كۆرۈش: 96373|ئىنكاس: 37

جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى (ئەركەكلەر) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2539
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 00:24:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم 80خالتا بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى بىرزات ھەكىم. مەن بۇ يىل 31 دىن ئاشتىم .توي قىلغىلى 5 يىل بولدى. جىنسى ھەۋىسىم تۆۋەنلەپ كەتتى. زەكىرىم ھەر كۈنى ئەتىگىنى ھەم بەزىدە مەقسەتسىزلا قىتىۋالىدۇ. لىكىن ھەۋىسىم يوقلا . جىنسى مۇناسىۋەتكە قىزىقماس بولۇپ قالدىم. جىنسى تۇرمۇشتىنممۇ كۆپ ھوزۇر ئالالماس بۇلۇپ قالدىم. مەنى سۇيۇقلىقىمۇ ئاز چىقىدۇ.
قانداق قىلسام بولار دەپ بىشىم قىتىۋاتىدۇ.
مەسلىھەت بىرىشىڭىزنى سورايمەن.

جاۋاب:
قورامىغا يەتكەن، ئوتتۇرا ياشتىكىلەرنىڭ ئۆز يېشىغا ماس كەلمەيدىغان جىنسىي ھەۋەسنىڭ ناچارلىقى ياكى يوقاپ كېتىشى قاتارلىق نۇرمالسىز ھالەتلەر جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشى دېيلىدۇ. بۇ خىلدىكى كېسەللەر ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلمىغىلى خىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ئۆزىدە ھېچقانداق جىنسىي ئارزۇنىڭ يوقلۇقى ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىتا ھېچقانداق ھەۋەسنىڭ يوقلىقىدىن زارلىنىدۇ. پەقەت خوتۇنى تەلەپ قىلسا ئاندىن تەستىرەك جىنسىي ئالاقە قىلالايدۇ.
جىنسىي مۇناسىۋەت نېرۋا ۋە ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەڭشىشى ئارقىسىدا بىر يۈرۈش شەرتلىك ۋە شەرتسىز رېفلېكىسلار، ھەرىكەت، قان ئايلىنىش، نەپەسلىنىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغانسىتېمىلارنىڭ قاتنىشىشى نەتىجىسىدە تاماملىنىدۇ. بۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەر ئىنتايىن كۆپ بولۇپ تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاش مومكىن:
1-جىسمانىي كۈچ ئامىلى: جىسمانىي جەھەتتە قاتتىق چارچاش، ياكى ھەر خىل سوزۇلما كېسەللەردىن جىسمانىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاش يۈز بەرگەنلەردە جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش كىلىپ چىقىدۇ.
2.زېھنى كۈچ ئامىلى: بۇ ئاساسەن ئەقلى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ھەددىدىن زىيادە چارچاش، جىددىيلىشىش نەتىجىسىدە مەركىزى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جىنسىي مەركەزگە ئوخشاش نۇقتىلىرىدا تىزگىنلىنىش يۈز بىرىدۇ. بۇنىڭدىن جىنسىي ھەۋەسنىڭ يوقىلىشى ياكى ئاجىزلىشىشى كىلىپ چىقىدۇ.
3. پىسخىك ئامىل:بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئىنتايىن موھىم ئامىل بولۇپ ، تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) ھەددىدىن زىيادە غەم-قايغۇ، دەرد-ئەلەم، غەزەبلىنىش، قورقۇش قاتارلىقلار...
(2) ئايالىنىڭ سوغۇق مۇئامىلىدە بولىشى، يەنى ئۆز ئىرىگە قوپال مۇئامىلدە بولۇش ياكى خوتۇنى بىر مۇددەت جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى خالىماسلىق پوزىتسىيسىدە بولۇش ياكى مەنى مەنى چىقىرىلغاندىن كىيىنكى <<پاسكىنچىلىق >> نى يامان كۆرۈش،،،،،،،
4. سوغۇقلۇق ياكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئۇرۇقدان خىزمىتى زەئىپلەشكەندە مەنى ئازلايدۇ دە شەھۋەتمۇ سۇسلاپ زەكرنىڭ قېتىشى ئاستا ۋە بوشراق بولىدۇ.
........................
سەۋەبىگە قارىتا چارە قىلىنىدۇ. پىسخىك جەھەتتە مەسىلە بولسا ۋاقتىدا ھەل قىلىپ ئەر-خوتۇن ئۆز ئارا ئازادە، خۇشال موھىت بەرپا قىلىپ روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك!
جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىش جىسمانىي جەھەتتىكى قۇۋۋەتسىزلىك، مەنى ئازلاپ كېتىش، بۆرەك سوۋۇپ كېتىش دېگەنلەر سەۋەبىدىن بولسا ئۇيغۇر تېبابىتىدىكى رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلىگۈچى، بۆرەك ئۇرۇقدان خىزمىتىنى ياخشىلاپ جىنسىي قۇۋۋەتنى كۈچەيتكۈچى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.
بۇنىڭغا قارىتا:
1. مەجۈنى سۆئىلەپ
2. لۇبۇبى كەبىر
3. داۋائىل مىشكى
قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ.
ئۇندىن باشقا : جىگدە چېچىگى گۈلقەنتى، جېگدە چېچىگى ھەسىلى، ئەنجۈر مۇرابباسى، ياڭاق مۇرابباسى، قۇچقاچ ، كەپتە كاۋاپلىرى....دېگەندەك غىزالارمۇ جىنسىي تەلەپنىڭ ئاجىزلىشىشغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
بۇ ئاياللارغىمۇ ئورتاقتۇر.




قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى
شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 2

تىللا
104
تۆھپە
37
UID
433
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 12:40:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى بۇ يەرگىمۇ 80 خالتا كىلىپ قاپتۇغۇ ...  دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاكەن .


Rank: 1

تىللا
7
تۆھپە
5
UID
819
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 13:09:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىنتايىن نازۇك مەسىلە!


Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تىللا
1976
تۆھپە
1148
UID
1

تەڭرىتاغ تۈۋرىكىتۆھپىكار تەڭرىتاغ يىگىتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 18:33:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ مۇنبەردە ساغلاملىق مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ . لىكىن بۇنداق تېمىلار سەل ئادەمنى خىجىل قىلىپ قويۇدىكەن ،


بارلىق تورداشلارغا نورۇزلۇق ئوتلۇق سالام ...

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
ئابدۇرىېھىمجان
تىللا
2539
تۆھپە
1330
UID
281

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-12 20:36:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2011-10-12 18:33
ماۋۇ مۇنبەردە ساغلاملىق مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بو ...

ھېچنمە بولمايدۇ.... بولسا ىسزمۇ يۇللاپ قۇيۇڭ `!


قەدىرلىكىم قەدىرلىگىن قەدىرىڭنى قىلغان قەدىردانلارنى،
قەدىرلىكىم قەدىرلىمە قەدىرىڭنى قىلمىغان قەدىرسىزلەرنى

Rank: 4

تىللا
562
تۆھپە
108
UID
908
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 20:01:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە بولغاندىمۇ تېما يوللىغاندا ئوبىيكتقا دىققەت قىلىش كىرەك،چۈنكى مۇنبەر بارلىق تور ئەھلىگە ئوچۇق


ئىغىزىداپىل تەۋرەتكەندىن ئەمىلىيتىدە  قىل تەۋرەتكەن ئەۋزەلدۇر

Rank: 6Rank: 6

تىللا
523
تۆھپە
224
UID
1012
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 18:14:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە مۇ مەسىلە نازۇك بىر مەسىلە بولسىمۇ ساغلاملىقىمىزنى ئاسراپ، كىسەللىكبايقالغان ھامان ۋاقتىدا  داۋالاتساق،  ئۆزىمىزگە چىڭ بولساق   ئائىلە ئىناقلىقى بۇزىدىغان  ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز، شۇنداقلا،ئايلنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايمىز، قەددىمىزنى تىك تۇتالايمىز.
شۇڭا ،ئەرلەرگە تەكلىپىم تاماكا، ھاراق قاتارلىق زەھەرلىك نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ئۆزىمىزنى تارتايلى، بۇ نەرسىلەر بىز ئەرلەرنىڭ تىىنىنى زەيىپلەشتۈرسە زەيىپلەشتۈرىدىكىن ھەرگىزمۇ كۈچۈيتمەيدۇ.


Rank: 1

تىللا
19
تۆھپە
5
UID
462
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 17:39:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانداق تېمىلارنى ئەڭ ياخشىسى شۇ كەسپىي تور بېكەتلەرگە كىرىپ كۆرگەن ياخشى~~ ھەممە ئادەم سىز دېگەندەك ئەمەس، نۇرغۇن قىزلار، كىچىك بالىلارمۇ كىرىدۇ بۇ يەرگە!


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
قۇربان سايىم
تىللا
1334
تۆھپە
719
UID
558

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 18:31:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مۇنبىرىمىزدە پەقەت بۇ تېمىلا كەمتى، بۇ بوشلۇقمۇ تولدۇرۇلۇپتۇ. توغرا چۈشۈنىش كېرەك-ئەلۋەتتە.


Rank: 2

تىللا
102
تۆھپە
41
UID
851
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-18 21:46:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئۆزى ياخشىكەن، بۇنىڭ خىجىل بۇلىدىغان نەرى بار. تىلىۋۇزۇردىكى ئىلانلاردىن كۆپ ياخشىكەنغۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-10-5 06:34, Processed in 0.079384 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991