوللىساڭلار، ئۇلار زېھىنىنى ئايالىم بىلەن ئانام قانداق ئۆتكەندۇ، ئۇلارنى قانداق ئەپلەشتۈرىمەن دەپ ئويلايدىغاننىڭ ئورنىغا، خىزمەتكە، ئۆگىنىشكە، كەسىپكە قاراتسا، تېخىمۇ روناق تېپىپ، ئالغا بېسىپ، ھايات مۇساپىسىدە نى - نى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرمەسمىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-27 10:23