كۆرۈش: 2873|ئىنكاس: 4

مەندە نە ئارمان؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
298
تۆھپە
167
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:56:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەندە نە ئارمان؟


2006071522435011887.jpg



مېھىردىن ھارارەت ئالسا بۇ جاھان،

ياشىساق ساخاۋەت ئىلكىدە ئامان،

زىيالار ياغدۇرساق سۆيگۈدىن ھامان،

دىللاردىن - دىللارغا يول ئالساق تامان،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا،  

بىخلانسا قەلىبتە سۆيگۈ ئۇرۇقى،

سۇغارسا كۆيۈنۈپ مېھىر بۇلىقى،

تارىسا دۇنياغا سۆيگۈ خۇلىقى،

ھەر جايدا تۈز بولسا دىلنىڭ تۇرىقى،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


يىغلىسا يېشىنى سۈرتسە سۆيۈملۈك،

غەملەردە باشىنى سىلاپ كۆيۈملۈك،

ئاھ ئۇرسا يولىغا يانداشسا ئۆملۈك،

شۇنىڭدا بولمامدۇ دۇنيا سۆيۈملۈك؟

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


تەشناغا سۇ بەرمەك قانچىلىك ساۋاپ؟

كەتمىسەك توغرىدىن قەدەمنى ئاياپ،

قول سۇنساق، مۇھتاجغا تۇرمىساق قاراپ،

يۈرسەكلا داۋاملىق ساخاۋەت ئاتاپ،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


گەر سۆيگۈ ئۇچرىسا ئازارغا ناھەق،

يىغلايدۇ قوشۇلۇپ دۇنيامۇ بەرھەق،

رەنجىيدۇ ھەتتاكى ياراتقان «رەب» ھەق!

يا سۆيگۈ ئىگىسى بولامدۇ ئەخمەق؟

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


مېھرى - شەپقەتتىن كۈلسە ھەر كۆڭۈل،

ئىچىلسا دىلىدا دوستلۇقتىن مىڭ گۈل،

ساختىپەز نىشان بولسا كۆيۈپ كۈل،

دىللاردىن - دىللارغا بولسا يول ئۇدۇل،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


غەملەردە قالمىسا ناتىۋان قەلبى،

شەبنەمنى كۆرمىسە يېتىم كۆزلىرى،

ئىگىسىز قالمىسا مىسكىن تىلىكى،

ھەر دائىم كەڭ بولسا سېخى ئېتىكى،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


كۆڭۈللەر توق بولسا مېھرى - شەپقەتتىن،

تارتمىسا بىھۇدە ئازاب قىسمىتىن،

سۆيگۈسى ئۇرغۇسا يۈرەك قېتىدىن،

بىسىلسا ھەر قەدەم قەلب بېتىدىن،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


يېتىم يىغلىسا دۇنيا يىغلايدۇ،

مىسكىن زارلىسا دۇنيا زارلايدۇ،

ناتىۋان ئاھ ئۇرسا دۇنيا غەم يەيدۇ،

غىرىب كۈلمىسە دۇنيا ھۇۋلايدۇ!

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟


چىڭ تۇتسا مېھىردە سۇنۇلغان قولنى،

ھەم سۆيسە مېھرىدە سۆيۈلگەن دىلنى،

بىر قىلسا قەلبتە ئوخشاش ھەم تىلنى،

تۈز قىلسا ھەر دائىم ئۆزگە نىيەتنى،

مېھىردىن كۈلسە دۇنيا، مەندە نە ئارمان؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەسىمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 12:56  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
173
تۆھپە
96
UID
11161
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 14:41:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ئەجرىڭىزگە  رەھمەت


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1119
تۆھپە
903
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 16:41:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكىلىك چىقىپتۇ...


سەكرا

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
798
تۆھپە
313
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 17:04:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز كۈچلۈككەن، ئىجادىيەتلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسىۇن  


Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
ئىزلەنگۈچى
تىللا
844
تۆھپە
574
UID
5650
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 23:57:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز ،رەھمەت سىزگە !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 13:08, Processed in 0.077112 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991