ئەرلەرنى كېسەلچان قىلىۋاتقان سەۋەبلەر
سەۋەبلىرىنى توغرا ئېنىقلاش، كىسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى . كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبلەرنى ئېنىقلاپ بىلمەي تۇرۇپ ، كېسەللىكنى داۋالاپ ساقايتىشقا ئۇرۇنۇش چوقۇم ياخشى ئاقىۋەت بەرمەيدۇ. كېسەللىك سەۋەبچىسى ئېنىقلانسا سەۋەب يوقىتىلىش بىلەن كېسەللىك ساقىيىدۇ.كېسەللىكنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنى تەتقىق قىلىپ ئېنىقلاش ئالاھىدە بىر ئىلىمدۇر . ھەر خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ ھەر خىل بولىدۇ . ھازىر ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئۇچرايدىغان 1000 خىلدىن ئارتۇق كېسەللىك مەۋجۇت. ئەرلەر كېسەللىكىمۇ تىبابەت نەزىرىيىسىدە مۇشۇ كېسەللىكلەرنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ئىنىق بولغاندىن كېيىن قايسى خىلت، قايسى مىزاجغا ياتىدۇ، ئاساسلىق سەۋەب نېمە؟ تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئىلاج قىلىش كىرەك. بىز بۇ يەردە ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئاساسلىق سەۋەبلەرنى قىسقىچە
تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. بۇ تۆۋەندىكىدەك ئىككى خلغا بۆلىنىدۇ.:
1. ئىچكى سەۋەبلەر
(1) جىنسىي مۇناسىۋەتنى كۆپ قىلىش؛
(2) لازا، ئاچچىقسۇ، ھاراققا ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛
(3)نەشە، تاماكا، خىروئىن، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل زەھەرلىك نەرسىلەر ۋە شەھۋەتنى كۆپەيتكۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش؛
(4) شەھۋانىي ھەۋەسلەرنى كۆپ قىلىش، ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇشنى كۆپ ئويلاش، شەھۋانىي كىتاپ ، ھىكايە، رومان، سېرىق سىنالغۇ فىلىملىرىنى كۆرۈش قاتارلىقلارمۇ مەنىي خالتىسى ئىششىقى، مەزى بېزى ياللۇغى، نېرۋا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئاياللارنىڭ زىيادە يالىڭاچلىشىشىمۇ ئەرلەردە مەزى بېزى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
(5) بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىنمۇ ئەرلەر كېسەللىكلىرى كۆپ كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئوزۇن مۇددەت غەيرى نورمال سەپرا ئۇرۇنلىشىش سەۋەبلىك، بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك جاراھىتى، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئورۇقدان ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.
2. تاشقى سەۋەبلەر
سوغۇقتا كۆپ توڭۇپ كېتىش، سوغۇق يەرلەردە كۆپ تۇرۇش ياكى ئىسسىق جايلاردا كۆپ ئىشلەش، ئۇزۇن مۇددەت روھىي بېسىمغا ئۇچراش، ئىسسىقلىق غىزا ۋە دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، كۈچلۈك ئىسسىقلىقنىڭ سىرىتتىن تەسىر قىلىشى .مەسىلەن، ئۇزۇن مۇددەت ئھپتاپتا قېلىش، ھاۋانىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە ئۇزۇن سەپەر قىلىش، سوغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئۇزۇن مۇددەت كۆپ ئىستىمال قىلىش؛ سۈرگۈ ۋە سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستىمال قىلىش بىلەن ئارتۇقچە تازلىنىپ كېتىش قاتارلىقلار ئەرلەر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى تاشقى سەۋەبلەردۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا لوقمان ھېكىمنىڭ مۇنداق بىر نەسىھەتى بار: ئۇزۇن مۇددەت كۆپ يول يۈرۈش، مۇنچىدا ئۇزۇنراق يۇيۇنۇش ۋە مۇنچىدا جىما قىلىش،يان يېتىپ جىما قىلىش، كۆپ ئاچچىقلىنىش، ئاچچىق - چۈچۈك نەرسىلەرنى كۆپ يىيىش، سۈيدۈكنى تەخىر قىلىش قاتارلىقلار ئەرلىكنى ئاجىزلىتىپ ئومۈرنى قىسقارتىدۇ.
يەنە بىر گەپنىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي: توڭلاتقۇدا مۇزلاتقان سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىمكان بار ئاز ئىستىمال قىلغان ياخشى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇرىېھىم تۇرسۇن