تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 478|ئىنكاس: 21

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن سۆزلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
16
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشلىتىشى چەكلەنگەن سۆزلەر
1.سېنىڭ ئورنىڭدا مەن بولسام ياشىمىغان بولاتتىم!
2.ھەجەپ دۆت ھاماقەت نىمىكەنسەن!
3.سېنى كۆرسەملا بىزار بولىمەن!
4.ساڭا كىم بەرسە شۇنى نەس باسىدۇ.
5.كاللاڭنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ.ئۆيگە بارغاندا ئاپاڭغا دېگىن سېنى بىر تەكشۈرتۈپ باقسۇن!
6.ھەي،ساڭا پەقەت ئامال يوقكەن.
7.ئولتۇرە قاپاقباش!بىلمىگەن ئادەم نېمىشقا قول كۆتۈرىسەن؟
8.بالىڭىزنى ئوقۇتالمىغىدەكمىز،ئەڭ ياخشىسى ئۆيگە ئەكىتىڭ!
9.يۈزۈڭ ئابدۇخالىقنىڭ چەمى ئىكەنغۇ؟
10.ئاغزىڭنى يۇم گېپىڭنى ئاڭلىغۇم يۇق!
11.ئۆتەپ بارە قېلىنلىقىنى قارا!
12.ئەڭ ناچىرى سەن بولۇپ قالدىڭ جۇمۇ!
13.بۇ كۆزمۇ يا تامنىڭ تۆشۈگىمۇ!
14.كاللاڭنىڭ سۈيى باركەن جۇمۇ!
15.بەك ئاجىزكەنسەن!
16.ئاغزىڭنى يۇم بەك ئاجىزكەنسەن!
17.بىر چەتتە تۇرە!
18.ساڭا ئەمدى ئامال يۇق ئىكەن.
19.ئۆتۈپ كەتكەن ياغاچ قۇلاق ئىكەنسەن.
20سەندە ۋىجدان دېگەن نېمە بارمۇ- يوق؟
21.ھازىرقى بالىلار بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ جۇمۇ.
22.نەچچە قېتىم سۆزلەپ بەرسەم يەنە چۈشەنمىدىڭمۇ؟مەن تامغا سۆزلەپتىمەندە؟
23.سەندەك ئوقۇغۇچىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن!
24.ئەتە داداڭ(ئاپاڭ)ۋەدىنامە يېزىپ كەلسۇن،يەنە چاتاق چىقارساڭ مەكتەپكە كەلگۈچى بولما!
25.ئوقۇتقۇچى دېگەن ئوقۇتقۇچى،ئۇ نىمە دىسە ھەق،ئاڭلىماي ھەددىڭ ئەمەس.ئاڭلىمايمەن دىسەڭ مەكتەپكە ئاياغ باسما!
26.يەنە مۇشۇنداق قىلساڭ ئاتا- ئاناڭنى چاقىرتىمەن.
27.سەندە ئەقىل دىگەن نەرسە بارمۇ؟

28.سەن چىرايلىق گەپ قىلغاننى بىلمەيدىكەنسەن.
29.ھە قاپاقباش،مەكتەپكە بىكار كەپسەن –دە!
30.چىقىپ كەت!كۆزۈمدىن يۇقال!
31.ۋاي ئۆپكىسى يوق ئالدىراڭغۇ!
32.ئورنۇڭدىن قوپە!
33.ھۇ دېتى يۇق!
34.ھەي بۇلۇمسىز!
35.كاللاڭنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ تەكشۈرتۈپ باقە!
36.ھەي،ئىشەكتىن ھورۇن بىرنىمەكەنسەن!
37.ئۇچىغا چىققان نان قېپىكەنسەنغۇ!
38.نېرى كېتە،كاللاڭدىن ئۆتكەندە ئاندىن مېنى ئىزدىگىنە!
39.سىنىپنى تولا مالىماتاڭ قىلماي،نەگە بارساڭ بارغىنە!
40.قايسىڭ ياخشى ئۆگەنمىسەڭ ئاتا –ئاناڭنى چاقىرتىمەن!
مەنبە:قاراماي مائارىپى


Rank: 1

تىللا
32
تۆھپە
16
UID
11835
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىدەك سۆزلەر  يىزىلاردا ھىلىھەم باردەپ ئويلايمەن

Rank: 6Rank: 6

تىللا
665
تۆھپە
332
UID
5044
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹تەكشۈرۈشنامە ياز!››دىگەن سۆزگە ئەجەپ ئۆچ ئىدىم...ھازىرمۇ شۇ..
ئېمتىھاننى ئوڭۇشلۇق بېرىۋەتتۇق...ھاھاھا...گەرچە كۆچۈرگەن بولساممۇ..

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مېھرىم
تىللا
1024
تۆھپە
748
UID
1246

قىزغىن ئەزاتەڭرىتاغ گۈزىلى

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بەك كۆپ مۇشۇنداق چەكلەنگەن سۆزلەرنى  دەپ  ئوسۋاتقان بالىلارنىڭ  روھىنى ،  ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى    خورىتىۋىتىىغان  ناچار ئوقۇتقۇچلار .
يىغلاپ تۇغۇلدۇم كۈلۈپ ياشايمەن .

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
كامال جامال
تىللا
1089
تۆھپە
879
UID
1310

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ سۇزلەرنى ھەممە ئۇقۇتقۇچى ئۆزلىرىنىڭ مەۋقەسى قىلىشى كىرەككەن.............
سەكرا

Rank: 4

تىللا
641
تۆھپە
39
UID
98
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنى بىرقېتىمدىن ئاڭلاپ چىققان سۆزلەركەن،،،،  شۇنداق بولغاچقا ياراتقان ئىگەم ئىستقپالىمنى پارلاق قىپتۇ...

Rank: 6Rank: 6

تىللا
613
تۆھپە
357
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ چوڭ شەھەرلەردە غېمى يوق كۈنىدە نەچچە سائەتلا دەرىس ئۈتۈپ قويوپ جاھان مۇشۇنداق دەيدىغان  راھەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىرمىزغا ،ھىچ بولمىغاندا ئۆزلىرىچە  تۆۋەن دەۋالغان شارائىتى ناچار چەت يېزا قىشلاقلاردا بىر ئون كۈن ئىشلەپ باقسا دەيمەن .................. باللارغا ئۇنداق دىيىش ئەمەس  ئۇلاردىن تاياق يىمىگىنىڭىزدىن رازى بولسىڭىز بولىدۇ............
مۇنۇ سۆزلەرنىمۇ ئۇنۇتۇپ قالماڭ!!!!!! شۇنداق ئاتا- ئانىلار باركىن :
1.نىمە قىلىدىكەن پىتى ئەپەندەڭ مېنى مەكتەپكە چاقىرتىپ ..........
2. ھەي سېنىلا ئېلىپ قالامدا مەكتەپتە ؟؟؟  نىمىشقا كەچ كىلىسەن ؟؟
3. ئەپەندەڭ شۇنداق دەمدا تېخى ! ئۇ ئەۋلىيا ئوخشىمامدۇ ؟ يەر دىگەنىنى بىر يوغان كالا كۆتىرۋالغان ، شۇڭا يەر تەۋرەيدۇ. پوق يەپتۇ ئۇ ئەپەندەڭ ! ئىمانسىز !!!
3. نىمە قىلىسەن يا ساڭا ئەسقاتمىسا بۇ دەپتەر قەلەم ، ماڭە يۈگۈر قوي-كالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئال
4. نىمىدىگەن كىلىشكەن ھە  ئەپەندەڭ - ئاپاڭنى ئالغۇچە شۇ مايماقنى ئېلىپ قويغان بولساممۇ ..... ھەي
شۇنداق ئوقۇغۇچىمۇ باركىن :
1. ئاتام ئەبەرتىمىسە ..... ئەمدى كېلىمەن شۇ
2. ئىشلىمەيمەنغۇ ، قانداق قىلالايتىڭ ؟ ئەرز قىلىمەن ، ئاكامنى ئەپكىلىمەن
3. مەكتەپ قەلەم ئېلىپ بەرمىسە، يازمايمەن شۇ
4. خەپ كوچىغا بىر چىقىپ باقە قانجۇق! ...........
5. كىيىۋالغان كىيمىڭگە قارا ...... پاھىشە !.............
6. ئىشىڭنى قىلە ،ماڭا تەربىيە قىلىمەن دىمەي، مايماق ! بالاڭنى باشقۇر
دەيدىغان بولسام .......................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دۆت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 19:25  

Rank: 1

ئىسىمى
مۇھەممەت ئەلې باتور
تىللا
17
تۆھپە
9
UID
12616
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلۇقسىز دا ئۇقىۋاتقان ۋاقىتلىرىم .خەنزۇتىلى دەرىس بىر دىغان بىر ئۇقۇتقۇچۇم بۇلدىغان ...دەرىس ئارلىقىدىكى 10..مىنۇتلۇق ئارامدا ،ئۇ ئۇقۇتقۇچۇم ۋاقىت ساقلىغاچ بىر تال تاماكا چىكەتتى ..ئۇ شۇنداق لەززەتلىك شۇرايدىكى ،قانداق  شىرىن -تاتلىق نەرسىنى ئىچىگە تاتېۋاتكاندۇ ھە ..!..  ئۇ قانچە لەززەتلىنىپ كىتىۋاتقاندۇ -ھە ..!..مەن قاچانمو چوڭ بۇلۇپ ،ئاشۇنداق شۇراش پۇرسىتىگە ئىرشەمەن ..دىگەندەك شىرىن خىياللارغا غەرىق بۇلۇپ كىتەتتىم ..ئۇقۇتقۇچۇمغا ھەۋەسلىنەتتىم ..ئۇنىڭ ئاغزى ،بۇرنىدىن چىققان ئىسنىڭ ئۈلۈك ھىىدلىرى بۇر نۇمغا شۇنداق مەز لىك پۇراپ ،مىنى تېخىمۇ مەس قىلۋىتەتتى ...مانا بۈگۈنچۇ ..مەن ھەقىقى  بەڭگى مەن گە ئايلىنىپ ،سەبى باللىرىمنىڭ ،ۋە باشقا سەبى بالىلارنىڭ ئالدىدا تاما كا چەكمەسلىك چەكلىمىسىدە ،يۇشۇرۇن چىكىۋاتقان بولساممۇ ..مەن يەنىلا  بەڭگىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدىم .....                                                      

Rank: 6Rank: 6

تىللا
681
تۆھپە
425
UID
4983
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹تۇلپار›بىلەن‹ئىشەك› نىڭ پەرقى:
‹تۇلپار›نى ئىگىسى كەلگۈسىدە ياراملىق بەيگە ئېتى ياكى ئوغلاق ئېتى قىلىمەن دەپ قاتتىق تەلەپ قويۇپ چېنىقتۇرىدۇ ،لېكىن ئۇرمايدۇ ياكى تىللىمايدۇ . ئانچە مۇنچە شوخلۇق قىلىپ قويسىمۇ ئېغىر ئېلىپ كەتمەي دۈمبىسىنى، يايلىنى سىلايدۇ ، ئەركىلىتىدۇ .كوچىغا چىقسا باشقىلار ھەۋەسلىنىپ قارايدۇ .
‹ئىشەك›نى ھاڭىرىسا تىللايمىز ، تېزەكلىسە تىللايمىز ، ئەركىلىتىشتىنغۇ ئەسەر يوق ، ماڭمايدىغان يولغا خاتا مېڭىپ قالسا ئۆلگۈدەك يەيدۇ . شۇڭا ئېشەكنى ئۇرمىسا ماڭمايدۇ .
نېمىشقا ‹ئىشەك›نىڭ ئىشەك دەپ ، ‹بەيگە ئېتىنىڭ›نىڭ تولپار دەپ ئاتالغىنى چۈشىنىشلىك .

        چوڭ گەپ ئەمەس ، كەلگۈسى مېنىڭ بالامغا دېگەن ئۇنداق گەپتىن بىرنى ئاڭلاپ قالسام ، شۇئوقۇتقۇچى بىلەن قان بولۇشۇپ ، ئۆيۈمنى سېتىپ بولسىمۇ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بالىنى ئۆيدە ئوقۇتىمەن .

<شەخسى قارىشىم> ، ئىنكاس يېزىپ ئاۋارە بولماڭلار !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ★Jackie★  تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-13 21:02  

Rank: 6Rank: 6

ئىسىمى
زەمزەم
تىللا
565
تۆھپە
520
UID
2990
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى ئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى بولۇڭ، شۇ نەرسە ئېسىمىزدە بولسۇنكى،  بالا تۇغۇلۇشتىلا ئەقىللىق ياكى دۆت دەپ پەرقلىق بولمايدۇ. ئۇ گويا ئاپپاق قەغەز، گەپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا نىمىلەرنى يېزىشىمىزدا.
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىتۆھپەيىغىشسەۋەبى
بانۇ + 5赞一个!

ھەممە باھا نومۇرى : تۆھپە + 5  باھا خاتىرىسى

ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 02:26, Processed in 0.074502 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991