كۆرۈش: 6001|ئىنكاس: 5

ياسىنجان سابىر: قىلتاققا چۈشكەن يىگىت (ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
سابىرجان سىيىت
تىللا
682
تۆھپە
420
UID
3338
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:19:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قىلتاققا چۈشكەن يىگىت

ياسىنجان سابىر


(ھىكايە )



نىمە ئۈچۈنكى بىلمدىم ، ھاۋا تۇتۇلغان كۈنلىرى ئىشلىرىم پەقەتلا ئوڭغا تارتمايدۇ . كىچە ياغقان يامغۇرنىڭ بۇلۇتلىرى تېخى تاراپ كەتمىگەچكىمىكى ، ئەتىگەندىلا ھاۋا شۇنداق تۇتۇق ، كۆڭۈم بىر قىسمىلا بولۇپ بىر ئىش يۈز بېرىپ  قالىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى.
ئەتىگەندىلا ئۇخلاپ قوپۇپ ئىككى سائەت بولا – بولماي بېشىمغا پىت تېرىۋالدىم . ئىككىنچى سائەتلىك دەرىستىن چۈشۈپ قايتىپ چىققۇچە ئالدىدىكى پارتىنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ تېلفونىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم . تېلفوننى قولۇمغا ئېلىپلا كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بۇ بىزنىڭ سىنىپتىكى پەرھاتنىڭ تېلفونى ئىدى ، بۇ ئۇنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن ئالغان قىممەت باھالىق تېلفونى بولۇپ ، ئۇنىڭ بۇ تېلفوننى كۆز- كۆز قىلمىغان ئادىمى قالمىغاچقا  ھەممەيلەن دىگۈدەك بۇ تېلفوننى تونۇيتتى . تېلفوننى ئېلىپ پەرھاتنى ئىزدەپ ماڭغان ئىدىم  ، كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق دىگەندەك ئىش بولدى . تېلفوننى ئېلىپ پەلەمپەيدىن چۈشكىچە تېلفون قولۇمدىن چۈشۈپ كېتىپ ئىكراننىڭ ئەينىكى چېقىلىپ كەتتى . تېلفوننى پەرھاتنىڭ يېنىغا ئاپىرىپ بولغان ئىشلارنى چۈشەندۈرۈپ تېلفوننى بەرسەم نىمە دېدى دېمەمسىز ، تاتىرىپ كەتكەن چىرايلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ، كۆزلىرىنى ماڭا تىككىنىچە «مېنىڭ تېلفونۇم بۇنداق چېقىق ئەمەس ئىدى »دەپلا تېلفوننى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى . بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى ، ياخشى كۆڭۈللۈك بىلەن تېلفوننى ئېلىۋالغىنىمغا پۇشايمەن يەپ دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ تېلفون رېمونت قىلىدىغانلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردىم . رېمونتچى كۆرۈپ ئىكراننىڭ چېقىلىپ ئەينەك پارچىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى باتارىيسىدىن باشقا يىرىنىڭ ساق قالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر مۇنچە باھا قويۇپ تۇرىۋالدى ، ئۇنى دەپ – بۇنى دەپ يۈرۈپ ئاخىرى 500يۈەنگە كېلىشتۇق ، شۇنىڭ بىلەن باشنى غەم باستى ، 500يۈەن تۈگىدى دىگەن گەپ كېلەر ئايدا ئۆيدىكىلەر پۇل  ئەۋەتكىچە شامال يەپ ، بوران كېكىرىپ يۈرىيدىغان كۈنلەر باشلاندى دىگەنلىك بولاتتى .
لىكىن مىنىڭ بۇ دەردىمنى كىممۇ ئاڭلايدۇ دەيسىز ؟ ھېلىمۇ ئىسىمدە كىچىكىمدە خوشنىمىزنىڭ بالىسى بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ چوڭ ئەينەكنى چېقىۋەتكەندە ، دادامدىن بىكار – بىكار تىل ئاڭلىغاننى ئاز دەپ تېخى سۈپۈرگىنىڭ تايىقى بىلەن تازا سالغان ئىدى . شۇ ۋاقىتتا تاياقنىڭ ئاغرىقىدىن ئەمەس ، ئاشۇ بىكاردىن – بىكار كەلگەن ئۇۋالچىلىقققا چىدىماي يىغلىغان ئىدىم . ھازىرقىدەك بۇنداق ئىڭەكنى ساقال بېسىپ ، بۇرۇت خەت تارتىپ قالغاندا يىغلاش ئەمەس كۆزگە قۇم كىرىپ كەتكەندە چىققان ياشنىمۇ كىشىگە كۆرسىتىشتىن خىجىل بولىدىغان گەپكەن .
شۇنداق قىلىپ بىكاردىن  - بىكار يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگەننى ئاز دەپ ، ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم .
بۇنداق ئەلەم ئىچىدە قالغان ۋاقىتلاردا ئادەمنىڭ دەردىنى ئاڭلايدىغان بىرەرسىنىڭ بولماسلىقىدىنمۇ ئازابلىق ئىش بولمىسا كېرەك . كۈندە دېگۈدەك ياتاقتىن چىقماي ئولتۇرىدىغان ياتاقداشلىرىمنىڭ بىرەرسىمۇ يوق ئىدى . راستىنلا كەيپىم ئۇچقانىدى ، لىكىن نىمە ئامال ، ئامالسىز تورغا چىقىپ  بىردەم بولسىمۇ بۇ كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئۇنۇتقۇم كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن تورغا چىقىپ تورداشلىرىم بىلەن پاراڭلىشىشقا باشلىدىم . تونۇشقىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان توردىكى بىر دوستۇم مىنىڭ بېشىمغا كەلگەن بۇ ئىشلارغا ھىسداشلىق قىپ كەتتى . ئۇ خېلى بىر ۋاققىچە ماڭا تەسەللىي بەرگەندىن كىيىن ئاخىرى ماڭا پۇل سېلىپ بېرىدىغان بولدى . ئۇنىڭ بۇ گىپىنى دەسلەپتە چاقچاق دەپ چۈشەنگەن ئىدىم ، لىكىن كىيىن ئۇ مىنىڭ بانكا كارتامنىڭ نومۇرىنى سورىغاندىلا ئاندىن ئىشەندىم . ئۇنىڭ دىيىشچە مىنىڭ راستچىللىقىم . ئۇنى تەسىرلەندۈرىۋىتىپتۇمىش . قىزلارنىڭغۇ ئاسان تەسىرلىنىدىغىنى راست لىكىن بۇنداق ئاسانلا پۇل سەپ بېرەي دەيدىغىنىدىن قانچىسى بار دەيسىز ؟  بۇنداق توردا ئالدامچىلىق قىلىدىغانلارنى كۆپ ئاڭلىغان لىكىن ھەممىسى پالانى كارتىغا مانچە پۇل سەپ بېرىڭ دەپ ئالدايتتى ، بۇ بولسا پۇل سەپ بېرەي دەۋاتىدۇ ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۇ قېتىمقى قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشىم كېرەكتە . كارتا نومۇرىنى بىلگەن بىلەن بەرىبىر پۇل ئالالمايدۇ ، پۇل سالسا – سالمىسا مەن ئۈچۈن بەرىبىرغۇ ، شۇ خىياللار بىلەن ئۇنىڭغا كارتا نومۇرۇمنى ئېيتىپ بەردىم . بىر نەچچە سائەتكە قالمايلا كارتامغا 500يۈەن كىرگەنلىكى توغۇرلۇق ئۇچۇر كەلدى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئاق كۆڭۈل قىزچاقنىڭ ياردىمىدە بۇ قىيىن ئۆتكەلدىنمۇ ئۆتىۋالىدىغان بولدۇم  . لىكىن بۇ پۇلنى قايتۇرۇشنىڭ ئۆزى بىر غەم ئىدى . ئۆيدىكىلەرگە بۇ ئىشلارنى دىيىشكە بولمايتتى  . باشقا ئامال بولمىغاچ ھەپتىگىچە تورغىمۇ چىقمىدىم . بۇمۇ ياخشى ئامال ئەمەس ئىدى ، بۇنداق قۇلاقنى يوپورۇپلا يوقاپ كەتسەم مىنىڭ ئاشۇ يولدىكى تىلەمچىلەردىن ، توردىكى ئالدامچىلاردىن پەرقىم قالمايتتى ، شۇڭا ئاخىرى يۈزۈم چىدىماي يەنە توردا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم ، ئەسلى ئۇنى تىللاپ كېتەرمىكىن دىگەن ئىدىم ، لىكىن ئۇنىڭ «پۇل يەتمىگەن بولسا يەنە سېلىپ بېرەيمۇ » دىگەن گەپلىرى يۈرۈكۈمنى ئېچىشتۇرىۋەتتى ، نىمىلا بولمىسۇن ساپساق بىر ئوغۇل بالا تۇرۇپ قىز بالىنىڭ پۇلىنى خەجلەش نۇمۇس ئىشتە . ئاخىرى دوستلىرىمدىن قەرز ئېلىپ يۈرۈپ ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولدۇم ، لىكىن ئۇ ئالغىلى ئۇنىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرىۋالدى . ئاخىرى بىز تالىشىپ يۈرۈپ بىللە تاماق يەيدىغانغا كېلىشتۇق . تاماق يەيدىغان ئورۇننى ئۇ تاللىغان ئىدى . شۇنداق قىلىپ كېلىشكەن ۋاقىتتىن بىر سائەت بۇرۇن يولغا چىقتىم ، ئۇ دىگەن جايغا بىر قانچە ئابتۇبۇس ئالمىشىپ خېلى  ئۇزۇن يول يۈرگەندە ئاندىن يىتىپ بارغىلى بولاتتى ، بېرىپ شۇنى بىلدىمكى ئۇنىڭ كۆرۈشۈشكە تاللىغان يېرى تاماق يەيدىغان جاي بولماستىن  بەلكى دېسكوخانا ئىدى .
مانا بۇ يەردە بىر – بىرىنى قىستاپ يۈرۈپ تېز رىتىمدىكى مۇزىكىغا ئۈلگۈرۈپ بولالماي ئاللىغانداق ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆزىچە ئۇسۇل ئويناۋاتقانلارغا قاراپ ئولتۇرغىلى بىر سائەتتىن ئاشتى . ھېلىقى توردىشىمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . بۇيەردىكىلەرنىڭ ئۆزىچە ئۇسۇل ئويناپ چىقارغان غەلىتە قىلىقلىرى ئادەمنىڭ غىدىقىنى قوزغايتتى، سەھنىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن توختىماي قويۇپ بېرىلىۋاتقان ئاق تۈتەك ئادەمنىڭ كۆزىنى ئېچىشتۇرسا ، ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقىغا ئارلىشىپ كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتاتتى .  شۇنداق سەسكىنىشلەر ئىچىدە ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق جاينى كۆرۈشۈشكە تاللىغانلىقىنى ئويلاپ قالدىم . تېخى بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدىلا بىر نەچچىسىنىڭ ئاغزىدىن ، بۇ چوڭ شەھەردە خۇددى پۇلنى خەجلەيدىغان جاي تاپالماي قىزلارغا خەجلەپ كۆڭلىنى خوش قلىدىغان باي غوجاملارغا ئوخشاش ، نۇرغۇن باي خېنىملارنىڭ پۇللىرىنى ياش يىگىتلەرگە خەجلەپ كۆڭۈل خوش قىلىپ يۈرىيدىغانلىقىنى سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم . بۈگۈن مىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ قېلىشىم دەل شۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىۋاتاتتى . لىكىن «تاش ئۈستىدە قۇيرۇق تۇرامدۇ بىر بالاسى بولمىسا »دىگەندەك ھەر خىل گۇمانلار بىلەن  بەدىنىمگە تارالغان ئىللىق سېزىم گىرەلىشىپ مىنى ھەر خىل خىياللارغا باشلايتتى . نەدىندۇر بىرسى ئۇنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ياتاققا قايتىپ كېتىشىمنى ئەسكەرتەتتى ، بۇ ھەم مىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشىم ئىدى . يەنە قاياقتىندۇر بىرسى مىنىڭ بۇنداق ئوبدان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلكىمنى ، بۇنداق پۇرسەتنىڭ ھەممە ئادەمنىڭ ېشىغا كىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ مىنى ئىللىق سېزىملا قوينىغا غەرىق قىلاتتى . ئەنە شۇنداق چىگىش خىياللار ئىچىدە خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ، مەن كۈتكەن قىزچاقمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى . ئۇ مەن ئويلىغاندىن خېلىلا چىرايلىق ئىدى ، ئۇنىڭ خۇمارلىق كۆزلىرى ئادەمنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى . ئۇ كەلگەن ۋاقىتتا ئاللىقاچان بىزنىڭ ياتاقنى تاقايدىغان ۋاقىتتىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ «كەچتە بىزنىڭكىگە كىتەيلى » دىگەن سۆزلىرى مىنىڭ بايىقى خىياللىرىمنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ ئەنسىزچىلىكلىرىمنى يوقۇتۇپ ، گۈزەل چۈش ، ئىللىق سېزىم ئىچىگە باشلايتتى . ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بىز ئازراق قىززىۋېلىش ئۈچۈن بىر قانچە رومكا سوقۇشتۇردۇق ، تۆت رۇمكىغا بارمايلا ھەممە يەر ئايلىنىشقا باشلىدى ، خىرە – شىرەلىك ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ بىر ماشىنىدا كىتىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم ، ئاچ قورساق ئىچكەچكە مەس بولغان ئوخشايمەن دەپ ئويلايتتىم ، پەقەت بىر كارۋاتقا تاشلانغانلىقىمنى سەزگەندىلا پۈتۈن بەدىنىمنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم .
*             *                *
پۈتۈن بەدىنىم  ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك قاتتىق ئاغرىيتتى ، بېشىمنى ئاران كۆتۈرەلىدىم ، ماغدۇرسىزلانغان قوللۇرۇمنى تەستە ھەرىكەتلەندۈرەتتىم ، ياستۇقنىڭ ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ يانفونى ، بىر پارچە قەغەز ۋە بىر باغلام پۇل تۇراتتى ، قەغەز ئۈستىگە 120گە تېلفون قىل ! دىگەن خەت تۇراتتى. ئاران تەستە تېلفون قىلدىم . بىر قانچىسىنىڭ مېنى يۆلەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭغانلىقىنى ھېس قىلالىدىم .
*                  *                      *
كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا ئۆزۈمنىڭ  بىر دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىمنى بىلدىم . پۇت – قولۇمغا خېلى جان كىرىپ قالغاندەك قىلاتتى ، بىلىمنىڭ بىر يەرلىرى مۇجۇپ ئاغرىيتتى . ئىشىك سىرتىدىكى بىر قانچە كىشىنىڭ پارىڭى ئاڭلانغاندەك بولدى . ئۇلارنىڭ سۆزىنى  ئاڭلاپلا كۆزلۈرۈم قاراڭغۇلىشىپ ، تاراملاپ ياشلار قۇيۇلۇپ كەتتى . ئۇلار بىر توپ  ئالدامچىنىڭ ياش بىر يىگىتنىڭ بىر بۆرىكىنى ئېلىۋالغانلىقى توغىرسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى.

شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتى كومپىيوتېر 2009-يىللىق 2-سىنىپتىن : ياسىنجان سابىر


شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسى

Rank: 6Rank: 6

تىللا
1018
تۆھپە
488
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 17:53:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاسلا قالىتىم QQبىلەن renrenدىكى قىز ساۋاقداشلىرىمنىمۇ قېتىپ يۇيۇيىۋەتكىنى..
باشتا ياسىنجان سابىر دېگەن ئىسىمنى ياسىنجان سادىق كۆرۋېلىپ ئالدىراپلا كىرىپتىكەنمەن ، قارىسام ياسىنجان سابىر ئىكەن ،ئەمما ھېكايىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ، ھەقىقەتەن ياخشى ،تەبىئىي چىقىپتۇ ، خۇددى ئۆزۈمنىڭ بۆرىكىنى باشقىلار ئېلىپ كەتكەندەك بىر خىل ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى..... ئەخلاق مەسلىسى باردە بۇيەردە..


ئۆيگە كەتكۈم بار..

Rank: 4

ئىسىمى
ئابلەتجان
تىللا
516
تۆھپە
109
UID
927
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 19:06:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايەڭ  مەنىسى چوڭقۇر،تولىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ، قولۇڭغا دەرد تەگمىسۇن، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيتىڭگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق ھەم بەرىكەت تىلەيمەن ئىنىم.


مەن بۈگۈننى قانداق ئۆتكۈزدۈم؟ بۇ مەن ھەركۈنى ئۆزۈمگە قويىدىغان سۇئال

Rank: 3Rank: 3

تىللا
229
تۆھپە
53
UID
9605
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 22:47:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا    بۇ   ھىكايىنى    ئوقۇپ     ئوگلۇمدىن  ئەنسىرەپ   قالدىم   .


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1735
تۆھپە
959
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 13:33:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز پەرزەنىتلىرىمنىڭ بېشىغا  بۇنداق كىلىشمەسلىك كىلىشتىن خۇدا ىساقلىسۇن


ھايات ـــ مەن ئۈچۈن بىر سىناق.

Rank: 4

تىللا
206
تۆھپە
118
UID
10827
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-3 20:31:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-5-31 11:09, Processed in 0.076747 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991