ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
ناخشىچى ئېشەك
(شېئىرىي چۆچەك)
بىر ئېشەك بولغانىكەن كۆزى چاپاق،
يۈزلىرى يالپاق چىراي، بوينى ساپاق.
تۈكلىرى كۆيگەن كىگىز، باسقان قوتۇر،
قۇيرۇقىنىڭ يېرىمى يوق، يۈزى چوقۇر.
پۇتلىرى پەلچۇڭ ئىكەن، سالپاڭ قۇلاق،
چىشلىرى ھېڭگاڭ ئىكەن، بۇرنى پاناق!
بەللىرى قىسماق ئىكەن گويا زەمبىل،
(مۇۋاپىق تېپىلماس سۆز، ماقال-تەمسىل!)
گاللىرى پوخاق ئىكەن، بەك خىرقىراق،
كۈچىسە ئاۋازلىرى بەك چىرقىراق.
ھالىغا باقماي ئىكەن شۆھرەتپەرەس،
ناخشىغا قىلار ئىكەن شۈنچە ھەۋەس.
ئۇچرىغاننىڭ ئالدىنى دەرھال توسۇپ،
دەيدىكەن:‹‹-بېرەي بىر دەم ناخشا ئوقۇپ!››
ھارماستىن ئۆزىنىلا داڭلايدىكەن،
ناخشا دەپ كەلسە كەلمەس ھاڭرايدىكەن.
پاھ، تېخې ئاھاڭىغا قىلىپ تەڭكەش،
ئۇسسۇل دەپ تاقلار ئىكەن ئوڭ-سولغا بەش!
بولدىمۇ-بولمىدىمۇ خەقنىڭ كارى؟
يانماسكەن بۇ ھەۋەستىن قىلچە رايى!
ئۆزىنى سانايدىكەن جاھاندا بىر،
ھەتتاكىي سەنئەتكە ئۇ بولارمىش پىر!
ھايۋانلار ئۇندىن شۈنچە بىزار ئىكەن،
كۆرسىلا دەرھال نېرى قاچار ئىكەن...
بىر كۈنى ئۇچراپ قاپتۇ ئاڭا تۈلكە،
چېھرىدە پارلاپ مەككار ساختا كلكە.
بىر ئويۇن ئوينىماقچى بولۇپ ئەسلى،
ئېشەكنى ئەخمەق قىلىش ئىكەن قەستى.
بېرىپتۇ ئاڭا سالام ئىگىلىپ بەك،
(بولسۇنمۇ دۆت ئېشەكتە قىلچىلىك شەك!؟)
‹‹-ئاڭلىسام ئاۋازلىرىڭ شۈنچە سۈزۈك،
ئالدىڭدا بۇلبۇل، تۇتى بولاركەن شۈك!
دەپ قالما مېنې ھەرگىز قۇسۇرچىكەن:
توزمۇ ئەسلى ھېچكىم بىلمەس ئۇسسۇلچىكەن!
ئېرىشىپ ئىلتىپاتقا پادىشاھنىڭ،
ئىگىسى بولغان رەڭدار ئۈستىباشنىڭ!
ئاڭلىغانسەن؟ نەدىكى بىر سېسىق مايمۇن،
ئوردىدا سېرىكچى دەپ كىيدىغۇ تون!
سېنىڭغۇ ئۇسلۇبۇڭ بار ئۆزۈڭگە خاس،
ناخشا ئېيتقاچ ئوينارمىشسەن ئۇسسۇلنى ماس!
يېقىندا ئۆتكۈزمەكچى شىر پادىشاھ،
تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن مەشرەپ-ساما!
مانا مەن رەققاسلارغا مەسئۇل دورغا،
بىر باشچى ئىزدەپ يۈرگەن ئومۇم خورغا!
پاھ، سېنىڭ ئاۋازىڭ بەك چۈشىدىكەن،
پەلەكنى يارىدىكەن، قۇچىدىكەن!
قارىسام بويۇڭ زىلۋا، گويا غۇنچە،
قۇلىقىڭ چۆچۈرىدەك، چىشىڭ ئۈنچە.
ئۇسسۇلۇڭ شۈنچە نەپىس ئويناق ئىكەن،
كۆزلىرىڭ بۇلاق، ئاغزىڭ ئويماق ئىكەن!
بوپ قالدىم ئەجەب مەپتۇن مېڭىشىڭغا،
بۇرغاڭنى ھەيۋە بىلەن چېلىشىڭغا!
ئەممازە، قاراپ باقسام ھالىڭ ئوسال،
يېيىشىڭ بېدە-سامان، ئەمەن، پاخال.
كىيىشىڭ ئەسكى كۇلا، سېسىق جەندە،
بولۇپسەن ئېتىزلىققا مەڭگۈ بەندە.
شۈنچىلىك ئىشلىسەڭمۇ يەيسەن تاياق،
ماڭىسەن قىر-دالادا يەنە ساياق!
‹ئالتۇندا قۇيساڭ كېسەك-يەنە كېسەك!
زەردە مىڭ يىل سۇغارساڭمۇ ئېشەك-ئېشەك!›
توقۇسا شۇنداق ھەزىل خەق نەسلىڭگە،
قانداقمۇ يۈز كېلىسەن، ئېيت، ئەسلىڭگە!؟
ئۆتەمسەن ياكى يەنە يۈدۈپ تاغار،
يۈرەمسەن كىملەرگىدۇر بوپ مەدىكار؟!
قاتنىشىپ ھۈنىرىڭنى كۆرسەتمەمسەن،
پادىشاھ قوبۇل قىلار، كۆرۈشمەمسەن؟
ئاھ، شۇ چاغ سەن ئوردىغا تاللىنىسەن،
بىر ئۇلۇغ پىلان ئۈچۈن ئاتلىنىسەن!
ئۇتمامسەن شاھىمىزنىڭ دىلرايىنى،
تاپىدۇ شۇ چاغ ئورنۇڭ دەل جايىنى!
بوپ خانلىق ئانسامبىلنىڭ قۇرغۇچىسې،
ئۆسىسەن بولۇپ ئەڭ باش بۇرغىچىسى!
زوقلىنىپ شىر پادىشاھ ساڭا چوقۇم،
ھەدىيە قىلار شەكسىز ئالتۇن توقۇم!
ئاسىسەن ئۈنچە-مارجان، ياقۇت بېزەك،
خەق تۇتار مەخسۇس قاچا ئەتسەڭ تېزەك.
دىدەكلەر چاچلىرىڭغا سالار تاغاق،
ھەر كۈنى كېلىپ تۇرار ئونلاپ باغاق.
گۈل-گۈلىگە كېلەر ئۇ چاغ قىياپەتمۇ،
ئۈزۈلمەس شۇ شاھانە زىياپەتمۇ!
ئۆتمەمسەن شاھىم بىلەن قۇرۇپ بەزمە،
ئېيتىشىپ مۇشائىرە، قېتىپ نەزمە.
ئاھ شۇ چاغ قانداق ئابروي، قانداق ئىززەت؟!
تاپمامدۇ ئۆمرۈڭ بېغى كاتتا زىننەت!
مانا ئال، باغىقىنى مەۋلۇت كۈننىڭ،
قۇياشى بولۇپ پارلا قارا كۈننىڭ!
ئېشەكلەر ئۆمۈر بويى ئېشەك قالسۇن!
ناخشىچى! دېگەن شەرەپ ساڭا بولسۇن!››
بېرىپتۇ تۈلكە ئاڭا بىر تال باغاق،
ئىچىدە مىڭ بىر كۈلۈپ(يۈزى ياغاق!)
ئېشەكنىڭ يۈرەكلىرى تېپچەكلەپ بەك،
سەكرەپتۇ، ئويناقلاپتۇ، تاقلاپتۇ زەپ!
تۈلكىگە رەھمەت دەپتۇ بولۇپتۇ مەست،
ھاياجان كىمنى قىلماس بۇنچە ئەلەس؟!
يۇلۇپتۇ باغلاقتىكى قوزۇقنىمۇ،
ئۈستىدىن چۆرۈپ بۇغداي-ئوزۇقنىمۇ.
بولۇپتۇ ئوردىغا ئۇ شۇئان ئۇچماق،
نىيىتى دەرھال بېرىپ شەرەپ قۇچماق!
بەزىلەر قىپتۇ ئاڭا كۆپ نەسىھەت،
ۋە، لېكىن قۇلىقىغا كىرمەي پەقەت.
چالۋاقاپ سەكرەپتۇ ئۇ:‹‹-قىلما ھەسەت،
دەمسىلەر كۆكتىن يۈتسۇن چولپان ئەبەد؟!
ناخشىدىن قانداقلارچە كېچەلەيمەن،
ھامانە مەنزىلىمگە يېتەلەيمەن!
سەنلەر قال تاغار يۈدۈپ ئۆمۈر بويى،
كۆرىسەن پات يېقىندا كىمنىڭ تويى؟!››
دەپتۇ-دە، مەۋلۇت كۈنگە قوشاق توقۇپ،
مەشىقنى باشلاپتۇ ئۇ ناخشا ئوقۇپ...
نەچچە كۈن ئۆگىنىپتۇ تانسا-ۋالىس،
زىراپە ئۇستاز بوپتۇ ئاڭا خالىس.
رەپىتىس قىلدۇرۇپتۇ ھارماي ئاققۇ،
رەپ، بالېت، تانگۇ، جاپى، تاققا-تۇققۇ...
كۈتكەن كۈن كەپتۇ بەكمۇ تەستە ئاخىر،
ئېشەكنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ، ياپىر!
سەھەردىلا كەپتۇ ئوردا ئىشىكىگە،
كىرەلمەي قۇلاق يېقىپ كېشىكىگە.
تىڭشىسا ئوردا ئىچى تىمتاس ئىمىش،
ئۆزىگە ئۆزى دەپتۇ:‹‹قورقما، تىرىش!
ھەممىدىن ئاۋال كىرىپ بىر خۇش قىلاي،
رەقىبلەر يۈرىكىنى مەن بىر تىلاي!››
شۇ ھامان ھاڭرىغانچە سەكرەپ بەك شوخ،
ئوردىغا كىرىپ كەپتۇ خۇشال-بىھۇش!
ئوردىنې كىيىپ باشقا، ناخشىسىنې
باشلاپتۇ_ئۆزىچە ئەڭ ياخشىسىنى:
‹‹ئەي، شاھىم قۇتلۇق بولسۇن مەرىكىڭىز،
چوقۇمكى ئىشقا ئاشسۇن تىلىكىڭىز!
بۇ قۇتلۇق كۈنگە بولۇپ مەن ئىنتىزار،
قەلبىمدە شادلىق دەريا بولۇپ ئاقار!
مىڭ قېتىم كەلسۇن دەيمەن مۇشۇنداق كۈن،
كۈيلەيمەن مەڭگۈ سىزنى پۈتسىمۇ ئۈن!...››
غەزەبتە شىر پادىشاھ چۆچۈپ دەھشەت،
ھۆركىرەپتۇ:‹‹-بارمۇ سەن ئەي مىرغەزەب!
ئاتامنىڭ قىرىق نەزىرى تۇرسا بۈگۈن،
بۇ ماڭا نېمە كەلگۈ، قانداق بىر كۈن؟!
ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن بۇ دۆت ئېشەك!
قىلىڭلار ئۇنى دەرھال چالما-كېسەك!
زىياپەت بولسۇن بۈگۈن قىرىق نەزىر،
ئىجرا قىل دەرھال پەرمان، تۈلكە ۋەزىر!››
قارىسا ئاھ، ھېلىقى مەككار تۈلكە،
(يۈزىدە يەنە كونا تونۇش كۈلكە):
‹‹-باغلاڭلار!- دەپتۇ، -ئۇشبۇ ھاماقەتنى،
باشلايمىز تېز بولۇڭلار زىياپەتنى!››
جاللاتلار ھازىر بوپتۇ تۇشمۇ-تۇشتىن،
ئېشەكنى دارقىرىتىپ سۆرەپ تۆشتىن.
باغلاپتۇ ئارغامچىدا ھەم چەمبەرچاس،
چىقىپتۇ قىرىق يەردىن غېرىسلاپ قاس!
ۋايجانلاپ، چىرقىراپتۇ ئېشەك ھۆڭرەپ،
ئۈلگۈرمەي قۇۋ تۈلكىگە سەۋەب دۆڭگەپ...
تاپالماي قۇتۇلۇشقا ھېچبىر چارە،
بولۇپتۇ تېنى شۇنداق پارە-پارە...