
سەي جېننى
مەن خەنزۇتىلىدىن دەرس بېرىۋاتقان سىنىپتا 12-13 ياشلارغا كىرىپ قالغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىكى ئامېرىكىلىق بالىلار ئوقۇيتتى. دەرىسلىك ماتېرىيالىم جىنەن ئۇنىۋېرستېتى مەخسۇس چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزىگەن بىر يۈرۈش 12 قىسىملىق خەنزۇ تىلى دەرىسلىكى ئىدى. ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى "ئەپەندىمنىڭ قازان ئۆتنە ئېلىشى" دېگەن لەتىپىنى دەرىس قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم.
لەتىپىدە ئەپەندىم پومېشچىك قوشنىسىدىن قازان ئۆتنە ئالىدۇ. قازاننى قايتۇرغاندا يەنە بىر كىچىك قازاننى قوشۇپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ. پومېشچىك ھەيران بولۇپ: "سەن مەندىن بىر قازان ئۆتنە ئېلىۋېدىڭ، ئەمدى ئىككى بولۇپ قاپتۇغۇ"دەپ سورايدۇ. ئەپەندىم قازاننى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قازاننىڭ كۆزى يورۇپ بىر قازان تۇغقانلىقىنى، شۇڭا قازاننىمۇ بىللە ئېلىپ ئەكەلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. پومېشچىك ناھايىتى خوشال بولۇپ بۇنىڭدىن كېيىن قاچان قازان لازىم بولسا سوراشنى تاپىلايدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەپەندىم پومېشچىكنىڭ چوڭ قازىنىنى ئۆتنە ئېلىپ كېتىدۇ. بىراق شۇ ئېلىپ كەتكەنچە قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. پومېشچىك قازاننى ئالغىلى بارسا ئەپەندىم قازان ئۆلۈپ كەتتى، دەيدۇ. پومېشچىك ناھايىتى غەزەپلىنىپ: "قازانمۇ ئۆلەمدۇ؟" دەپ سورايدۇ. "قازان تۇغسا بولىدىكەنۇ، ئۆلسە بولمامدىكەن" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ ئەپەندىم. پومېشچىك بەك غەزەپلەنگەن بولسىمۇ ئىلاجىسىز قالىدۇ.
تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنى تەھلىل قىلدۇق، بالىلارنىڭ بەرگەن جاۋابى ئەپەندىم ھەققىدىكى ئىلگىرىكى تەسىراتلىرىمنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتتى.
مۇئەللىم:بۇ تېكىستكە قارىتا چۈشەنمىگەن يېرىڭلار بارمۇ؟
ئوقۇغۇچى: قازان دېگەن نىمە:
مۇئەللىم: قازان ئائىلىلەردە تاماق ئېتىدىغان سايمان.
ئوقۇغۇچى: قازان ئائىلىدە تاماق ئېتىدىغان شەخسىي مۈلۈك تۇرسا، ئەپەندىم نىمە دەپ باشقىلاردىن قازان ئۆتنە ئالىدۇ؟
مۇئەللىم: ئەپەندىن يوقسۇل بولغاچقا ئۆيىدە ئىشلەتكۈدەك قازىنىمۇ يوق، شۇڭا ئۆتنە ئېلىشقا توغرا كەلگەن.
ئوقۇغۇچى: ئۇنداقتا پومېشچىك دېگەن نىمە:
مۇئەللىم: پومېشچىك دېگىنىمىز يېزىلاردىكى قول ئىلكىدە بار، باشقىلارنى ياللاپ ئىشلىتىدىغان زېمىندارلارنى كۆرسىتىدۇ.
مۇئەللىم:سىلەر بۇ لەتىپىدىن قانداق تەسىرات ئالدىڭلار؟
ئوقۇغۇچى: بۇ لەتىپىنى ھەم ئاۋۇ ئىككى ئادەمنى پەقەتلا ياقتۇرمىدىم. بۇ تېكىست دەرىسلىككە كىرگۈزۈلمىسە بوپتىكەن، بالىلارنى يامان ئۆگىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
مۇئەللىم: نېمىشقا؟
ئوقۇغۇچى: بۇ لەتىپىدىكى ھەر ئىككى ئادەم سەمىمىيەتسىز ئىكەن.
ئوقۇغۇچى: توغرا، ئۇلار ئالدامچى، ئاچكۆز.
ئوقۇغۇچى: قارىماققا ئەپەندىم دېگىنى ئەقىللىقتەك كۆرۈنىدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۆتۈپ كەتكەن دۆت ئادەمكەن. ئۇ خەقنىڭ كونا چوڭ قازىنىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈنلا شۇنچە باش قاتۇرۇپ كىچىك قازاننى بېرىدىغان ھىيلىنى ئويلاپ چىقىپتۇ.
ئوقۇغۇچى: ئەپەندىمنىڭ نامراتلىقنى باھانە قىلىپ قازا سورىشى ئەمەلىيەتتە ھارامتاماقلىق قىلىش ئۈچۈن ھېيلە- نەيرەڭ ئويدۇرۇش. ناۋادا ئۇ باش چۆكۈرۈپ خىزمەت قىلغان بولسا نۇرغۇن قازانغا ئىگە بولاتتى.
ئوقۇغۇچى:شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ كىچىك قازاننى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن پۇلىنى يىغىپ، شۇ پۇل ئارقىلىق ئىشلەپ پۇل تاپقان بولسا گەپ يوق چوڭ قازان سېتىۋالالىغان بولاتتى، باشقىلارنى ئالداپ نىمە قىلىدۇ؟
مۇئەللىم: ھىم، دېگىنىڭلار توغرا، تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆز نېسىۋىسىنى ئۆزى تېپىش ئادەم بولۇشنىڭ يولى.
ئوقۇغۇچى: ئۇ ئەمدى يەنە باشقىلاردىن بىر نەرسە ئۆتنە ئالماقچى بولسا ھېچكىم ئۇنىڭغا ئۆتنە بەرمەيدۇ.
ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئۇ باشقىلاردىن ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىگەنىكەن ئىناۋەتتىن قالدى دېگەن گەپ.
مۇئەللىم: ئېيتقىنىڭلار ناھايىتى ئورۇنلۇق، ئادەم جەزمەن ئىناۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك، بۇ بەك مۇھىم. ۋاقىتلىق، ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئىناۋەتنى قولدىن بېرىپ قويسا بولمايدۇ.
مۇئەللىم: ئەمدى پومېشىچىكقا بولغان كۆز قارىشىڭلار قانداق؟
ئوقۇغۇچى: ئۇ بەك ئاچكۆزكەن، ئەپەندىم قوشۇپ قايتۇرغان قازان ئەسلىي ئۇنىڭ بولمىغاندىكىن ئالماسلىقى كېرەك ئىدى.
ئوقۇغۇچى: ئادىمىيلىك ئۆلچىمىگىمۇ چۈشمەيدىكەن، ئۇنىڭ پۇلى بولغاندىكىن نامراتلار قازان سوراپتۇ، بىراق ئۇ نېمىشقا ئارتۇق ئېلىۋالىدۇ؟
ئوقۇغۇچى: شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ باي بولغاندىن كېيىن نامراتلارغا ياردەم بېرىشى، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىشى كېرەك ئىدى.
مۇئەللىم: توغرا ئېيتتىڭلار، بىز باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئويلىشىمىز، باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئىگىلىۋالماسلىقىمىز لازىم. ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاچكۆزلۈكتىن ئاگاھ بولمىساق بولمايدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ "ئاچكۆزلۈك ئۈلۈمگە ئاپىرار"دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار. نۇرغۇن يامان ئىشلار ئاچكۆزلۈك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
كىچىك چاغلىرىمدا مەن بىلىدىغان نەسىردىن ئەپەندى قالتىس ئەقىللىق، دائىم پومىشىچىكلارنى ئەقىل - پاراسىتى بىلەن مات قىلىدىغان باتۇر ئىجابىي شەخس ئىدى. مانا ئەمدى ئامېرىكا تەربىيىسىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ مەككار، دۆت، ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى.
مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل كۆزەتسەك ئەپەندى لەتىپىلىرىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارقا كۆرۈنۈشى بار. ھېلىقى پومېشىچىكلار ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچى، مالايلارغا شەپقەتسىز مۇئامىلىدە بولىدۇ، نامراتلارنىڭ غەزىپى كەلسىمۇ گەپ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. پەقەت ئەپەندىملا ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇپ ئۇلارنى رەسۋا قىلىش ئارقىلىق نامراتلارنىڭ دەردىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاۋام پۇقرا ئېزىلىشكە، بۇلاڭ - تالاڭغا، خورلۇققا ئۇچرىغاندا ئەپەندىم ئاۋاپ پۇقرادىن ئىبارەت ئاجىزلارنىڭ ۋەقىلى بولۇپ كۈچلۈكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىسيانكاردۇر.
"ئاچكۆز ۋە تاش يۈرەكلىك"، "بايلارنى قەتلى قىلىپ بايلىققا ئېرىشىش" جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يىلتىز تارتىپ كەتكەن ئىش بولسا كېرەك.
ئامېرىكىلىق بالىلار قانۇن - تۈزۈمى مۇكەممەل بولغان جەمئىيەتتە ياشايدۇ. ھەر كىمنىڭ تىرىشىپ ھالال نېسىۋىلىىك بولۇشىنى ھۆرمەت قىلىدۇ. نەيرەڭۋازلىق، ئالدامچىلىق، ئىشەنچتىن مەھرۇم قېلىش بۇ يەردە ئاللىقاچان تۈكۈرۈپ تاشلانغان ئىش. لەتىپىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى بىلەن تەمىن ئېتىلمىسە ئامېرىكىلىق بالىلار ھەقىقەتەن ئەپەندىمنى چۈشىنەلمەيدۇ.
"باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقاتى، كىچىك ئوقۇرمەنلەر"ژورنىلىنىڭ 2011 - يىللىق 9 - سانىدىن ئەسقەر ياسىن تەرجىمىسى مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2012 - يىللىق 2 - سانىدىن ئېلىندى