مەن ئەزەلدىن ھىندىستان فىلىملىرىنى بەك كۆرۈپ كەتمەيتتىم لېكىن بۇ فىلىم ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ فىلىمنىڭ ناخشىلىرىمۇ بۇ فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى يورۇتۇپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ ئۆلۈۋالغان يىگىتنىڭ گىتتار بىلەن ئېيتقان ناخشىسى بىلەن باش قەھرىماننىڭ دوستى سەكرىۋالغاندىن كېيىنكى ناخشا ماڭا بەكلا يارايدۇ. فىلىمنىڭ بېشىدىكى ناخشىمۇ ياخشى، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى باش قەھرىماننىڭ خارەكتېرى ئېچىپ بېرىلگەن. تەرجىمە قىلغان قېرىندىشىم ھەقىقەتەن جاپا چېكىپتۇ. لېكىن نەتىجىسىمۇ ئەجرىگە لايىق ياخشى چىقىپتۇ.


