كۆرۈش: 2312|ئىنكاس: 3

ئۇستازلارنىڭ خاتالىقى ياكى دەۋىرنىڭ خاتالىقى؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

تىللا
217
تۆھپە
83
UID
9596
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:59:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇستازلارنىڭ خاتالىقى ياكى دەۋىرنىڭ خاتالىقى؟

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار


      ماقالىلەر توپلىمىنىڭ بېشىدىلا«بۇنى كىم ئوقۇيدۇ؟»دەپ يازىدۇ فىرانسىيە مۇتەپەككۇرى دېدىرو. ئىلگىرى ئىدىيە ئىنسانىيەتنى ئالدىغا چامداتقۇزغان،كىشىلەر ئىدىيە ۋە پەيلاسوپلارغا ھۆرمەت قىلىشقان دەۋىرلەردە جاھان گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان.
     تارىختا شۇنداق گۈزەل ۋاقىتلار بولغان: مەلۇم ئىدىيە كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان،يېڭىچە تەپەككۇرنى ئۇچقۇنلىتىپ،ئىجتىمائىيەتتە ئىنقىلاپ ۋە ئۆزگىرىش پەيدا قىلغان, بىزنىڭ دۇنيانى بىلىش ئۇسۇلىمىزغا كۈچلۈك تەسىر قىلغان.
       بۈگۈنكى كۈنگە قاراپ باقىدىغان بولساق،بىز ئىدىيە نامراتلىقى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتىمىز.يېڭىلىقلار سۈكۈتنىڭ،جاسارەت ئىمتىيازنىڭ ئاستىغا بۇسۇرۇلۇپ ياتماقتا.
     ئىدىيە يۈكسەكلىكى توغرىنى قوللاش،چۈشىنىش ۋە ئۆزلۈكسىز ئىزدەشتىن كېلىدۇ.ئىدىيۋى يۈكسەكلىكتىن ئىزنا يوق «ھالقىش»تىن گەپ ئېچىش تېخىمۇ قىيىن.
     ھازىرقى ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى نوقۇل تەجرىبە ۋە مىتودقىلا ئېسىلىۋېلىش بىلەن ئاۋارە(«ئىدىيە ھەپتىلىك ژۇرنىلى»2012-يىل1-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى سانىدىن).
  بۇنداق بولغاندا، ئىدىيە يوقسۇزلۇقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىشەنچىسىنى،قىزغىنلىق ۋە ھۆرمىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ ھەم ئىلمىي كەيپىياتنى ئايىغى چىقماس كۆلگە ئوخشىتىپ قويىدۇ.
    بۇرۇنلاردا ئۇلۇغ ئالىملارنى،پەيلاسوپلارنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئورىۋالاتتى،جەمئىيەتكە تۇنۇشتۇرۇش ئۈچۈن تەقەززابولاتتى.ئۇلارنىڭ ئىدىيسى ئىختىيارى يوسۇندا كىشىلەرنىڭ دېققەت نەزىرىدە بولاتتى. نورمال رېتىمى،توغرا فورمىلىرى بىلەن كېلىۋاتقان ئىلىم-پەن ۋە ئىدىيەلەر ھازىرقى كۈندە بىرقىسىم تېتىقسىز ئەخلەت ئۇچۇرلارغا ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇر! بۇلار ئۇستازلارنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى دەۋىرنىڭ خاتالىقىمۇ؟

باش مەنبە:
كائىنات تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 15:03  


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 3Rank: 3

تىللا
391
تۆھپە
29
UID
5464
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 16:07:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نى ھەرگىزمۇ  دەۋرنىڭ خاتالىقى  دىيشكە بولمايدۇ ، يەنە كىلىپ ھەم ئۇستازنىڭ خاتالىقى دەپمۇ كىتىشكە بولمايدۇ....... پەقەتلا ھەققەت ئۈچۈن قۇربان بېرەلەيدىغان  شەخسلەر كەمچىل .....ئەگەر سىز  ۋەزىيەتنىڭ قۇلى بولسىڭىز سىز ئىنقلا دەۋرنىڭ  يىتەكلىشىدە بۇلۇسىز.....ئەگەر سىزدە  ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەيدىغان ئىدىيە ۋە ھەققەت ئۈچۈن قۇربارن بېرەلەيدىغان جاسارەت بولسا ، دەۋرمۇ سىزنىڭ ئىدىيىڭىزگە ماس ھالدا ئىلگىرلەيدۇ....... ھەققەت-  دەۋرنىڭ توغرا يىتەكچىسى....!


Rank: 2

تىللا
160
تۆھپە
25
UID
671
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 18:10:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى مەسلە يەنىلا بىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىمىزنىڭ قاتمال ۋە چۈشەپ قويۇلغانلىقى تۈپەيلى ،بىزدكى يۇقىرى قاتلامدىن تاكى تۆۋەنگىچە سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەرنىڭ ئالغان مائارىپ تەربىيسى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش ،ئۇلارنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ئاساسەن ئوخشاش ،شۇنداق بولغاچقا بۇ يەردىكى ئۇستاز نىڭ خاتالىقىدىن سۆز ئىچىش پەقەت ئۆزىمىزگە تەسەللىي بىرىش خالاس .
بىز ئەسلىدىنلا دەۋىرنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشالماي قالدۇق ،دەۋىر بىزدىن يىڭىچە ئىدىيە بىلەن ئىنسانىيەتكە يۈزلىنىشنى تەلەپ قىلماقتا ،بىراق بىز يەنىلا شۇ ئادەتلىنىش پىسىخىكىمىز بۇيىچە يىڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا جۇرئەت قىلالمايۋاتىمىز ،يىڭىلىق يارىتىش ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تۇنۇپ يەتكەن ۋاقتىمىزدىلا ئاندىن بۇلارنىڭ جاۋابىنى تاپالايمىز  


Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
128
تۆھپە
53
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-23 12:48:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى مائارىپنى قوللىساق ھەممە ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ http://www.qogluk.com/hawar/xj/2012/0305/11634.html      بۇتور بىكىتىدىكى مەزمۇننى ئوقۇپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-6-5 12:55, Processed in 0.070661 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991