ئەر دېسە «لەببەي» دە، بولمىسا «بەي بەي» دە
قەدىرلىكىم، سىزگە دەيدىغان سۆزلىرىم يىغىلىپ قالدى، ئالدىڭىزدا دېيىشتىن، ئايالىڭىز تۇرۇپ سىزدىن ئەيىب ئىزدەشتىن، سىزگە يول كۆرسىتىشتىن ئەيمەندىم، خىجىل بولدۇم، چۈنكى ئاۋۋال ئاللاھ، ئاندىن سىز مېنىڭ يول باشچىم، نىجاتكارىم تۇرسىڭىز. يۈزتۇرانە سىزگە گەپ تاشلىسام بولمىغۇدەك. شۇڭا مۇشۇ ئۇسۇلدا ئويلىغىنىمنى، ھېس قىلغىنىمنى سىزگە يېزىپ قالدۇردۇم. بۇ پىكىرلىرىمگە قوشۇلامسىز يوق، ئوقۇپ بولۇپ بىر نېمە دەرسىز.
دادىسى، بىز ئۆي تۇتۇپ مانا 10يىللىق قەدىناسلاردىنمۇ بولۇپ قالدۇق، ئىككى ئوماق قىزىمىز بار. تۇرمۇشىمىزمۇ خاتىرجەم، كىشىدىن ئېلىشىمىز بولسا باركى كىشىگە بېرىشىمىز يوق، ئەل قاتارى كېتىۋاتىمىز. ئەمما مۇشۇ تەرىقىگە يەتكۈچە بىزمۇ كۆپ ئەجىر قىلدۇق، ئۆزئارا ياخشىمۇ بولۇشتۇق، يامانمۇ بولۇشتۇق. قىزىل خەتلىرىمىز يېشىلغا ئۆزگەرمىگەن بولسىمۇ ئەمما يىرتىلدى، يېڭىلاندى، تۇرمۇش قۇرغانغا بەزىدە پۇشايمانمۇ قىلدۇق، بۇرۇن ئەجەب بىلمەپتىكەنمەن سېنى، تونىمايلا قېلىۋاتىمەن، ۋاي بولدى تۇتماپتىمەن شۇ ئۆينى، دەپ كۈدە-كۆرپىمىزنى كۆتۈرۈپ ئانىمىزنىڭكىگە يامانلاپمۇ كەتكەن بولدۇق، ئەمما ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ دۇئاسى بىلەن، ئۆيىمىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىمىزنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئائىلىمىز شۇ ئۆتكەللەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ مانا بۈگۈن ئىككى بالىغا ئاتا-ئانا بولدۇق. ئاستا ئاستا تۇرمۇشقا مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگەندۇق. يول قويۇشنى بىلدۇق. سىزمۇ مېنى كۆپ ئىشلاردا خەلقى-ئالام ئالدىدا ئائىلىدە ئەزىز قىلدىڭىز. لېكىن يەنە نېمىشقىدۇر ھەممە نەرسىگە ئېرىشكەنسېرى، يوق نەرسىلىرىم بار بولۇپ، پۈتۈن ئېھتىياجىم قامدالغانسېرى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئەڭ مۇھىم قىممەتلىك بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويۇۋاتقاندەك، رېلىستىن چىقىپ كەتكەن پويىز نىشانسىز مېڭىۋەرگەندەك، مەنمۇ نىشانىم يوق كۈچلۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ سىزنىڭ ئائىلىدىكى ئورنىڭىزغا، ھوقۇقىڭىزغا خىرىس قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قېلىۋاتىمەن. مەن زادى نېمىنى يوقىتىپ قويغاندىمەن، سىز يېنىمدا، بالىلىرىم باغرىمدا، قېرىنداشلىرىم، دوستلىرىم، ئەل-جامائىتىم مېنىڭ ھاياتىمدا ماڭا ھەمراھ. ئەمىسە نېمىدۇ ئۇ؟؟؟؟؟؟
مانا مۇشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن ئەمدىلا ئىزىغا چۈشكەن تۇرمۇش خاتىرەمنى يەنە قايتىدىن ۋاراقلىشىمغا توغرا كەلدى، بۈگۈنۈمدىن تاپالمىغان جاۋابنى تۈنۈگۈندىن ئىزدىمەك بولدۇم. بەرھەق، مەن جاۋابقا ئېرىشتىم. يۈتكەن بايلىقىمنى تېپىۋالدىم، ئەمما بۇ بايلىقنى يوقىتىشتا سىزنىڭمۇ، مېنىڭمۇ جاۋابكارلىقىم بار ئىكەن. دېمەك، مەن يالغۇز ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلمىگۈدەكمەن. شۇڭا سىزگە مۇراجىئەت قىلاي، نېمىلىكىنى ئېيتاي، ماڭا ياردەم قىلىڭ.
دادىسى، قاراڭ بىز يېڭى توي قىلغان چاغلىرىمىزدا ئولتۇرىدىغانغا ئۆيىمىز، يانچۇقتا تۇرمۇشقا يەتكۈدەك ئىقتىسادىمىز يوق ئىدى. سىزنىڭ ئىدارىڭىز ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلاپ سىز ئۆيدە تۇرمۇش پۇلى بىلەن خىزمەتكە قايتا تەقسىملەشنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىڭىز، مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تېخى خىزمەتكە ئورۇنلاشماي تۇرۇپلا بىر يىل ئۆيدە ئولتۇرغاندىن كېيىن سىز بىلەن تونۇشۇپ، شۇ چاغدىكى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئويلاشمايلا ئالدىراپ-سالدىراپ بۇ توينى قىلىپ، ھەتتا ئۆي ئىجارىگە ئالىدىغان ئىقتىسادىمىزمۇ يوق سىزنىڭ ئىدارىڭىزدىن تەمىنلەپ بەرگەن بىر كونا ئىشخانىدا ئىككى يىلچە ئولتۇردۇق، مەن ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىپ كەتكەن چېغىم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان تۇرسام، چوقۇم يەردە قالمايمەن، دەپ بەك ئىشەنچ قىلغان ئىدىم. ئەمما شۇ ئولتۇرۇشۇمدا 7يىل ئۆيدە ئولتۇردۇم، بۇ جەرياندا سىزنىڭ خىزمەتلىرىڭىزمۇ تولا ئېگىز - پەس بولۇپ، ئىقتىسادتا باشقىلار ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە قىينالغان ئىدۇق. سىرتتا كۈلۈپ يۈرگىنىمىز بىلەن ئۆيدە مېنىڭ كۈنۈم يىغلاش بىلەن، سىزنىڭ كۈنىڭىز ئۆينى قانداق قامدارمەن دېگەن غەم بىلەن ئۆتتى، شۇ ھالىتىمىزدە بەش يىلغىچە بالا ئالغۇمىز شۇنچە بولسىمۇ، شارائىتىمىز تۈپەيلى ئالماي تۇردۇق. بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىن چوڭلار ئۈمىدىنى ئۈزدى، سىزنىڭ ئاتا -ئانىلىرىڭىز ئۆز ۋاقتىدا ئويلاشمايلا مېنى ئېلىشىڭىزغا قوشۇلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىشتى، مېنىڭ ئۆيۈمدىكىلەر مېنى سىزدەك بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان (بۇ ئۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى سىزگە بولغان كۆز قارىشى ئىدى) بىرىگە بېرىپ بەختسىز قىلىپ قويغىنىدىن ئۆكۈنىشەتتى. ھەتتا، بىزنى ئايرىۋەتمەكچىمۇ بولۇشتى. ئەمما سىز مېنى تاللىغىنىڭىزغا پۇشايمان قىلمىدىڭىز، مېنى قانچە قىينالساممۇ بېقىپ كېتەلەيمەن، مەن دېگەن ئەركەك، دېدىڭىز. مەنمۇ سىزدەك خىزمىتى مۇقىم بولمىغان، ھەر ۋاقىت ئىشسىز قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمدىن، بىللە ئۆتكىنىمدىن پۇشايمان قىلمىدىم، ئەكسىچە شۇنچە ئوقۇپ كېلىپمۇ، قولۇمدىن ھىچ ئىش كەلمەي، سىزگە يۈك بولۇپ قېلىۋاتقىنىمنى ئويلىغىنىمدا خىجىل بولدۇم، ئەمما ھەر قېتىم مەنىۋى جەھەتتە ماڭا زور يار-يۆلەك بولۇۋاتقىنىڭىزدىنمۇ سۆيۈندۈم، بېقىلىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردۈم. شۇ چاغلاردا ئائىلەم ئۈچۈن سىز بەك مۇھىم ئىدىڭىز، سىز مېنىڭ ھاياتلىق مەنبەيىم ئىدىڭىز، سىزسىز مېنىڭ ھىچقانداق ئىشىم ئەمەلگە ئاشمايتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا بىزدىمۇ كۆپ دەتالاش، قىيىنچىلىق تۈپەيلى ئۆزئارا رەنجىش، بىرىمىز سەن ئاز تاپتىڭ دېسەك، سەن نېمە تېپىۋاتىسەن، دەپ تەنە سۆزلەشلەرمۇ بولدى. ئەمما شۇ جاپادا كۈن ساناپ ئۆتكۈزۈۋاتقان تۇرمۇشىمىزنى ئويلىغاندا مىڭ تەستە قۇرغان ئائىلىنى بۇزغىمىز كەلمىدى، لېۋىمىزنى چىشلىدۇق، تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق، مەنمۇ تىنىم تاپماي ئۆگىنىشىمنى تاشلاپ قويماي ئېلىشقا تېگىشلىك ئۇنۋانلارنى، كىنىشكىلارنى، ئېلىپ تۇردۇم، دۆلەت مەمۇرلۇقىغا ئىمتىھان بېرىپ تۇردۇم. ئويلايدىغىنىم، ياخشى -يامان كۈنلەردە سىزنىڭ ئائىلىدە ئەرلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلىپ كەلگىنىڭىز بولدى. ئۇ چاغلاردا، ئۆيۈمدە گاز تۈگىسە ئىشىككە تەلمۈرەتتىم، ئۇن-گۈرۈچ تۈگىسە ئىشىككە تەلمۈرەتتىم، ئۇ-بۇ بۇزۇلسا ئىشىككە تەلمۈرەتتىم، يالغۇز قالسام قورقۇپ يەنە ئىشىككە تەلمۈرەتتىم، نېمە قىيىنچىلىققا يولۇقسام، سىزدىن باشقا يۆلەنچۈكۈم يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ماڭا شۇنچە مۇھىم ئىدىڭىز. كېيىن كۈنلىرىمىزدە ياخشىلىنىش بولدى، تۇرمۇش قۇرۇپ 6يىلدىن كېيىن مەنمۇ ئاخىرى دۆلەتلىك مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، خېلى نوپوزلۇق ئورۇنغا خىزمەتكە چۈشتۈم، سىزنىڭمۇ خىزمىتىڭىز كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، تەمىناتى يۇقىرى خىزمەت ئورنىغا ئىگە بولدىڭىز . شۇنداق قىلىپ ئىككى قىزىمىزمۇ تۇغۇلدى، ئۆي ئالغۇچە گەدەنگىچە بوغۇلغان ھېلىقى قەرزلەرنىمۇ تۈگەتتۇق. ئولتۇرىدىغانغا ئۆيىمىز، ھەيدەيدىغانغا ماشىنىمىز، بانكىدا ئازدۇر-كۆپتۇر پۇلىمىز بولدى. زامانمۇ ئەجەب تېز تەرەققىي قىلدى. لېكىن……….مېنىڭ يانچۇقۇمدا پۇلۇم بولدى، سىزنىڭ ئىقتىساد ئېلىپ كىرىشىڭىزگە ئۇنچە مۇھتاج بولمايدىغان بولدۇم، بازار سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، مۇلازىمەت كەسپى راۋاجلاندى، نېمە كەم بولسا سىزگە تايانمايلا بىر تېلېفون بىلەن يوقنى بار قىلىدىغان بولدۇم، سىزنىمۇ بۇرۇنقىدەك ئويلىماس بولدۇم، نەگە بارغۇم كەلسە تالاغا چىقىپلا تاكسى، سىز بولمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇ شەھەر، بۇ شەھەر يۈردۈم، قوشۇمچە ساياھەت، سىزگە مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىڭمۇ دېمەس بولدۇم. نېمە كېرەك بولسا قولىڭىزغا تەلمۈرمەيمەن. باشقىلار كىيەلىگەننى كەيدىم، يېيەلىگەننى مەنمۇ يېدىم، يەنە شۇ سىزسىزمۇ بۇ ئارمانلارغا يېتىۋەردىم. ماڭا ماسلىشىپ سىزمۇ پەقەت ئۆزىڭىزدىن ئاشمىدىڭىز، ئۆيدە نېمە بار، نېمە يوق دېمەيدىغان بولدىڭىز، ھەتتا ئۆيدە بىرەر نەرسىدىن كاشىلا چىقسا بىر تېلېفون بىلەن رېمونتچى چاقىرىپ بەرسىڭىز بەردىڭىزكى ئۆزىڭىز قول تۇتۇپ ياساشتىن ئېرىندىڭىز، سىرتلاردا ئىشلىرىڭىز كۆپەيدى، دېمەك سىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىڭىز پۇلنىڭ كارامىتى بىلەن ئۆز كۈچىنى يوقاتتى، بەزىدە ھەتتا سىز ئارتۇقچە ئادەمدەك، بۇ ئۆي پەقەت سىزنىڭ تاماق يەيدىغان ئاشخانىڭىز، كەچتە كىرىپ ئۇخلايدىغان ياتىقىڭىزلا بولۇپ قالدى، خالاس.
دېمەك، دادىسى مەن سىزنى يوقىتىپ قويۇپتىمەن، مەن قانچە تولۇقلانغانسېرى سىز شۇنچە ئاجىزلاپ كېتىۋېتىپسىز. مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا سىز بولمىسىڭىزمۇ بۇرۇنقىدەك قورقمايدىغان،سىز بولمىسىڭىزمۇ ھەممە ئىشىم ئۆز يولىدا يۈرۈشىدىغان، ھەتتا بەزىدە خاپا بولۇشۇپ قالساق بۇرۇنقىدەك مەن سىزگە ئەرلىك ھۆرمىتىڭىزنى قىلىپ، بويۇن ئىگىپ تۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، سىزگە يانىدىغان، سەن تاپقاننى مەنمۇ تېپىۋاتىمەن، ھەتتا ئاشۇرۇپ تېپىۋاتىمەن. مەن ئاياللىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپلا قالماي، يەنە سېنىڭمۇ رولۇڭنى ئۆتەپ، مەنمۇ سىرتتا رىزق تېپىۋاتىمەن. بۇ ئۆيدە شۇ ئەكىرگەن ئىككى تۆتتال تەڭگەڭدىن باشقا نېمە رولۇڭ قالدى؟ بىز ئۈچۈن نېمە قىيىنچىلىق ھەل قىلىپ بەردىڭ؟ ئوتۇن ياردىڭمۇ؟ گاز توشۇدۇڭمۇ؟ لامپىنى ئالماشتۇردۇڭمۇ؟ ياق، ھەممىنى مەن قىلىۋاتىمەن، سەنسىزمۇ كۈنۈم گۈلدەك ئۆتۈۋاتىدۇ، دېيەلەيدىغان بولدۇم. سىزنىڭمۇ تىلىڭىز تۇتۇلدى. مانا مەن بۇ ئۆيدە ئۆزۈم خان، ئۆزۈم بەگ بولدۇم. شۇنداق ئۆتۈۋەردۇق. مانا ئەمدى ئالدىنقى كۈنى ماڭا بېرىپ ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگىنىپ پىراۋا ئېلىۋال، ئەتە-ئۆگۈن باھاسى ئۆسۈپ كەتسە ۋاي ئېسىت دەپ قالما دەيسىز؟ نېمە قىلىمەن پىراۋىنى؟ دېدىم. ئىشىڭ چىققاندا مېنى ئاۋارە قىلماي ئۆزۈڭ ھەيدىسەڭ بولىدىغۇ دېدىڭىز. ئاللاھ ماۋۇ گەپنى، نەچچە ۋاقىتتىن سىزدە مەن ئۈچۈن ئائىلە ئۈچۈن قىلىپ كەلگەن ئىشتىن شۇ ماشىنا ھەيدەپ بىزنىڭ ھاجىتىمىزدىن چىقىش قالغان ئىدىغۇ؟ شۇ ئىشتا بولسىمۇ مەن سىزگە تايىناتتىم، سىزنى ئەسلەيتىم، سىزگە ھاجەتمەن بولاتتىمغۇ؟ نېمە ئەمدى شۇمۇ ئېغىر كېلىۋاتامدۇ؟ تۇرمۇشنىڭ رولىنىغۇ ماڭا خېلى بۇرۇنلا ئۆتكۈزۈپ بەردىڭىز، ئەمدى ماشىنىنىڭ رولىنىمۇ ماڭا ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىز، نېمە؟ ماڭا سىز خوتۇن بولماقچىمۇ ياكى ………ئەمدى مەن بۇنىڭغا نىمە دەي، ھېلىمۇ ئەتراپىمىزدا بۇنداق مىساللار بەك كۆپ، ئاياللارنىڭ ماشىنا ئۆگىنىشىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بىز ھەقىقەتەن ئاياللار مۇستەقىللىقىنى تولۇق قولغا كەلتۈردۇق. بىز مۇستەقىل بولغاندىمۇ ئاجايىپ مۇستەقىل بولدۇقكى، ئەرلەرگە ئەۋلاد قالدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئىشتىلا قولىغا قارايدىكەنمىز، ئۇنىڭدىن باشقىدا ئۇلارسىز گۈلدەك ياشايدىغان بولۇپ كەتتۇق. مېنىڭچە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىشىدىمۇ ئاز قالدى ئەرلەرنىڭمۇ رولى قالمايدىغانغا، ھازىر ياۋروپا دۆلەتلىرىدە توي قىلىشنى خالىمايدىغان، ئەمما ئانا بولۇشنى ئويلايدىغان ئاياللار ئۈچۈن مەخسۇس ئەرلىك ئىسپېرما بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇنلار بارلىققا كېلىۋېتىپتۇ، بىز تەرەققىياتنى بەك تېز ئۆزلەشتۈرىدىغان خەق، ئەجەبا شۇنداق بولۇپ قالسا، بۇ دۇنيادىن سىلەرنى سىقىپ چىقىرىۋېتىمىزمۇ؟ دادىسى ئاخىرقى سۆزلەرنى سەل قوپالراق قىلىپ سالدىم، ئەمما ئۆزۈمدىكى بۇ چوڭ يوقىتىشتىن قاتتىق چۆچۈگىنىم ئۈچۈن مۇشۇنداق ھاياجانلىنىپ تۇرۇپتىمەن. ماڭا ئېرىڭ بارمۇ دىسە بار دەيدىغانغا سىزدەك سالاھىيەت كىنىشكىسى كېرەك ئەمەس، ماڭا بۇرۇنقى ھەممە ھاجىتىمدىن چىقىدىغان، مېنى ئۆزىگە بېقىندۇرۇپ ياشىتىدىغان، قانات ئاستىغا ئالىدىغان سىز كېرەك. سىزسىز كۈنۈم ئۆتمەيدىغان، سىزسىز بۇ ئۆي ئۆي بولمايدىغان سىز كېرەك. شۇڭا خۇلاسە كالامىم شۇ بولدىكى، قەدىرلىكىم ماشىنىڭىزنىڭ رولىنى يەنىلا سىز تۇتۇڭ، تۇرمۇشۇمنىڭ بىلىپ بىلمەي سىزدىن تارتىۋالغان، سىز قەدىرلىمەيلا ماڭا ئۆتۇنگەن رولنىمۇ سىزگە گۇناھىمنى تىلەش ئورنىغا قايتۇراي. ئېلىڭ ماڭا رولچى بولۇڭ، كومپاس بولۇڭ، ھاياتلىقتىكى مەشئىلىم بولۇڭ.
ھاھاھاھا………بىرگەپ ئېسىمگە كېلىپ قالدى، ئالدىنقى كۈنى قوشنىمىز ئەر-ئايال سوقۇشۇپ قالغان ئىدى، ئايالى ئۆينى بېشىغا كەيگىلى تۇردى، ئېرى ھە دەپ ئۇراتتى، ئايال بىر ياقتىن يىغلاپ، بىر ياقتىن سەت گەپلەر بىلەن ئېرىغا تىل ياغدۇراتتى. «سېنىمۇ ئەر دەمدۇ؟ سېنىڭ نېمە رولۇڭ قالدى، پەقەت قولۇڭدىن خوتۇنۇڭنى ئۇرۇشلا كېلىدۇ، بولمىسا قىلىدىغانغا ئىشىڭ يوق، ئۆيدە سېسىق ئوسۇرۇپ ياتىسەن، سىرتتا ئىچىپ-چېكىپ يۈرىسەن، ئەگەر ئۆزۈڭنى ئەر دېسەڭ <ئېرىم> دېسەم <لەببەي> دە، بولمىسا <بەي بەي> دە» دەيدۇ. تازا قاقاقلاپ كۈلۈپتىمەن. تاياق يەپمۇ يەنە بۇ گەپلەرگە ئۈلگۈردى دېسە. قورقۇپ قالدىم، بىر كۈنلەردە مەنمۇ ھەددىمدىن ئېشىپ سىزگە شۇنداق دەپ سالارمەنمۇ؟ ياق….. اللاھ ئۇ كۈنلەردىن يىراق قىلغايسەن. ئائىلىمىزدە شۇنداق قىيامەت بولۇشتىن ئىلگىرى ئىككىمىز دەرھال ئورنىمىزنى ئالماشتۇرۇۋالايلى. بولامدۇ؟ «دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ» دېگەن سۆز ھەقىقەتكە ئايلىنىپ قالمىسۇن، قىزلىرىم سىزدىن پەخىرلەنسۇن، قىممىتىڭىزنى بىلسۇن، بىز سىزگە مۇھتاج. بولۇپمۇ مەن……
مەنبەسى:يەكەن تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 12:16