داڭلىق غېجەك ئۇستازى ئەكرەم ئۆمەر 48 يېشىدا قازا قىلدى
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەنئىتىدىكى يېگانە پېشۋا. چالغۇچىلارنىڭ ئۇستازى دەپ تەرپلەنگەن غېجەك پىرى ۋە خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى زىل - زىلىگە سالغان «قەدىردان ئاتام», « تەكلىماكاندىكى چۈش», «مۇھتاج قىلمىغىن»، «ھېكىم ھەسەنگە مەرسىيە» قاتارلىق ۋەكىللىك ناخشىلىرى ۋە غېجەك بىلەن ئۇنتۇلماس كۈيلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. 12 مۇقامنىڭ مۇزىكىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتە مىسلىسىز تەسىرگە ۋە دۇنياۋى سەۋىيەگە ئىگە سەنئەت ئۇستازى، كومپوزىتور ئەكرەم ئۆمەر (غېجەك) 2012 - يىل 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى سەھەردە بېيجىڭدا 48 يېشىدا تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ۋاقىپ بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇرىمىز.

مەنبەسى: ئۇلنىش تۇرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-4 12:59
|