تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 31229|ئىنكاس: 14

شىرئەلىجاننىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن شاللىۋېتىلىشى تاسادىپىيلىقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5591
تۆھپە
2464
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 13:21:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شىرئەلىجاننىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن شاللىۋېتىلىشى تاسادىپىيلىقمۇ؟


Img319083836.jpg


    8-ماي، جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن شاللىۋېتىلگەن ئەزالارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلىجان، لياۋنىڭ كوماندىسىدىن لى شياۋشۆ، شەنشى كوماندىسىدىن دۈەن جياۋپىڭ شاللىۋېتىلگەن ئەزالار ھېسابىدا كوماندىدىن ئايرىلدى. گەرچە باش تېرىنېر دونۋالىد بۇ ئەزالارنىڭ شاللىۋېتىلىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، بىراق شىرئەلىجاننىڭ دۆلەت كوماندىسىدىن شاللىنىپ كېتىشى ھەر قايسى ئاخبارات تور ۋاستىلىرىدە مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.
    شىنجاڭ گۇاڭخۇي كۇلۇبىنىڭ باش دېرىكتورى لى چاڭجياڭ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى : ھەيران قالارلىق ئىش بولدى، مېنىڭ بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلىگۈم يوق.

res03_attpic_brief.jpg


    شىرئەلىجاننى كوماندىدىن شاللىۋېتىش توغرىسىدا دونۋالىد شۇ كۈنى مۇخبىرلارغا شىرئەلىجاننىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ 1-نومۇرلۇق ئورۇنغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. لېكىن نۇرغۇنلىغان تورداشلار دونۋالىدنىڭ بۇ سەۋەبىگە ئۆزلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بەزى تورداشلار دونۋالىد جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىرئەلىجاننى كوماندىدىن شاللىۋېتىشكە ھوقۇقلۇق دېسە يەنە بىر قىسىم تورداشلار شىرئەلىجان شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسى بىلەن دونۋالىد ئوتتۇرىسىدىكى ئاداۋەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى دېيىشكەن.
    بۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تېرىنېرى دونۋالىد شىنجاڭ گۇاڭخۇي گورۇھى تەرىپىدىن شىنجاڭ كوماندىسىغا تېرىنېرلىققا تەيىنلەنگەن بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىپ خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە شىنجاڭ كوماندىسى ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىگەن ، گۇاڭخۇي كوماندىسى بۇ چاغدا دونۋالىدنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ، بۇ تېرىنېرنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ كوماندىسىغا باش تېرىنېر بولۇۋاتقان جياڭ شىڭچۈەننى قايتىدىن تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن.
    تورداشلارنىڭ نەزىرىدە دونۋالىدنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلۇشى دونۋالىد ئۈچۈن نومۇس بىر ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى شىرئەلىجاننى دۆلەت كوماندىسىدىن شاللىۋېتىشى مۇشۇ ئىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىككەن.

مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
897
تۆھپە
598
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 14:41:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولۇپتۇ.


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
بىغەمزات
تىللا
409
تۆھپە
222
UID
388
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-11 16:36:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ دۆلەت كوماندىمىزغا نىمىشقا چەتئەللىك ئىگە بولدىكىنە؟


باشقىلار سىنى چوڭ كۆرگەندە، ئۆزەڭنى كەمتەر تۇتۇشنى بىل!
باشقىلار سىنى پەس كۆرگەندە، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى قىلىشنى بىل!

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
نىفىت
تىللا
541
تۆھپە
302
UID
461
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 00:23:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايغۇرما يىگىت ، سەن يەنىلا شىنجاڭ كاماندىسىدا ئۆزەڭنى تىخىمۇ نامايەن قىل !!


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
مۇنەۋەر
تىللا
429
تۆھپە
236
UID
12654
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 12:04:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى،دۆلەت كاماندىسىغا كىرىش ئاسان ئىش بولمىسا يا


Rank: 4

تىللا
557
تۆھپە
67
UID
2958
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 14:38:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىرئەلىجان توپنى خېلى ياخشى ئوينايتتىغۇ ، ئۇلارغا بوي ئېگىزلىكى تالانتتىن مۇھىمكەندە...


Rank: 6Rank: 6

تىللا
934
تۆھپە
152
UID
4871
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 17:23:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايغۇرما ، سەن يەنىلا شىنجاڭ كاماندىسىدا ئۆزەڭنى تىخىمۇ نامايەن قىل !!


Rank: 2

تىللا
136
تۆھپە
38
UID
4780
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-13 22:47:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ بىر ئۆچ ئېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇرباننىياز
تىللا
1084
تۆھپە
731
UID
5191
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 10:26:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى،دۆلەت كاماندىسىغا كىرىش ئاسان ئىش بولمىسا يا


Rank: 1

تىللا
40
تۆھپە
4
UID
3253
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-14 19:39:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ئوچ ئىلىش    بەك .


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-11 03:15, Processed in 0.082321 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991