كۆرۈش: 5117|ئىنكاس: 3

ماي بايرىمىدا تۇرپان ۋىلايىتىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تىللا
109
تۆھپە
45
UID
163
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 20:41:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ماي بايرىمىدا تۇرپان ۋىلايىتىدە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ

02.jpg


«پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىئۆتكۈزۈلىدۇ


      كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشتىن سىرتقى مەنىۋى تۇرمۇشىنىيەنىمۇ بېيىتىش، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ماي بايرىمى مەزگىلىدە  تۇرپان ۋىلايىتىمىزدە «پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى لوڭقىسى» 12 - نۆۋەتلىك ياشلار پۇتبول مۇسابىقىسىئۆتكۈزۈلىدۇ.
      بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تۇرپان شەھەرلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تۇرپان شەھەرلىك كومىتېتى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتىقاتارلىقلار تەشكىللىگەن، تۇرپان شەھەرلىك «پەتتار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى» نىڭ باش دىرېكتورى پەتتار قېيۇم ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان بولۇپ، 28 - ئاپرىل ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە باشلىنىدۇ. ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بىلەن ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە كۆلەم ۋە سەۋىيە جەھەتتەئالدىنقى يىللاردىكىگە قارىغاندا بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، مۇسابىقىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى «ئىلچى» كوماندىسى، ئۈرۈمچى «ھۇررا» كوماندىسى، قاراماي «دولان» پۇتبول كۇلۇبى، غۇلجا «ئىلى يۇلتۇزى» كوماندىسى، قومۇل «جەسۇر» پۇتبول كۇلۇبى ۋە «يىلتىز» پۇتبول كۇلۇبى قاتارلىق تېخنىكا ۋە تەجرىبە جەھەتتە شىنجاڭدا بىرقەدەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان داڭلىق كوماندىلار تەكلىپ بويىچە، تۇرپان «بارمان» كوماندىسى بىلەن «ئىتتىپاق يالقۇن سودا شىركىتى» كوماندىسى ساھىپخانا كوماندا سالاھىيىتى بىلەن قاتنىشىدۇ.
      مۇسابىقە 28 - ئاپرېلدىن 2 - مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، مۇكاپات سوممىسى 15 مىڭ يۈەن. مۇسابىقىنىڭ ئادىل بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشئۈچۈن، مۇسابىقە تەشكىلىي ھەيئىتى «جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇسابىقە قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىنتىزامغا رىئايە قىلمىغانلارنى جازالاش چارىسى» بويىچە ئىش كۆرىدۇ. مۇسابىقىگە ۋىلايىتىمىز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەتلىك 1 - ۋە 2 - دەرىجىلىك 10 رېپېر تەكلىپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقە خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى «پۇتبول مۇسابىقە قائىدىسى» بويىچە 11 كىشىلىك مەيداندا ئۆتكۈزۈلۈپ، 5 - نومۇرلۇق توپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە كىرىش بېلىتى سېتىلىدىغان بولۇپ، باھاسى بەش يۈەن، ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى مۇسابىقىدىن قىلىنغان كىرىمنى 22 - ئاپرېلدىكى بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغابلارغا ئىئانە قىلىدىكەن.
      بۇ قېتىمقى مۇسابىقە يېڭى رېكورت يارىتىشى مۇمكىن. دەرىجىسى يۇقىرى بولغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ نەق مەيدان شاھىدى بولۇپ، ماھىرلارنىڭ ھاياجانغا تولغان كەسكىن ئېلىشىشلىرىنى كۆرۈشنى خالايدىغان پۇتبول مەستانىلىرى ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ مۇسابىقىدە ئۆزى ياقتۇرىدىغان كوماندىلارغا مەدەت بېرىپ، ئەڭ كۆڭۈللۈك بايرام پەيتلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
      مۇسابىقە ۋاقتى: 28 – ئاپرېل باشلىنىپ، 2 - ماي ئاخىرلىشىدۇ.
      مۇسابىقە ئورنى: تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پۇتبول مەيدانى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-27 16:09  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
822
تۆھپە
559
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 01:52:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
5554
تۆھپە
2452
UID
6

ئاۋانگارت ئەزائەلچىجاكارچى مىدالىتەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 10:16:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىدىن مۇنبەرداشلارنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرغان بولساڭلار.


مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى !

Rank: 4

تىللا
369
تۆھپە
109
UID
3910
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-28 12:25:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتىمۇ بىر مەنلىك ئىش بوپتۇ،ھەممە كاماندىغا ئامەت ۋە غەلبە تىلەيمەن،ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت يوللايمەن!!!!!!


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 12:11, Processed in 0.076101 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991