كۆرۈش: 1190|ئىنكاس: 0

قاينامى شېئىرىلىرىدىن تاللانما[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
298
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 16:37:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاينامىغا قىسقىچە ئىزىھات:

ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى :
1975-يىلى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى قورغاس ناھىيەسىدە  دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغىچە ئوقۇيالىغان.شۇندىن بېرى دېھقانچىلىق ھەم ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1996-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان بولۇپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى تۈرلۈك ئۇيغۇرچە مەتبۇئاتلاردا 250 پارچىغا يېقىن شېئىر ۋە نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان.‹‹تەڭرىتاغ››،‹‹ئىلى دەرياسى››قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا تەرجىمىھاللىرى بېرىلگەن ، بىر قىسىم شېئىر ۋە نەسىرلىرىگە ماقالە ، ئوبزۇرلار يېزىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.ئۇ ئىزچىل ھالدا شېئىر ۋە نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ...




پىنھاندىكى غېرىپسىنىش



ساھىللاردا يۈرىمەن تېنەپ ،
يۈزلىرىمنى سۆيىدۇ شامال .
ھېسلىرىمدا تۈنەيدۇ ئازاپ ،
تەبەسسۇملار تىترەر بىماجال .

چەكسىزلىككە باقىمەن مۇڭلۇق ،
خىياللىرىم چايقىلار ئەمما .
تۇمان ئىچرە كۆرۈنەر ئۈمىد ،
بىراق شۇنچە سىرلىق مۇئەمما .


تىۋىشسىزلا دولقۇنلار ئازاپ ،
پىنھانلاردا يېرىلار ھەسرەت .
ۋىسالسىز شۇ قايغۇ-زارىمنى ،
ساھىللارغا ئېيتتىم نەچچە رەت .

يۈرەكلىرىم بىر غەلۋىرسىمان ،
ئازاپلارنى قالماس يۇشۇرۇپ .
ۋۇجۇدۇمغا سىڭگەن ئۇھسىنىش ،
تىلەكلەرگە كېتەر قوشۇلۇپ...

( 1996.03.21 )



زارىقىش



سېغىنىشقا ئورۇلۇپ يۈرەك ،
سۈرىتىڭگە قارايمەن تۇيماي .
نۇرلىنىدۇ خانەمدە ئىللىق ،
شۇنچە تونۇش ماھى بىر چىراي .

سۈكۈت بىلەن تەلمۈرۈپ ئۇزاق ،
قارچۇغۇمدا سەن كەتكەن تەرەپ .
پوچتالىيۇن كەلمەيدىغۇ ھېچ ،
يۈرىكىمگە تەسەللى سۆرەپ .

ئارام تاپار زارىقىش نىھال ،  
سۈرىتىڭگە باغرىمنى ياقسام .
ئاپتۇبۇستا خوش دېگەن دەملەر ،
كىرىپ قاپتۇ چۈشۈمگە ئاخشام...

( 1996.03.27 )

ئالداپ قويدۇڭ ئۆزۈڭنى ئەمما




تۇزۇپ كەتكەن پەيلىرىم تامام ،
ئاتا قىلغاچ خۇشاللىق ساڭا .
ئۇچۇپ كەتتىڭ يىراققا تەنھا ،
پەرۋاز قىلدىم يەنىلا كۆكتە .

ئۈمىد بەرگەچ بىر قانات ماڭا ،
تەڭرىم نۇسرەت بەردى ھەم يانا .
قەپەسلەرگە مەھكۇم بوپ يۈرەك ،
تۇرماس ئەمدى ئۈنسىز ياش تۆكۈپ .

تىلەمچىدەك بىلىنىپ ساڭا ،
ئالدانمىدىم مەن ساڭا زىنھار .
دېمەك سەنمۇ ئالدىيالمىدىڭ ،
ئالدايمەن دەپ مېنى دىلرەبا ،
ئالداپ قويدۇڭ ئۆزۈڭنى ئەمما...

( 1996.04.25 )



سۇناي ساڭا بىر قەدەھ مەينى



سۇناي ساڭا بىر قەدەھ مەينى ،
كەل تارتىنماي ئالغىن پەرىشتەم .
يېتىرقىما بولما دەرگۇمان ،
مەن تەرەپكە تاشلىغىن قەدەم .

سۇناي ساڭا بىر قەدەھ مەينى ،
كەلگىن ئۇنى ئالغىن قولۇڭغا .
ئېيتاي ساڭا چوڭقۇر تەشەككۈر ،
مەيلى راۋان بولغىن يولۇڭغا .

سۇناي ساڭا بىر قەدەھ مەينى ،
دىل خانەمگە ياققىن سەن چىراق .
ئىچىۋەتكىن مەينى سەن تۈگەل ،
قايتۇرۇپ بەر رومكىنى بىراق .

( 1996.04.28 )





ئىڭرىغان تىلەك




ئايرىلدىم،ئايرىلدىڭ كەتتىڭ يول ئېلىپ ،
چايقالغان دەملەردە مىسكىن بۇ روھىم .
سەن كەتتىڭ ئەقلىمنى قويدۇم كاچاتلاپ ،
چىڭ تۇتۇپ قېلىشقا يېتەتتى قۇربۇم .

كولدۇرما ئاۋازى كەتتى يىراقلاپ ،
توزانلىق يوللارغا كۆمۈلدى ۋىسال .
يالقۇنلۇق ئۇپۇقتىن ئارمانلار سۈزۈپ ،
ئەقىدەم بېتىگە رەڭ بېرەر خىيال .

ئايرىلدىم،ئايرىلدىڭ كەتتىڭ يول ئېلىپ ،
نىگاھلار ھەسرەتتىن ياسىدى قانات .
بۇژغۇنلار ئىچىدە ئىڭرىغان تىلەك ،
بەختكە پال سېلىپ يۈرىدۇ ھايات...

( 1996.12.05 )

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 13:23, Processed in 0.093203 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991