سۆيگۇ ئىزھارى
مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)
(بىر ئاشىق تىلىدىن)
كۆيگەچ سىزگە يۈرەك ئوت بولۇپ،
شۇڭا باقتىم كۆزۈم تالدۇرۇپ؛
كەتتىم ئەجەپ كۆيۈپ كۈل بولۇپ،
كەتكەچكە سىز ھىجران قالدۇرۇپ.
تاپالمىدىم ئالەم ئاختۇرۇپ،
قالغاچ سىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ؛
يۈردۈم ئەمدى كۈندە ئاھ ئۇرۇپ،
بىر كۆرسەم دەپ سىزگە يالۋۇرۇپ.

ئېرىشمەكچۈن بىر سىزگە - گۈلگە،
كۈندۈزلەرنى ئۇلىدىم تۈنگە؛
قالدىم ئەجەب ئازابلىق كۈنگە،
ئارمىنىم يوق ئايلانسام كۈلگە.
كۆيگۈنۈمگە پۇشايمانىم يوق،
سىز ئۈچۈنلا ياشاي كۆڭلۈم توق؛
سىزدىن ئۆزگە ئىچ كۆيەرىم يوق،
دەرت تارتساممۇ ھېچ ئارمانىم يوق.
كۈتمەكتىمەن ئۈمىدتە سىزنى،
كۆرۈشتۈرسە كاج تالەي بىزنى!
دائىم تىلەپ ۋىسالىڭىزنى،
ھەر دەقىقتە سېغىندىم سىزنى.
ئاللاھ بەرسۇن دىدارلىق بىزگە،
شەك چۈشمىسۇن چىن سۆيگۈمىزگە؛
ئەقىدە قىپ ئىشەنگەچ سىزگە،
يەتكەيمىز دەپ ۋىسالىمىزگە.
ئاپتورى : مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)