تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 191|ئىنكاس: 13

پەرزەنتىڭىزنىڭ ھەرخىل پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىپ باقتىڭىزمۇ؟[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
93
تۆھپە
42
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئوغلۇم ئاللا نىڭ ھىممىتىدە 2ياشقا كىرىپ 2ئايلىق ئاشتى . توۋا ھازىرقى بالىلار دا تۇغما ئىقتىدار سەۋەبىدىنمۇ ئىشقىلىپ بەك كۆپ نەرسىلەنى ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگن ئاساستا بىر تەرەپ قىلدىكەن ! مىنىڭ ئوغلۇممۇ كۈندە بىر يىڭى ئىش چىقارمىسىمۇ  2-3كۈندىلا ھەربىر ئىشقا قارىتا  قارشىلىق كۆرسىتىش گۇمپىسىنى يىڭىلاپ تۇردىغان بۇلۇپ قالدى !
1.ئىككى ياشقا كىرمەستە بىرەر نەرسە تالاشسا بېرىشنى توغرا تاپمىساق باشقانەرسەبىلەن گوللاپ بىردەمدىلا ئۇنتۇلدىرۋىتەتتۇق ، ھازىر مۈمكىن ئەمەس ، بىر نەرسىنى كۆرۈپ قىلىپ ئالغىسى كەلدىمۇ بولدى ،دۈم يىتىپ يىغلاش ، ئوڭدىسىغا يىتىپ تىپىرلاش ، ۋارقىراش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسىنى تۆكۈپلا ئالماي قويمايدۇ . ھەي ،،،،قەتتئى بەرمەسلىك دەپ ئويلايمىزيۇ يەنىلا تەسلىم بۇلىمىز سىىزنىڭ بالىڭىزدا بۇئادەت بارمۇ ؟
2.ئۇششاق - چۇششەك بىرنىمىلەرنى ئېغىزى بىسىقماي يەيدىغان بۇلۇپ كىتىدىكەن ، توۋا قانداق سىڭىرەر دەپ بىز غەمدە ، تېخى بىرەر يىمەكلىكنى كۆپرەك سىقىمداپ قىلىپ يېرىمىنى بېرەي دەپ ئالدىغىلى تېخى بۇممىغان ، قولدىكى يەيدىغان نەرسىنىڭ سانىنى رەڭگىنى كارامەت بىلىۋىتىدىغان بۇلۇپ كىتىدىكەن ، ھازىرقى بالىلارنىڭ  بىرەر تال كەمپۈتىنى ھەرگىزمۇ   قارا باستۇرغىلى بولمايدۇ   سىزنىڭ بالىڭىزمۇ شۇنداق چۇقۇم !
3. بالام قورودا باشقا قوشنىلارنىڭ تەڭ دىمەتلىك بالىلىرى بىلەن ئويونچوق ئوينىغاندا ھەممىشە مەن كۆپ ئوينىسام دەيدىغان ئىدىيىسى بەك يامان ، تېخى ھېلقى 扭扭车دىگەن ئۇيۇنچۇقنى باشقىلاربىلەن ئوينىغاندا باشقىلارنى بىر چورگىلىتىپ ئۆزى نەچچە رەت ئويناشلىرىچۇ تېىخى ، ھەدىسىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇۋاق تىلىدا بىرنىمىلەرنى دىيىشىپ گەپلىرىنى ئۇقتۇرشۇپ ئويناپ كىتىدىكەن بۇباللار ،،،،،مەن قاراپ باقسام مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ باشقىلارنى تەشكىللىسەم ،گىپىمنى ئاڭلىغۇزسام دەيدىغان ئىدىيسى بەك كۈچلۈك ئىكەن ، بۇنداق دىسەم <2ياشلىق بالىدىمۇ بۇنداق بۇلامدۇ > دىيىشىڭلار مۈمكىن ،لىكىن ئەمىليەتتىكى بىر قانچە ئىشتىن شۇنداق ئويلاپ قالدىم ..بەزىدە قارىسام ھەرخىىل ھەركەتلار بىلەن ئۆزىنىڭ قىلماقچى بولغىنىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈپ بىللە يىتەكلەپ دىگۈدەك مەشغۇلات قىلىدۇ ، ئاندىن بىر كەمچىلىگىزە ، قارشى تەرەپ گىپىگە كىرمىسە بىر شاپىلاقنى ئايىمايلا سالىدىكەن ، مۇشۇ قىلقى مىنى بەك ئەنسىرتىپ قۇيۋاتىدۇ ، قانداقمۇ قىلارمەن ؟
بەك تاققا - تۇققۇ بىرنىمىلەرنى دەپ كەتتىم ،ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم : قانداق قىساق بالىلىرىمىزنى پىسخىك جەھەتتىن ، ئەقلى ئىقتىدار جەھەتتىن ساغلام قىلىپ تەربىلەپ چىقالايمىز ؟
مىنىڭچە 2-3ياش مەزگىلىدىن باشلاپلا قەتئى نىيەتكە كىلىپ بالىلىرىمىزنىڭ ئوينىشىغاباقماي ئويلىشىغا باقساق ئەڭ توغرا بولغىدەك . يەنە باشقا پىكىردىكىلەر بارمۇ ؟ بىللە پىكىرلەشسەك دىگەن ئۈمىددەمەن !

Rank: 6Rank: 6

تىللا
613
تۆھپە
357
UID
1303

ئاۋانگارت ئەزاجانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە داڭلىق پىسخولوگ زىۋىدە خانىم بىلەن ئېلىپ بىرىلغان پىسخىكا تىمىسىدىكى باللارغا ئائىت قىسمىنى (1.2قىسىم) تۇلۇق كۆرۈپ چىقسىڭىز تۇلۇق جاۋابقا ئىرىشىلەيسىز.
سىز گە ئارتۇق بولسىمۇ تۆۋەندىكى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن مۇنۇ ئىشنى دەپ بىرىشنى توغرا كۆردۈم.
......
يېقىن ئىككى ئاغىنەم ھېيىت پەتىسى قىلىپ بالىرى بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەپتۇ(ئارىسىدىكى بىرسىنىڭئايالى بىز بىلەن بىرگە ئىشلىمەيتى) چىرايلىق مىھمان بولدى ،ئەمما ئە ...... نىڭ ئەتىۋارلىق پوزۇر كىينىگەن ئوغلى ئۆيىمىزنى خۇددى «ھولمىس»تەك ئالا قويماي تىنىتىپ چىقتى، يەيدىغاننى يىدى ، چاچدىغاننى چېچىپ، تۆكىدىغاننى تۆكىپ،قۇسىدىغاننى قۇستى، يەنە ئۇنى ئاز دەپ گېلەمنىڭ ئۈستىگىلا چوڭىنى چىقىرىپ قويدى.... (ئاتا ئانىسىمۇ ئەلبەتتە ھاي دىدى، ئەمما بۇ كەپسىز ھىچ بويسۇنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى) ئىشنىڭ يامىنى تېخى ئالدىڭىزدا ،بىر چاغدا نىمە بولدىكىن تاڭ ئەمدى ئايىقى چىققان ئوغلۇمنى بىر ئىتتىرۋىدى ( بىخەستەلىگىمدىن قارىماي قاپتىمەن) يىقىلىپ شىرەگە يۈزى تىگىپ بىرتال سۈت چىشى چۈشۈپ كەتتى، ھېلىمۇ ياخشى شىرەدىكى چاي بەك قىزىزىق ئەمەسكەن ،ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا ئۇنىڭ يۈزى نىمە بۇلۇپ كىتەركىن تاڭ..............
باشقىلارنىڭ بالىسىنى (ئۇ ھەرقانچە ئەسكى بولسىمۇ) بىراۋ ئەيىبلىسە ھەممە ئادەمنىڭ ئاچچىقى كىلىدۇ. كونىلار ناھايتى توغرا ئېيتقان «بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باقما» دەپ . قارىغاندا بالىڭىز كەپسىز ئوخشايدۇ، بۇ ھەرگىز يامان ئىللەت ئەمەس ، كەپسىز بالىلار ئەقىللىق بولىدۇ ئەمەسمۇ. ئەمما بۇ «كەپسىز» لىكتىن ئۆزىڭىزچە بەك ھۇزۇر ئېلىپ كىتىپ ئۆزمەيلىگە قويۋەتسىڭىز كىيىنچە باشقۇرمىقىڭىز تەسكە چۈشىدۇ، چۈنكى كۆچەت كىچىك چىغىدا ئاسان ئىگىلىدۇ ئەمەسمۇ
ئارتۇق يىرى بولسا ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
146
تۆھپە
61
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئايال  بالىسىنى ئىلىپ بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسنىڭ قىشىغا بىرىپ سوراپتۇ :
-ئەپەندىم بالامنى ھازىردىن باشلاپ تەربىيلىسەم  مۇۋاپىقمۇ؟
-بالىڭىز قانچە ياشقا كىردى؟
-ئۇچ ياشقا.
-ئەپسۇس، سىز ئۇچ يىل كىچىكىپ كەپسىز.


Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1337
تۆھپە
774
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا بالىڭىز چوڭ بولسا ئەمەلدار بولامدۇ نىمە؟


Rank: 3Rank: 3

تىللا
222
تۆھپە
48
UID
404
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىپسىز.


Rank: 2

تىللا
87
تۆھپە
37
UID
3983
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي دۇستۇم ،سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن مىنىڭ بالامنىڭ يىشى ناھايتى تەڭ ئىكەن ،بۇلارنى ئۇقۇغان ۋاقتىمدا ،سىز مىنىڭ بالامنى يىزىپ قۇيغاندەكلا ھىس قىلىپ ،كۈلۈپ كەتتىم .بەلكىم بۇ باسقۇچتىكى پىسىىك ئالاھىدىلىكى بۇلسا كىرەك .چۈنكى بۇ باسقۇچتا بالىلار دا ئۆزىنى مەركەز قىلىش ئىدىيسى كۆچلۈك بۇلىدۇ ،شۇنداقلا بۇ كىچىك دۇختۇرلار يىتىۋىلىپ ،يىغلاش ئارقىلىق بىزنىڭ  تەسلىم بۇلۇش تۇمۇرىمىزنى  بىلىۋالغان .
  مەنغۇ بالامنى ئۆزەم باقمىغاچقا چۇڭلار نىمە دىسە شۇنى قىلىپ بىرىپ ،بالامدا مۇشۇنداق ئادەت شەكىلنىپ قالدى دەپ ،ئۆزەمنىڭ تەربىيەلەپ چىقالمىغانغا ئىچىم ئاچچىق بۇلىدۇ.ھەپتىدە بىر كۆردىغان بۇ بالام بىر ھەپتە پىلانلامدۇ مەن بىلەن ئاتىسىغا كۆرسىتىدىغان نۇمۇرلارنى بىلمىدىم ،قىلمىغىنى قالمايدۇ ،تىخى بىز قايتىپ كەتكەندىن كىيىن بۇلسا ئوف !كەتتىغۇ دەپ ئۆزىنىڭ ئوينىنى ئۇينايدىكەن .
بۇنىڭغا قانداق قىلىمىز ئەمدى ؟


Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
93
تۆھپە
42
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kokatirgol يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 14:03
ھەي دۇستۇم ،سىزنىڭ بالىڭىز بىلەن مىنىڭ بالامنىڭ يىشى ن ...

, مىنىڭ بالامنىمۇ ئاتا-ئانام بىرقوللۇق بىقىۋاتىدۇ ، ئادەتتە بۇكۆرۈپ بايقىغىنىمىز ئازبىر قىسمى بۇلشى كېرەك ، ئاپام دائىم ‹ بۇبالا قىززىق سىلەرنى كۆرسە بىر خىل ، كۆرمىسە بىرخىل دەيدۇ › ....بىراق چوڭلار ھەقىقەتەن  بالىلىرىمىزنى بەك ئەتىۋارلاپ نىمە دىسىە شۇنى قىلىپ بېرىدۇ ، جاپاكەش ئاتا-ئانىمىز بىزنى بىقىپ بالىلىرىمىزنىمۇ بىقىپ   بەك ئىچىم ئاغرىدۇ ئۇلارغا ،،،،،شۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن بالىلىرىمىز ساغلام تېمەن چوڭ بۇلىۋاتىدۇ ! توۋا دەپ قالدىم بالىلارنىڭ مىجەزى بەك ئوخشىشىدىكەن ھە ؟ كىيىن كۆپرەك پىكىرلىشەيلى !


Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
93
تۆھپە
42
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆت يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 11:35
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز تەڭرىتاغ مۇنبىرىدە داڭلىق پىسخولوگ زى ...

بەرگەن پىكىرلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق ! تۇرمۇشتا ھازىر بالىلارنىڭ ئوخشاش تەرەپلىرى ھەقەقەتەن كۆپكەن   ئاپام ئوغلۇمنى تۇققىنىمىزنىڭ  ئۆيىگە ئويناتقىلى ئاپىرىپ  ئوغلۇم شۇيەردە بىر تۈمۈر چىلەككە ئۈسۋالغان بانابىلەن بىر تال سۈت چىشىدىن ئايرىلغان ھې ھې ...  ئۆيدىكىلەر قورقۇپ كىتىپ چوڭ دوختۇرغانلارغىچە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ كەتتى زاددى ،،چىشى قايتا چىقامدۇ دەپ ،،،ئاپام بىرەر ئايغىچە ‹ بىرتال چىش چىقىپتۇ ،،3تال چىش چىقىپتۇ دەپ ساناپ يۈرۈپ ئاران چىققان چىشىنى چۈشۈرتىۋالدۇق ‹ دەپ ئازاپلىنىپ يۈردى ، مەن دىدىم ‹ ئاپا ئەگەر چىلەكنىڭ باشقا نەرسە بۇلۇپ كۆزىگە كىرىپ كەتسە قانداق قىلاتتۇق ، چىش دىگەن يەنە چىقىدۇ ، ئەگەر چىقمىغەن ھالەتتىمۇ راستەكلا چىشلارنى تاپقىلى بۇلىدۇ  › دەپ قەتتئى دىدىم .......سىزمۇ ئەنسىرمەڭ بالىڭىزنىڭ چىشى چۇقۇم   چىش ئالماشقاندا يەنە قايتا چىقىدۇ .
شۇنداق ،بالامنى  كىچىكىدىن باشلاپ  يامان ئادەتلىرىنى ۆزگەرتىشكە كىرىشىمەن !


Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
93
تۆھپە
42
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nargiz يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 13:35
قارىغاندا بالىڭىز چوڭ بولسا ئەمەلدار بولامدۇ نىمە؟{:146: ...

دادام -ئاپامغۇ بىر پاچا كادىر بۇلۇپ ئادەم تەربىلەيدىغان بالام ، چىچەن بالام دەپلا ئەركىلتىدۇ دىسە


Rank: 2

ئىسىمى
زۇلقەر
تىللا
93
تۆھپە
42
UID
6950
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KAPITA يوللىغان ۋاقتى  2012-4-12 13:33
بىر ئايال  بالىسىنى ئىلىپ بىر پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسن ...

بۇنى مەنمۇ بىر چاغلاردا كۆرگن ئىدىم ، لىكىن ئىسىمدىن كۈتىرلىپ كىتىپتىكەن ، ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت !


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 02:10, Processed in 0.077780 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991