پۇل
مەخمۇت ئاۋۇت
(مۇزاتى)
بۇ دۇنيادا ھەمراھدۇر ، دوستىمىز شۇ پۇل،
سودا-سېتىق، ئېلىمدىكى ۋاستىمىز شۇ پۇل؛
ئېرىشمەككە تىرىشار، غايىمىز شۇ پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
مېھرى ئاتەش-ئوت بولۇپ كۆيدۈرگەنمۇ پۇل،
بەزىلەرنى ساقتا دىلدا سۆيدۇرگەنمۇ پۇل؛
ئاجىزلارنى سەكرىتىپ، مۆڭدۈرگەنمۇ پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
ئەركەكلەرنى مۈشكۈلات تارتقۇزغانمۇ پۇل،
قىز-جۇۋانغا نومۇسىنى ساتقۇزغانمۇ پۇل؛
جۈپ بېلەككە كۈچ-مادار قاتقۇزغانمۇ پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
دوست-يارەننى خوش قىلىپ ئويناتقانمۇ پۇل،
مىشچانلارغا پىشاڭ سېپ ئويغاتقانمۇ پۇل؛
ناداننلارنى ئالقىنىدا ئويناتقانمۇ پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
بەزىلەرنى پەلەكتە ئۇچقۇزغانمۇ پۇل،
بەزىلەرگە مەنسىپىنى تۇتقۇزغانمۇ پۇل؛
بەزىلەرنى ئازاپتىن قۇتقۇزغانمۇ پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
قىلساڭ ئەجىر كېلىدۇ، بېلەكتىكەن پۇل،
مېھنىتى بار شۇ ئوتلۇق يۈرەكتىكەن پۇل؛
سېخىنغا كېلىپ-كېتىپ يۈرمەكتىكەن پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
بەزىدە دۇرۇس يولدىن ئازدۇرىدۇ پۇل،
ئازغاندا تۇغقاندىن تازدۇرىدۇ پۇل؛
ۋەدە ھەم قەسەملەر يازدۇرىدۇ پۇل،
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
مېھرىدىن ھەركىمدە قوزغىلار ھەۋەس،
ئېرىشكۈسى كېلىدۇ شۇنچىلا پەۋەس؛
لايىقىدا بولسۇن ئۇ، بېرىلمەيلى-بەس
بىزنى سالار ھەر كويغا، سايىمىز شۇ پۇل.
شېئىرىنىڭ ئاپتورى : باي ناھىيىسىدىن : مەخمۇت ئاۋۇت(مۇزاتى)