بۇ ھايات
(مەخمۇت ئاۋۇت) (مۇزاتى)
ھاياتقا قىزىققاچ يۈردۈم ئەل كېزىپ،
چۈشەنگەچ ھاياتنى كەتمىدىم ئېزىپ؛
تەرىپلەپ ھاياتنى قويدۇم مەن يېزىپ،
ھاياتلىق كارتىسىن يۈزەكى سىزىپ.
ئادەمگە بۇ ھايات نىسىپ ئامانەت،
قوشماقتۇر ھاياتتا خاپىلىق-ئامەت؛
قىلسا گەر تىرىشىپ ھەرئىنسان مېھنەت،
بولىدۇ شۇنچە ئۇ گۈزەل-كارامەت.
چەكلىكتۇر بۇ ھايات شۇنچىلىك قىسقا،
ئۈنۈمگە ئېرىشىش باغلىق تونۇشقا؛
كېتىدۇ بىھۇدە ئۆتسە گەر بوشقا،
بېرىدۇ مول مېۋە گەر سالساڭ ئىشقا.
ئىنسانغا بۇ ھايات كېلەر بىر نۆۋەت،
كۆرسىتەر كىشىگە جاپا-ھالاۋەت؛
تەقدىرنىڭ چاقچىقى كېلەر نەچچە رەت،
مۈشكۈلنى يەڭگۈچى كۆرىدۇ راھەت.
بۇ ھايات شۇنچە-ئەڭ قەدىرلىك،ئۇلۇق،
يېتىپ ئۇ قەدرىگە چۈشەنسە تولۇق؛
بېغىشلاپ دىللارغا مۇھاببەت-ئوتلۇق،
بەخت ۋە لەززەتكە قاندۇرار بولۇق.
ئادەمگە بۇ ھايات تەقدىم-مۇكاپات،
قەدرىگە يەتكەنگە بېرىدۇ قانات؛
بىلمىسەڭ قەدرىنى بولۇر ساڭا يات،
خارلىساڭ ئۇنى گەر بولىسەن بەربات.
كىشىگە بۇ ھايات بېغىشلار ھوزۇر،
بەزىلەر بوغۇلار، بەزىلەر پوزۇر؛
يارىلىش ئوخشاشتۇر،ياشاش پەرقى زور،
ئۆتىسەن قەدىرلىك بولسىلا غۇرۇر.
ئەزىزلەپ سۆيگەنگە- لايىق بۇ ھايات،
قەدىرلەپ كۆيگەنگە- تالىق بۇ ھايات؛
باغرىنى ياققانغا - ئاشىق بۇ ھايات،
پايدىلىق بىلگنگە - سادىق بۇ ھايات.
غەنىمەت
(ساتىرا)
(مەخمۇت ئاۋۇت) (مۇزاتى)
چوڭ ئەمەلدار بوپ قالغىنىم غەنىمەت،
ئەپكەلگەننى نەق ئالغىنىم غەنىمەت؛
زورلىغاننى كوم سالغىنىم غەنىمەت،
كەلدى پۇرسەت يەۋالغىنىم غەنىمەت.
ئۆي تەقسىملەش،خىزمەت يۆتكەش ئىشىدا،
چۆپقىتىم بار ھەر بىر ئېچىق بېشىدا؛
شەپە بېرىپ مەن ساقلايمەن تېشىدا،
ئىش ھەل قىلىپ نەپ ئالغىنىم غەنىمەت.
ئىش قىلىشتا ئادىمىگە قارايمەن،
قىز-چوكانغا كۆز تاشلايمەن-مارايمەن؛
يارىسا كىم، مەنمۇ ئاڭا يارايمەن،
كۆڭۈل خوشى قىۋالغىنىم غەنىمەت.
ھوقۇقۇمنى ئىشلىتىمەن ئۆزۈمگە،
<<قائىدە بىلمەس>>سەت كورۇنەر كۆزۈمگە؛
يوقۇتىمەن كىم كۆنمىسە سۆزۈمگە،
ئەمەل باردا دەۋالغىنىم غەنىمەت.
چۈنكى پۇلغا سېتىۋالغاچ ئەمەلنى،
ئۆزگىلەرگە تۆلىتىمەن بەدەلنى؛
رەڭۋازلىق قىپ ئېزىقتۇرىمەن ئەلنى،
ئەلنى مايىل قىۋالغىنىم غەنىمەت.
يۇقۇرىدىن كەلسە مەبلەغ تالايمەن،
پۇللا بولسا نېمە قىلسام خالايمەن؛
ئەلنى بېسىپ يۇقۇرىنى ئالدايمەن،
يېڭى رەھبەر بوپ قالغىنىم غەنىمەت.
كەلسە بېسىم ئەمەل بىلەن تورايمەن،
ئەلنى شۈلۈپ،يىلىگىنى شورايمەن؛
ئىشلىرىمنى نىقاپلايمەن،ئورايمەن،
نەپ چىقمىسا يوقالغىنىم غەنىمەت.
ئەل نىم بولسا بولمامدۇ ھېچ غېمىم يوق،
تاۋاق تۆمۈر-نېنىم پۈتۈن كۆڭلۈم توق؛
نەپ ئېلىشتا ئىشىك-دەرىزەم ئوچۇق،
ئامىتىم بار تومدۇر يېنىم غەنىمەت.
بىكاردىن يەپ سالدىم قۇرساق باداڭدەك،
تەرسىز كەلگەن پۇلنى چاچتىم غازاڭدەك؛
خەقنىڭ غېمىن يەپ يۈرمەسمەن ساراڭدەك،
كۆپەيسىلا پۇل ۋە مېلىم غەنىمەت.
خىتاپ:
بوپ پارىخور بۇلغىما ئىچ-تېشىڭنى،
ھارام يىسەڭ چىقار تېشىپ تۆشۈڭنى؛
كۆتۈرەرسەن ئەلدە قانداق بېشىڭنى،
تۇيۇق يولدىن بەس، يانغىنىڭ غەنىمەت.
شېئىرىنىڭ ئاپتورى: باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)
2012-يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنى(باي)