تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 938|ئىنكاس: 8

توي كېچىسىدىكى ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1385
تۆھپە
863
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 04:23:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    توي ئاخشىمى ھوجرىغا كىرگەندە قىز بالدۇرلا ئايىغىنى سىلىپ يىغىشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، يىگىتنىڭ ئايىغىنى سىلىپ سۇپىغا چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى. يىگىت ئايىغىنى سىلىشىغا قىز ئۇنىڭ ئايىغىغا دەسسىۋالدى. يىگىت بۇنى كۆرۈپ،  تىخى خۇراپاتلىققا ئىشىنىدىكەنسىزدە دەپ كۈلۈپ كەتتى. ئەمما قىز ئانامنىڭ دىيىشىچە توي كىچىسى ئىرىنىڭ ئايغىقا دەسسىۋالسا ئەر بىر ئۆمۈر ئايالىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدىكەن دىدى قىز. يىگىت تىخمۇ كۈلۈپ كەتتى. مىنىڭ ئانامنىڭ دىيشىچە ئايال ئىرىنىڭ ئايغىغا دەسسىۋالسا بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن بىللە جاپا چىكىدىكەن دىدى.
    ئايال شۇنىڭدىن كىيىن كىچىچىكىنە ئىشلاردىن تارتىپ ئەرنى باشقۇرماقچى بولدى. ھەتتا تەرەت قاچىسىنى تۆكۈدىغان ئىشلارنىمۇ ئەر قىلدى. ئايال  يەرگە نىمە تىرىشنى ئىيىتسا ئەر شۇنى تىرىيتتى. ئايال قايسى قوشنىسى بىلەن يىقىن ئۆتۈشنى، قايسى قوشنىسى بىلەن يىراقراق  تۇرۇشنى ئىيىتسا ئەر شۇنىڭ دىگىنى بويىچە قىلاتتى.  ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان بولسا، ئايالى بىر توۋلىسلا بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈلگەن كالىدەك ياۋاشقىنە ئارقىسىدىن ماڭاتتى. ئەر باشقىلار بىلەن ھاراق ئىچىۋاتسا، ئايال بارغانچە ئۇنىڭ قۇلىقىدىن تۇتۇپ ئۆيگە ئىلىپ ماڭاتتى. بىرسى ئەرنى قىقىتىتى. <ئايال كىشى دىگەننى ئۈچ كۈندە بىر ئۇرۇپ تۇرمىسا، ئەرنىڭ بشىىغا مىنىدۇ. سەنمۇ بىر ئەركىشى بولدۇڭمۇ ھەممە ئىشتا ئايالىڭ سىنى باشقۇرىدۇ. ئەگەر مىنىڭ ئايالىم بولغان بولسا ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىققان بولاتتىم.
    ئەگەر سىنىڭ ئايالىڭ بولغان بولسا مەنمۇ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىققان بولاتتىم.دىدى ئەر.
    ھىلىقى كىشىنىڭ ئاچچىقى كەلدى سەن پەقەت داداڭنى دورىمىدىڭ، خوتۇندىن قورقىدىغان يارىماس دىگىنىچە كىتىپ قالدى ئۇ كىشى.
    كەنىتتە چوڭ ئىشلارنى مەسلىھەت قىلىش توغرا  كەلسە كىشلەر سىنىڭ دىگىنىڭ ھىساب ئەمەس، سەن ئايالىڭنى ئەۋەتكەن دەيتتى. ئەر راستىنلا ئايالىنى باشلاپ كىلەتتى.   
    ئايال ئىرىنى شۇنداق باشقۇرۇپ كىلىۋاتقىنىدىن ناھايىتى رازى ئىدى. ئۇلار شۇنداق ئۆتىۋەردى. تاكى بىر كۈنى ئايالى ئىرىنىڭ ئالىدىدا قىينىئاسىنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ قالدى. ئەر بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈزلىرى تۆمۈردەك كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. نىمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ساڭا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىلۋاتقىنىمنى بىلەمسەن؟ ئانام سەۋەبلىك بىلەمسەن؟!> ئەرنىڭ كۆزلىرى قىزىزىپ كەتتى. ئانام بىر ئۆمۈر ئازاپ چەكتى. دادامنىڭ مىجەزى ناھايىتى چۇس  ئىدى. ئازراقلا سەۋەنلىك ئۆتسە ئانامنى تىللايتى، ئۇراتتى. ئۇ بىلەكتەك كالتەك بىلەن ئانامنى ئۇرۇپ، كالتەكنى سۇندۇرىۋەتكەن. ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇپ ئانامنىڭ بىشىنى يىرىۋەتكەن. ئەمما ئانام بىز بىر نەچچە بالا ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تاياق-توقماققا چىداپ ياشاپ كەلدى. مەن ھەر قتىىم ئانامنىڭ تاياق يىگىنىنى كۆرگەندە ئۆز-ئۆزۇمگە ئەگەر مەن خوتۇن ئالسام ئۇنى تاك قىلىپ چەكمەيمەن دەپ قەسەم بىرەتتىم. مىنىڭ ھەممە ئىشتا ساڭ يول قويۇشۇم سەندىن قورققانلىقىم ئەمەس، چۇنكى مەن ئانامنىڭ بىر ئىغىز سۆزىنى ئۇنتالمايمەن. ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۇرۇشى ئۈچۈن يارالغان ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ كۆيۈنشى ئۈچۈن يارالغان .
    ئايال ناھايىتى ھەيران قالدى. ئۇ ئەرنىڭ كۆڭلى كۆكسىنىڭ بۇنداق كەڭ ئىكەنلىكىنى ئويلىمىغان ئىدى.  
    شۇنىڭدىن كىيىن ئايال ئەر باشقىلار بىلەن پاراڭلىشۋاتقاندا، ھاراق ئچىىپ ئولتۇرغاندا ئۇنى يەنە توۋلىمايدىغان بولدى، بەزىدە ئۇنى چاي ئەكلىپ بىرەتتى. بەزىلەر ئەردىن سوراشتى: <ئۇنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۇردۇڭ؟> ئەر بولسا مەردانىلىق بىلەن مۇنداق جاۋاب بىرەتتى: <سەن ئۇرغان ئاياللار پەقەت ئىغىزىدىلا ساڭا قايىل بولىدۇ، سەن كۆيۈنگەن ئاياللار بولسا ساڭا چىن كۆڭلىدىن قايىل بولىدۇ
    ھىكايىنى ئوقۇپ بولدىڭىز، ئەمدى سىزدىن سوراي بۇ ھىكايىدىن نىمىنى ھېس قىلدىڭىز؟
    بارلىق ئانىلارنىڭ بەخىت، خۇشاللىق ئىچىىدە ياشىشىنى تىلەيمەن.
غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 4

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
221
تۆھپە
133
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 18:49:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم مەن كونا تىما دەپ بۇ مۇنبەرگە يوللىمىغان تىمىللىرىمنى سىز بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ ئەكىلىشكە باشلاپسىزغۇ؟
باشقا يەردىن تىما كۆچۈرگەندە ئەڭ ياخشىسى مەنبەسىنى، ھىچ بولمىسا ئەسلى يازغۇچىسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ؛
ھاياتلىقنىڭ پەيزى ئەگرى توقايلىقتا!

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئەركمان
تىللا
4940
تۆھپە
2498
UID
750

قىزغىن ئەزاپىشقەدەمئۆلىما

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 18:55:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداقمۇ ئىش باركىنە؟
مەن مەنسىز مەن !

Rank: 1

تىللا
27
تۆھپە
3
UID
2915
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-27 04:46:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020∏卐【】△√ ∩¤《洋妞妹妹。。。。TEL18610638672  QQ..1910338020

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
پەرۇق
تىللا
169
تۆھپە
90
UID
5431
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-14 13:17:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەر ئىرادە، ئاياللار ھىسسىيات، ئىنسانىيەت كېمىسىدە  ئىرادە رول، ھىسسىيات  يەلكەن ھىسابلىنىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
1385
تۆھپە
863
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 04:24:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تېما بولسا يۇللاپ تۇرۇڭ ~!
غەمىسز يۇرىدىغان كۇنلەر قاچانمۇ تۇگەر~!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نۇرئېلىجان ھېدايەت
تىللا
523
تۆھپە
388
UID
504
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-15 22:31:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارنىڭمۇ پەرزەنتى بارئىكەندە، بۇ ئەرنىڭ غورۇرى تەڭرىتاغقا تەڭداش ئىكەن.

Rank: 2

ئىسىمى
سۈمەييە
تىللا
71
تۆھپە
25
UID
3351
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلىلىلا ياخشى چىقىپتۇ. رەخمەت

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1071
تۆھپە
631
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ھازىرقى ئەرلەر ھە دىسە ئۇرۇپ -تىللاپ زوراۋانلىق قىلىشنى بىلىدۇ
ھەرقانچە  ھازازۇل ئايالمۇ ياخشى گەپ ،ياخشى مۇئامىلىنى  كورسە يومشايدۇ  بەلكىم بەزى ئەرلىرىمىز جىدەل نى خالايدۇكى ھەرگىز  ئايالىرىغا ئىككى ئېغىز ئۇزگەپ قىلىشنى خالىمايدۇ
كونىلاردا ‹‹كۇلىنى چىلاپ ئىشلەت .ئەسكىنى سىلاپ ››دىگەن گەپ بار  ئىشەنمەمسىز
ئەمىسە سىناپ بېقىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-3-14 13:13, Processed in 0.076294 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991