ئانا، سېنى چۈشلەردە كۈتۈپ؟!...
(بۇ شېئىرىمنى دوستۇم باتۇرجان داۋۇت قورىغارنىڭ ئانىسىنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن)
رەيھان گۈلۈڭ توزىغان ئاخشام،
ياشلاپ چىقتى كۆزىنى باھار.
ئەگىپ ئۆتتى قەبرەڭنى قۇشلار،
بولۇپ يۇرتنىڭ باغلىرى چاھار.
ئورناپ كەتتى دىللارغا ئازاب،
زەرداب ئېقىپ مۇڭلانغان كۆزدىن.
روھىڭ ئەمىن تاپتىمۇ ئانا؟
ياخشى تىلەك بىلدۈرگەن سۆزدىن.
زۇلمەت باسقان كۆڭۈلدە قاينار،
بىۋاخ ئۆلۈم قالدۇرغان قايغۇ.
پارە-پارە يىرتىلىپ يۈرەك،
جاننى قىيناپ شەلۋەرەر تۇيغۇ.
ئىللىپ قالغان مۇقەددەس تۇپراق،
گەزلىك لەۋلەر بەرگىدە تۈنەر.
زەڭگەر كۆكتە كۈلگەندە قۇياش،
رەيھان گۈلۈڭ باراخسان ئۈنەر.
خانىش بولغان چاغلىرىڭ ئەسكە،
گۈزەل ھايات سىرىنى تۆكەر.
قەلەم تۇتۇپ ئولتۇرغان ئوغلۇڭ،
سېنى ئەسلەپ خىيالغا چۆكەر.
ئايدىڭ كەچتە مۇڭداشقان دەملەر،
تۇغۇپ بېرەر دۇنياغا ھېكمەت.
شېرىن ئىلھام چېچەكلەر دىلدا،
ئۇلۇغ ئەلدە قوزغاپ مۇھەببەت.
ناخۇش كەيپ يىراقلاپ كېتەر،
ئىنسان ۋاقتى ئارىدىن ئۆتۈپ.
يىغلاپ- قاقشاپ ئۆتەرمۇ كۈنلەر،
ئانا، سېنى چۈشلەردە كۈتۈپ؟!...
مەنبە:ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-14 13:07