تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 13515|ئىنكاس: 5

تورداش قىزلارغا سالام خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2227
تۆھپە
1257
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 04:02:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئاقسۇ دەرياسىنىڭ لاتقىسىدەك ۋەيرانە يۈرۈكۈمدىن چاغاندا ئېتىلغان پوجاڭزىدەك سالام!




    ھۆرمەتلىك: كۆزى پولتاي، ئېغىزى دورداي جانانىم: ئايپاتەمياخشىمۇسىز؟ كۈنلىرىڭىز ئاران مېڭىۋاتقان تېراكتۇدەك ياخشى كېتىۋاتامدۇ؟ ئىسلىۋەتكەن دوقمۇشتەك سۆرۈن تەلەتىڭىز قەدىر ئەھۋالمۇ؟ يىرتىلىپ كەتكەن كالاچتەك كۈلۈپ يۈرەمسىز ياكى يىغىدىن ماڭقىلىرىڭىز چۇۋۇلۇپ كەتسە ئانىسىنى ئىمىۋاتقان موزايدەك يالاپ يۈرەمسىز؟ بىزدىن ئەھۋال سورىسىڭىز، بىزمۇ بىكارچىلىقتا ئالدىراش يۈرۈيمىز. دەرىسلەرنىڭ ئاسانلىقىدا كىتاپلارنىڭ ئۈستىدىن ئۆزىمىزنى ئېتىۋالغۇدەك بولىۋاتىمىز. مەكتەپ يوللىرىنى كۈندەچىڭداپ، كۆزياشلىرىمىز بىلەن سۇ سېپىۋاتىمىز.
    مەقسەتكە كەلسەك: بەئەينى پايتىمىدەك سۆرىلىپ، ئىتقا چاپلاشقان سالجىدەك چاپلىشىۋالغان ھېلىقى مەرەزنى باياتىن ئەسكى چاپاننى چۆرىگەندەك چۆرىۋتكەنىدىم، ئەمدى زېرىكىپ سىزگە خەت يىزىۋاتىمەن. دىسەم دىمىسەم، سىز ئۇنىڭدىن بەش تاپان ئاشسىڭىز ئاشىسىزكىن ھەرگىز ئارقىدا قالمايسىز . سىز بەلكىم يۇندىسىنى ئىت، تۈتۈنىنى بۇلۇت كۆرمەيدىغان بىر پىخسىققۇ دەيمەن. سىزنى ھەردائىم تەسەۋۋۇر قىلسام، كۆزىڭىز ئەلەس، يۈزىڭىز چوقۇر، ئوڭ پۇتىڭىز توكۇر، بۇرنىڭىز پۇچۇق، ئىڭىكىڭىز سوقا، تەقى-تۇرقىڭىز بەئەينى بۇقا، ئىككى مۈرىڭىز بېشىڭىزدىن ئىگىز، كالپۇكىڭىز سىرتقا چىقىپ تۇرغان، ھىڭگاڭ چىشلىرىڭىز بەئەينى بىگىز، يۈزىڭىز يايپاڭ، قۇلىقىڭىز سالپاڭ، ئۆزىڭىز ئۆتۈپ كەتكەن ھورۇن ھەم گالۋاڭ. كۆزىڭىزدىن ياش، ئېغىزىڭىزدىن شۆلگەي كەم بولمايدىغان، بۇنى ئاز دەپ گەپ قىلغاندا كېكەچلەيدىغان، ئامىرىكا، ئەنگىلىيە، ياۋرۇپانىڭ داڭلىق پوشكىلىنىڭ قېتىقا يۆگەپ چوڭ يولغا تاشلاپ قويسا، كوچىدىكى لالما ئىتمۇ پۇراپ قويمايدىغان مۇبارەك تېنىڭىز ھىدرو – سۇلفىتتىنمۇ ئۆتە پۇرايدىغان قىياپىتىڭىز، ئىسسىق تېنىمدىن مۇزدەڭ تەرلەرنى ئاققۇزۇپ، پاھ دېگەن ھالدا ئاھ دەپ كۆيدۈرىدۇ. ئوتىڭىزدا گۈلخان ، دەردىڭىزدە دەريا بولۇپ، كېچىلىرى سىز بىلەن سامان يولىدا يۈرۈپ چۈشەيدىغان بولۇپ قالدىم. سىزگە كۆيۈش ئەھدىمدۇر، سىزنى سۆيۈش پەخرىمدۇ. سىز بىلەن دىدارلىشىپ مەخپى بىرگە ئۆتۈش ئارمىنىمدۇ. ئەگەر قوشۇلسىڭىز، جالدۇر-جۇلدۇر ئاشخانامنى تەڭ ئاچاتتۇق. قەلەندەرلەر تاۋىقىدا بىرگە تاماق يەيتۇق. ئېشىپ قالغان تاماقلارنى بېرىپ بولسىمۇ، سىزگە ياخشى قارايتىم. كۆمۈر تارتالمىغان پويىزدەك ئاۋازىڭىز بىلەن خېرىدار چاقىرىپ بەرسىڭىز، سۆيۈنچە ئۈچۈن گىلدىڭ باشلار دېسكو خانىسىغا ئاپىرىپ، تېكىدەك سەكرىتىپ، بەش مىنۇت ئوينىتىپ كېلەتتىم. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئۈزۈپ تاشلاپ گاڭپەن قىلىپ بېرەتتىم. سىزنى رازى قىلاتتىم. بولامدۇ قانداق؟ ئويلىشىپ باقامسىز؟
    جاۋابىڭىزنى تىرنىقىمنى چىشلەپ ، قوللىرىمنى غاجاپ تۆت-بەش كۆزۈم بىلەن كۈتىمەن. نا ئۈمىتتە قويمىغايسىز.
    سىزگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگۈچى: ….قېنى دەڭە مەن كىم؟
قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5920
تۆھپە
2726
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 11:45:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت قىزىق يېزىلغان تەلەپ خېتى ئىكەن بۇ جۇمۇ ~
مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كارۋانىم
تىللا
3028
تۆھپە
871
UID
338
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 12:42:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلمەي دىگەن ئەسلى،كۈلۈپ تاشلىدىم ئوقۇپ.
سۇلايمان،ياخشىلىق،ئىزدىنىمەن....تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى كارۋانىم!

Rank: 2

تىللا
74
تۆھپە
29
UID
13585
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىق ئىكەن،

Rank: 4

ئىسىمى
رەنا
تىللا
319
تۆھپە
225
UID
21673
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى قىزدۇ بۇ «تەلەيلىك».ئالامەت كۆيىدىكەنسىز ھە بۇ قىزغا.

Rank: 1

تىللا
5
تۆھپە
2
UID
23261
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىزىق ئىكەن،
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-14 12:04, Processed in 0.075526 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991