تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 78353|ئىنكاس: 46

ئاياللارنى تەسىرلەندۈرگەن بىر جۈملە قوپال سۆز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
377
تۆھپە
172
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 13:57:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللارنى تەسىرلەندۈرگەن بىر جۈملە قوپال سۆز


   
    xxxx ئەپەندى ئويغاندا سائەت 9دىن ئاشقان ئىدى .
     ئاخشامقى ھاراقنىڭ تەسىرىدىن كاللىسى ۋاڭشىپ ئاغرىپ ،گاللىرى قۇرۇپ كەتكەن M ئەپەندى كۆزىنى ئېچىپ كۆرگىنى كارىۋات بېشىغا قويۇلغان يوغان ئىستاكاندىكى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ بولدى .M ئەپەندى ئىستاكاندىكى سۇنى بىر تىنىقتا ئىچىۋېتىپ رازىمەنلىك بىلەن "ئۇف" دەۋەتتى ."ھەجەپ جايىغا باردى بۇ سۇ " .چاڭقى قانغان M ئەپەندى شۇندىلا ئىستاكان قويۇلغان جايدا بىر باغاقچە بارلىقىنى بايقىدى .باغاقچىنى ئايالى قالدۇرغان ئىدى .
" مەن سەي ئالغىلى چىقىپ كەتتىم ، ئەتىگەنلىك تاماققا ئوخشۇتۇپ سۇيقاش قىلدىم ،كىيىملىرىڭىزنى دەزماللاپ قويدۇم ...... سىزنى سۆيۈپ XXXX " .
M ئەپەندى كارۋات ئۈستىدىكى قاتۇرۇپ دەزماللىنىپ چىرايلىق قاتلانغان كىيىملەرگە قارىغىنىچە كاسسىسىنى قاشلاپ بىردەم ئولتۇردى .
----- نېمە ئىش بۇ ؟ ئەزەلدىن ئۆيگە غەرق مەس كەلسەم نەچچە كۈن خوتۇننىڭ چىرايى ئېچىلمايتتى ،بۈگۈن باشقىچىغۇ ؟؟؟
M ئەپەندى قانچە ئويلاپمۇ ئاخشام ئۆيگە كېلىپ خوتۇنىنى ئالاھىدە خوش قىلىۋەتكۈدەك بىرەر ئىش قىلغىنىنى ئەسلىيەلمىدى . پەقەت ئۆيگە ئارانلا كېلىۋالغانلىغى ،ئۆيدىكى قانداقتۇر بىر نەرسىنى ئۆرۈۋەتكەنلىگىنىلا غۇۋا ئەسلىيەلىدى ...................................................
M ئەپەندى كىيىنىپ ياتاق ئۆيدىن چىققىنىدا ئوغلى يالغۇز ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈۋاتقان ئىدى .
----- ئوغلۇم مەن ئاخشام سائەت نەچچىلەردە قايتىپ كەلدىم ؟
----- يېرىم كېچىدە ................... پۈتكۈل بىنانى بېشىڭغا كىيىپ ناخشا توۋلاپ قايتىپ كەلدىڭ .
----- شۇنداقمۇ ،نېمە سەتچىلىك بۇ ئەمدى .....ھېھېھېھې . ئۆيگە كىرىپ جىم ئۇخلاپ قالدىممۇ ؟؟؟
---- نەدە جىم ئۇخلايتتىڭ ،ئۆيگە كىرىپ ئىككى تەشتەك گۈلنى چاقتىڭ ،تېلېفون ئۈستىلىنى ئۆرۈۋەتتىڭ ----دېدى ئوغلى بىر خىل نارازى كەيپىياتتا ----- تېخى مېنى ئويغاتتىڭ ،تازىلىق ئۆيىنى قۇسۇق بىلەن بۇلغۇدۇڭ .
M ئەپەندى تېخىمۇ گاڭگىراپ قالدى : ئەمىسە ئاپاڭ ............ ئۆيلەر پاك - پاكىز تازىلىنىپ قاپتىغۇ ؟؟؟
----- ھە ئاپامنىڭ مۇئامىلىسىنى دەمسەن ،ئاپام ئاخشام شۇنداق خاپا بولغان ،سەن قۇسۇپ بولغاندىن كېيىن سېنى تارتىپ ياتاق ئۆيگە ئەپ كىرىپ قۇسۇق كىيىملىرىڭنى سالدۇرماقچى بولغان ئىدى سەن " مەندىن يىراق تۇر پاسكىنا ، مەن دېگەن توي قىلغان ،ئايالى بار ئەر " دېگەن ئىدىڭ !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
سەرسان روھ
تىللا
2236
تۆھپە
762
UID
528

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 17:42:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئەپەندى راستلا شۇنداق پاكمىدۇ؟
ئانا- يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
تۈركەر
تىللا
776
تۆھپە
387
UID
2386

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 18:23:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى ھى ھى ئۇ خوتۇن شۇڭا خوش بولۇپ كېتىپتۇ-دە!!! دىمىسىمۇ مەس دىگەن راس سۆزلەيدۇ ئەمەسمۇ!
http://uygur.xjjt.gov.cn/

Rank: 1

تىللا
4
تۆھپە
2
UID
16976
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 20:10:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا ياخشى گەپ قىلىپتىكەن بولمىسا

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2061
تۆھپە
1074
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 21:59:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ھەممە ئەرلەر ئۆزلىرىگە يېپىشىۋالغانلارنى  شۇنداق دىيەلىگەن بولسا بۇ دۇنيا ، شۇنداق گۇزەل، مىھرى-مۇھەببەت بىلەن تولغان بولاتتى
ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

ئىسىمى
غەيرەت
تىللا
547
تۆھپە
116
UID
11066
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 22:27:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz يوللىغان ۋاقتى  2012-5-30 21:59
شۇ ھەممە ئەرلەر ئۆزلىرىگە يېپىشىۋالغانلارنى  شۇنداق د ...

   ھا...ھا...ھا...بەزىدە قۇپال گەپمۇ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكىنـە ............

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
2061
تۆھپە
1074
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-30 22:53:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
gayrat يوللىغان ۋاقتى  2012-5-30 22:27
ھا...ھا...ھا...بەزىدە قۇپال گەپمۇ ئادەمنى تەسىرلەندۈرى ...

پەقەت مېنىڭ ئايالىم بار دىگەن گەپ  تەسىر قىلدى،،ئۇجمە كۇڭۇل ئەرلەر بولسا ، ئايالىم يوقەي،،،،، مۇناسىۋىتىمىز ياخشى ئەمەسەي،،،،،،،، دەپ  ئاران قالامدىكىن خۇتۇن -باللىرىدىن تېنىپ كەتكىلى ، ئويگە كەلسە دەردىنى ئوزى بىلىدۇ ، خۇتۇنىغا كۇچۇكلىنىپ،
ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 3Rank: 3

تىللا
155
تۆھپە
51
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 23:43:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق  راس  سوزلەيدىغان    ئەرلەر   بارمىدۇ  ؟

Rank: 3Rank: 3

تىللا
155
تۆھپە
51
UID
16982
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-31 23:45:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ مەنزىرىنى   كۆز  ئالدىمغا    كەلتۇرۋاتىمەن  .

Rank: 2

تىللا
157
تۆھپە
46
UID
10014
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-1 13:24:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچىمۇ ئۇ راست سۆزلەپتۇ ئۈزنىڭ نەدىلىكى ھەتتاكىيىملىرنى سادۇرۋاتقان ئايالنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمىگەن ئادەم يالغان سۆزلىيەلەمتى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-8-10 14:42, Processed in 0.083468 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991