كۆرۈش: 1360|ئىنكاس: 0

بولمىغاي (مەخمۇت ئاۋۇت)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
مەخمۇت ئاۋۇت
تىللا
146
تۆھپە
60
UID
11967
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 10:56:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بولمىغاي

مەخمۇت ئاۋۇت

(مۇزاتى)

   
ئىرادىسىز، دىتى يوق،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي،  
ئالا كۆڭۈل مېھرى سوق،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.

  
  

ئەل دەردىگە زەن سالماس،

يولىدىن زەر ئىز قالماس،

نەتىجىلىك ئىش قىلماس،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.

  
   
ئوقۇرى دۆڭ تەكەببۇر،

ئېتى ئۇلۇغ كەم غۇرۇر،  
ئەلگە ياقماس تەرى سۇر،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.  


   
ئىللەتلەرگە يول ئاچار،

ئادالەتكە بۇس چاچار،  
ئەجىر - تەردىن پەر قاچار،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.  


   
قارنى يوغان پۇلپەرەس،

چىرىكلىككە ھەمنەپەس،

بىغەرەز ھەم كۆڭلى پەس،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.

  
مەنزىلىگە قارىماس،

كەلسە مۈشكۈل تورىماس،

رولچىلىققا يارىماس،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.




پەشتاقتىلا لاپ ئاتار،

تۇتامى يوق گەپ ساتار،

قانۇندىن يات ئىش تۇتار،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.


  
رەڭۋازلىق قىپ دىل ئۇتقان،

ئار - نومۇسنى يوقاتقان،

ئۆز ئەسلىنى ئۇنۇتقان،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.


  
ئەمەلدىن تېپىپ كېبىر،

چاغلاپ ئۆزىن ئەلدە بىر،

ئەلگە بەرمەس دىلۇ - سىر،

بىزگە رەھبەر بولمىغاي.


ئاپتورى: باي ناھىيەسىدىن مەخمۇت ئاۋۇت (مۇزاتى)  
بۇ شېئىر : «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 11:06  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 14:58, Processed in 0.070119 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991