تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版
كۆرۈش: 103|ئىنكاس: 6

ئەنئەنىمىز مۇنداق ئىدى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئىسىمى
ئەزمەت
تىللا
75
تۆھپە
31
UID
10822
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەنئەنىسى مەن كۆزەتكەن نۇرغۇن مىللەتلەردە يوق بولغان ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بىر خىل تۇرمۇش مەدەنىيىتىدۇربىزنىڭ بالىلىرىمىز تۇغۇلۇپلا جىسمىغا بۇنداق تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى سىڭدۈرگەن بولىدۇ، ئەمما نۇرغۇن مىللەتلەر بولسا ئۇنى مەكتەبتە ئۆگىنىدۇ-يۇ ئۆزىگە يۇقتۇرالمايدۇ! !
ئىلاۋە :
    ئەچۈ-ئۇغۇشلار(بابايى-ئەجدادلار)نىڭ ئىنسانىي سۈپەتلىرى ئەۋلادلار ئويغار(مەدەنىيەت )ساپاسىنىڭ ئۈلگىسىدۇر. تارىخ مىللىتىمىز ئەقىل-پاراسىتىنىڭ چوغيالىن (ئاجايىپ كاتتا) جەۋھەرلىرىنى ئالپ (بۈيۈك)ئەچۈ-ئۇغۇشلارنىڭ ئۆركى (ئېسىل) سۆزى بولمىش پەندى-نەسىھەتلىرىگە مۇجەسسەملىگەن. ناۋادا بىز ھاياتلىق قەدىمىمىزنى زاماننىڭ رېتىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ ئادىمىيلىك ئۆلچەملىرىگە يېتىش، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ لاياقەتلىك ئەركانلىرىغا ئايلىنىش مۇددىئاسىدا بولساق، شۈبھىسىزكى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھېكمەتكە تويۇنغان سۆزلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مەۋجۇتلۇق مىزانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە موھتاجمىز.
     
ئۆركى ئەخلاق، مۇناسىپ ئەدەپ-قائىدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك زىننىتىدۇر. زامان تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ئىقتىسادىي رىقابەت ئىنسانلار ئىدېئولوگىيىسىدە مەيلى قانداق تەۋرىنىش ، ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلسۇن، زامان مەككارلىرى مەيلى قانداق ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئىنسانىيەتنى ئالدىسۇن ، جەمئىيەت يەنىلا ئۆركى ئەخلاققا موھتاجدۇر !
       دادخاھ

          سالاملىشىش قائىدىسى
تونۇش ياكى ناتونۇش   ئىككى كىشى ئۆزئارا ئۇچرىشىپ قالسا بىر-بىرلىرى بىلەن سالاملاشمىقى ئىنتايىن زۆرۈر. تونۇشلار ئۇچراشقاندا سالاملىشىپلا قالماي يەنە بىر-بىرىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سوراشلىرى لازىم. بىر كىشى ئىككىنچى كىشىگە سالام بەرسە ئىككىنچى كىشى دەرھال ئىلىك ئېلىپ سالامنىڭ جاۋابىنى بەرگەي. سالام بەرگۈچى سالامنى «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» دەپ تولۇق ئېيتقاي، «ئەسسالام ئەلەيكە» دېيىشى دۇرۇست ئەمەس، «سالام ئەلەيكۇم» ياكى «سالام» ۋەياكى «ئەلەيكەس سالام» ۋەھەم «سالام بەردۇق» دېيىشكە زىنھار بولمايدۇ. سالامنىڭ جاۋابى « ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولۇپ، بۇنى «ئەلەيكۇل سالام» ، «ئەلەيكەس سالام» ياكى پەقەت «ئەلەيكۇم» دەپلا قويۇش توغرا ئەمەس. «ئەسسالامۇئەلەيكۇم» ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «سىزگە تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر. «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» بولسا «سىزگە ھەم تىنچ-ئامانلىق بولسۇن» دېمەكتۇر.       سالاملاشقاندا باشنى ئەگمەستىن ئىككى قولنى كۆكرەككە قويۇپ سالام بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچرىشىپ قالغان كىشى ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئايرىم-ئايرىم سالام بېرىپ يۈرمەي ھەممىگە قاراپ بىرلا سالام بەرسە شۇ كۇپايە. ياشتا كىچىك كىشى چوڭ ياشتىكى كىشىگە ، مېڭىپ كېتىۋايتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام بەرمىكى بەرھەقتۇر. كەمسىتىپ ، كۆزگە ئىلمىغاندەك ھىجىيىپ سالام بېرىش ئەدەبسىزلىكتۇر. سالام سەمىمىي بولسۇن. سالام ئالغان كىشى بېشىنى قىمىرلىتىپلا قويماسلىقلىرى لازىم. سالامنىڭ جاۋابىنى ھۆرمەت بىلەن تەلتۆكۈس ئاڭلىتىپ دېيىش كېرەك. ناۋادا بىر كىشى تونۇشىنى يىراقتىن كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىش ئىلاجىنى قىلالمىسا، شۇ جايدا تۇرۇپ ، قولىنى كۆكسىگە قويۇپ سالام ئىشارىسىنى قىلسا بولىدۇ.   قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە، قولنىڭ ئۇچىنىلا بېرىپ كۆرۈشۈش بەكمۇ ئەدەبسىزلىكتۇر. بۇنداق قىلىش سالام بەرگەن كىشىنى كەمسىندۈرگەنلىك ۋە كۆزگە ئىلمىغانلىقتۇر. كۆرۈشمىگىنىگە ئۇزاق بولغان كىشىلەر قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشلىرى لازىم.
كوچا-كويلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋالماق لازىم
   كوچا-كويلاردا ئەدەپ بىلەن يۈرۈش، كىيىملىرىگە مەينەت نەرسىلەرنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلماقلىق بار. ئېغزىنى ئېچىپ، كۆرۈنگەنلا نەرسىگە ھاڭۋېقىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. بازاردا ۋە ئادەملەر كۆپ جايلاردا ئېھتىيات بىلەن يۈرۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بىپەرۋالىق بىلەن چامداپ باشقىلارنىڭ پۇتلىرىنى دەسسىۋېلىش ياكى باشقىلارنى سوقۇۋېتىش، ئىتتىرىۋېتىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نالايىق ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىش ياخشى ئەمەس. مەگەركىم ئىككى ئەر كىشى ياكى ئىككى ئايال كىشى ئۆزئارا سۆزلىشىپ تۇرغان بولسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىش تەربىيىسىزلىكتۇر. ناۋادا يولدا بوۋاي-مومايلار كېتىۋاتقان بولسا ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن مېڭىش، ئالدىراش ئىش بىلەن كېتىۋاتقان بولسا ئۇلاردىن چەتنەپ يانداپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەك. ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغان يولدا سۆزلىشىپ تۇرۇۋېلىپ، ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە دەخلى قىلىش ئوخشاشلا ئەدەبسىزلىكنىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىسىدۇر ، شۇڭا چەترەك جايدا تۇرۇپ سۆزلىشىش لازىم. يولدا پۇتلىشىپ تۇرغان تىكەن، تاش ۋە نىجاسەتكە ئوخشاش نەرسىلەرنى كۆرگەندە بۇ نەرسىلەرنى چەترەك بىرەر جايغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتسە ساۋابلىق ئىش قىلغان بىلەن باراۋەردۇر. كوچا-كويلاردا كېتىۋېتىپ تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، ئەخلەت تاشلاش بەك تەربىيىسىلىكنىڭ ئالامىتى. كوچا-كويلاردا ياشانغانلار، بالىلار ياكى ئاجىزلار ئۇچراپ قالسا ئۇلارغا ياردەملەشمەكلىك كېرەك. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا يۈكلىرى بولسا دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن قولىدىن ئېلىپ ياردەم بەرگەن كىشى ئالىيجانابلىقىنى ھەرىكىتىدە ئىپادە قىلغان بولىدۇ ۋە بۇنىڭ ساۋابىنى كۆرىدۇ. يول ياقىسىدا دەم ئېلىپ ئولتۇرغان كىشى جامائەت ئەخلاقىغا قەتئىي رىئايە قىلمىقى زۆرۈر، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان قىز-چوكانلارغا قاش ئېتىش، سۆز تاشلاش، چېقىلىش ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىش ئەدەپسىزلىك بولۇپلا قالماي يەنە ئەخلاقسىزلىقتۇر. بىرەرسى بىلەن پاراڭلاشقاندا ئىغۋا ، پىتنە-پاسات ، غەيۋەت-شىكايەت، تۆھمەت-بۆھتانلاردىن تىلىنى تارتماقلىق لازىم. بىرەر كىشىنىڭ تېيىلىپ ياكى پۇتلىشىپ كېتىپ يىقىلىپ كەتكىنىنى كۆرسە دەرھال يۆلەپ ياردەم قىلىشمۇ تەربىيە كۆرگەنلىكنىڭ نامايەندىسى.
   ئىجازەت سوراش ئەدەبلىرى
بىراۋنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە بىرەر ئىش توغرىسىدا سۆزلەشمەكچى بولغانلارنىڭ ئىشىكتىن كىرگىچە ئىشىكنى چېكىپ ئۆي ئىگىسىدىن ئىجازەت ئالمىقى لازىمدۇر. ئۈن-تىنسىز ، شەپە چىقارماي ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرىش ئۇچىغا چىققان ئەدەپسىزلىك ۋە تەربىيىسىزلىكتۇر. ئاۋۋال ئىشىك ئاستىراق چېكىلمىكى كېرەك، ئىچكىرىدىن تاۋۇش چىقمىسا بىرئازدىن كېيىن يەنە چېكىڭ، ئەنە شۇنداق ئۈچ قېتىم چېكىلگەندىن كېيىنمۇ ئۆي ئىچىدىن شەپە بولمىسا ئۆيدە ئادەم يوقلۇقى ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ جىددىي ئىش ئۈستىدە ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئۆي ئىگىسىنىڭ مېھمان قوبۇل قىلغۇسى يوقلۇقى مەلۇمدۇر. شۇڭا ئىشىكنى يەنە تاراقلىتىۋەرمەي ئارقىغا يېنىش لازىمدۇر. ئەگەر ئۆي ئىگىسى «سىز كىم ؟» دەپ سورىسا «مەن »دەپلا جاۋاب بەرمەي نامۇ-شەرىپىنى مەلۇم قىلىش لازىمدۇر. ئۆي ئىگىسى ئىشىكنى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يۇقىرىدىكى ئەدەپ-قائىدە بويىچە سالاملىشىپ ، نېمە ئىش توغرىلىق كەلگەنلىكنى ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن دېيىش كېرەك. بۇ چاغدا سۆز مۇلايىم ئېيتىلغان بولسۇن. ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئۆيگە كىرىپ سۆزلىشىشكە تەكلىپ قىلسا رەھمەت ئېيتىپ ماقۇل بولۇش كېرەك، ، ئىش بەك ئالدىراش بولسا ئۆزرە ئېيتىپ تەكلىبىگە رەھمەت بىلدۈرمەك كېرەك، ئۆي ئىگىسى ماقۇل كۆرسە كېلىش مەقسىتى بىلدۈرۈلسە بولىدۇ. كېرەكلىك جاۋابنى ئالغاندىن كېيىن ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىجازىتى بىلەن خوشلىشىش لازىمدۇر.
            مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرى
    ئەگەر ئۆيىڭىزگە بىرەر ئادەمنى تەكلىپ قىلغان بولسىڭىز ياكى چاقىرمىغان بولسىڭىزمۇ كۆڭلى تارتىپ سىز بىلەن بىردەم - يېرىمدەم ھال-مۇڭ قىلىشقىلى ئۆيىڭىزگە كەلگەن بولسا ( كېلىشىدىن خەۋىرىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ ) ، سىز مېھماننى خۇشخۇي ، خۇشپېئىل قارىشى ئېلىپ ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋېلىڭ ، سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ ، يوقلاپ كەلگىنى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ ، ئىچكىرىگە تەكلىپ قىلىپ تۆرگە ئولتۇرغۇزۇڭ . ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن دەرھال دەستۇرخان سېلىپ تائام كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىڭ . ناننى يېتەرلىك قىلىپ ئۇشتۇڭ ، كۆپ ئوشتۇپ قويسىڭىز نان ئىسراپ بولىدۇ ، ئىسراپخورلۇقتىن ساقلىنىڭ . مېھماننى « قېنى ، مەزەلەرگە بېقىڭ » دەپ تەكلىپ قىلىڭ ۋە ئاۋۋال ئۆزىڭىز باشلاپ بېرىڭ. مېھماندىن ئاۋۋال قولىڭىزنى تائامدىن تارتىۋالماڭ ، ئاز - ئازدىن بولسىمۇ بىرلىكتە يېگەچ تۇرۇڭ ، بولمىسا مېھمان خىجىل بولۇپ قېلىپ تائامدىن قولىنى تارتىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ . مېھماننى « قېنى ئېلىڭ ، بېقىڭ » دەپ ھەددىدىن زىيادە قىستاۋەرمەڭ ، ئۈچ قېتىم تەكلىپ قىلىپ قويسىڭىز كۇپايە . دەستۇرخانغا قويۇلغان تائام ئاز بولسا ئۆزىڭىز ئاز - ئاز ئېلىپ كۆپىنى مېھمانغا يېگۈزۈڭ . مېھمان تويۇپ تائامدىن قول تارتقاندىن كېيىن دەرھال قولىغا سۇ قۇيۇپ پاكىز لۈڭگە بېرىڭ . مېھمان بىلەن سىردىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىپ سۆزلەڭ ، ئۇ كۆتۈرەلمىگىدەك سۆزلەر ئېغىزىڭىزدىن چىقىپ كەتمىسۇن، بولمىسا بەزى سۆزلىرىڭىز ئۇنىڭغا تېگىپ كېتىشى مۇمكىن . مېھمان ئالدىدا ئائىلە ئەزالىرىڭىزدىن بىرەرىنى دۈشكەللەپ ياكى ئەيىبلەپ ۋە ياكى قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ سالماڭ ، بۇنداق بولۇپ قالسا مېھماننىڭ كۆڭلىگە تۈرلۈك ئويلار كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . مېھمان كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرسا ئۇنى ئىشىككىچە ئۇزىتىپ چىقىپ ، ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەپ خوشلىشىڭ ۋە يەنە كېلىپ مېھمان بولۇپ تۇرۇشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۆتۈنۈڭ . ناۋادا سىز كۆپ كىشىنى مېھمانغا چاقىرغان ياكى بىرنەچچە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېلىپ قالغان بولسىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرىدىكى مېھماندارچىلىق ئەدەبلىرىگە رىئايە قىلىڭ ، قولىڭىزدىن كېلىشىچە ئۇلارنى خۇش قىلىشقا تىرىشىڭ.
       مېھماننىڭ ئىززىتى
ئەگەر بىراۋلار سىزنى ھۆرمەتلەپ ۋە ئىززەتلەپ توي ، زىياپەت ، مەرىكىلەرگە چاقىرسا چوقۇم بېرىڭ . بىرەر زۆرۈر ئىشقا تۇتۇلۇپ قېلىپ بېرىشقا ئىمكان بولماي قالسا ئۆزرە ئېيتىپ كەچۈرۈم سوراڭ ۋە ئۆزىڭىزگە ئىززەت - ئېكرام كۆرسىتىپ ، ھۆرمەت - ئىززەت قىلىپ چاقىرغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈرىڭىزنى بىلدۈرۈڭ . تەكلىپ قىلىنمىغان بىرەر كىشىنى توي ، زىياپەت ۋە باشقا مەرىكىلەرگە ھەرگىز بىللە ئېلىپ بارماڭ . توي ، زىياپەت ۋە مەرىكىلەرگە بېرىشتىن ئىلگىرى ئاتالار سۆزلىرى بويىچە ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ .ئۇ يەردە ئاچكۆزلۈك قىلىپ تاماقنى ھەدەپ يەۋېرىش ئەيىب سانىلىدۇ. ساھىبخانا دەستۇرخانغا نېمە كەلتۈرسە ئۇنى ئېترازسىز يەڭ . دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن نازۇ - نېئىمەتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ساھىبخانىنىڭ رۇخسىتىسىز ئۆيىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ ، بۇ بەك ئۇيات ئىش . مېھمانلاردىن ئاشقان تائاملارنى تەۋەررۈك ، دەپ زورلاپ بىر - بىرىگە يېگۈزۈش بولمىغۇر قىلىق ، بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلانماق كېرەك. زىياپەت تۈگىگەندىن كېيىن ئەزمىلىك قىلىپ سۆزلىشىپ ئولتۇرۇۋەرمەي ساھىبخانىغا رەھمەت ئېيتىپ قايتىشقا ئىجازەت سوراش كېرەك .
    سۆھبەتلىشىش ئەدەبلىرى
   توي، زىياپەت، مەرىكە قاتارلىق سورۇنلارغا بېرىپ سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغان ئادەملەر قاتارىغا كىرسىڭىز مۇنۇ سۆھبەت ئەدەبلىرىگە رىئايەقىلىڭ :                    
      ئولتۇرغانلارنىڭ نەپرىتىگە، ھېچ بولمىغاندا سالقىن مۇئامىلىسىگە ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئالدى بىلەن تەن ۋە كىيىمىڭىزنى پاكىز-رەتلىك تۇتۇڭ، ئاغزىڭىزدىن سامساق، خامپىياز ۋە ياكى باشقا غەيرىي پۇراق پۇراپ تۇرمىسۇن. سۆھبەتداشلار ئارىسىغا كىرگەندىن كېيىن ئۇلارغا سالام بېرىپ كۆرۈشۈڭ، بىرلا قېتىم بېرىلگەن سالام شۇ جايدىكىلەرگە ئورتاق تەۋە بولىدۇ . ئۆزىڭىزدىن چوڭلارنىڭ يۇقىرىسىغا چىقىپ ئولتۇرماڭ، ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىغا رۇخسەتسىز كىرىپ ئولتۇرۇۋالماڭ، سىزدىن يۇقىرىراق ئولتۇرغان ئادەم سىرتقا چىقماقچى بولۇپ قالسا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يول بېرىڭ، ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قېتىپ ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىڭ، يانپاشلاپ ياكى پۇت-قولنى خاھلىغانچە سوزۇپ ۋە ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇش ئەدەبسىزلىكتۇر. ئولتۇرغانلارنىڭ سۆھبىتىگە ئارىلىشىشنى خاھلىسىڭىز ئەپلەشمەيدىغان قىلىقلاردىن ساقلىنىڭ. چوڭلارغا ھۆرمەت ۋە كىچىكلەرگە ئىززەت بىلدۈرۈڭ، ئۇلارنىڭ ياش ۋە دەرىجىسىگە قاراپ ئىللىق ۋە ھغرمەت تۇيغۇسى ئىپادە قىلىنغان چىرايىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ خىڭىلداپ سۆزلىمەڭ. مۇئامىلىڭىز خۇشخۇي، چىرايىڭىز ئىللىق، سۆزىڭىز شېرىن ۋە مۇلايىم بولسۇن. مۇبادا چۈشكۈرمەكچى ياكى يۆتەلمەكچى ۋە ياكى ئەسنىمەكچى بولۇپ قالغۇدەك بولسىڭىز ئېغىز - بۇرنىڭىزنى قولياغلىق بىلەن، قولياغلىق سالمىغان بولسىڭىز قوش ئالىقىنىڭىز بىلەن تۇتۇپ ئاستىراق چۈشكۈرۈڭ ياكى يۆتىلىڭ ۋە ياكى ئەسنەڭ، سورۇندىكىلەرنى ئىشقا بۇيرۇماڭ. باشقىلاردىن يېشىڭىز كىچىكرەك ئىكەنلىكىڭىزنى بايقىسىڭىز غىزا كەلتۈرۈلگەندە دەرھال ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا تۇتۇنۇڭ، ساھىبخانىغا ياردەملىشىڭ، ئەمما قىلغانلىرىڭىزنى زىنھار مىننەت قىلماڭ. سۆھبەت داۋامىدا مۈگدەپ ئولتۇرۇشقا زادىلا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش بەك قەبىھ ئەدەبسىزلىكتۇر. سۆزگە قوشۇق سېلىش مۆرىتى كەلگەندە گەپنى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىڭ، ھەرگىز باشقىلارغا سۆز بەرمەي ئۆزىڭىزنى بىلەرمەن كۆرسىتىپ ھەدەپ سۆزلەۋەرمەڭ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە سۆزلەش پۇرسىتى كەلمىسە پۈتكۈل سۆھبەت داۋامىدا قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇرۇڭ، بۇ سىزگە پايدىلىقكى قىلچە زىيىنى يوق. بىرەيلەن سۆزلەۋاتقاندا ئۇنىڭ سۆزلىرىنى بۆلۈپ گەپكە قوشۇق سالماڭ ( ئارىسىغا سۆز قىستۇرماڭ). ئۇ كىشى سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن سۆزلەيدىغانلىرىڭىز ياكى قىستۇرىدىغان سۆزىڭىز ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا سۆھبەتداشلارنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىپ ئىخچام ، مۇلايىم قىلىپ سۆزلەڭ. زىيادە كۆپ سۆزلەپ ئەزمىلىك قىلىپ تۇرماڭ، سۆزىڭىز مەنالىق بولسۇن ، بولمىسا مېھمانلار زېرىكىپ قالىدۇ. ھەرقانداق كىشىنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، غەيۋەت سۆزلەر چىقىپ قالغۇدەك بولسا قۇلاق سالماڭ ھەم چاندۇرماي شۇ تېمىدىكى سۆزلەرنىڭ غەيۋەتلىكىنى كۆپچىلىككە ئەپچىل ئۇسۇلدا بىلىندۈرۈپ قويۇشقا تىرىشىڭ، پەقەت بولمىغاندا سورۇندا ۋاقىتلىق ئايرىلىشقا ھەرىكەت قىلىڭ. سۆزلەۋاتقان چېغىڭىزدا باشقىلارنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك قىلىقلارنى قىلىپ سالماڭ يەنە ھەم سۆزلەۋاتقىنىڭىزدا بىگىز بارمىقىڭىز(كۆرسەتكۈچ بارماق) بىلەن شىلتىپ تۇرۇپ سۆزلىمەڭ. سۆھبەتداشلارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە تەگمەڭ، ئۇلارنىڭ دىلىنى ئاغرىتماڭ، بىرەرسىنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكچى ياكى ئۇنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلماقچى بولسىڭىز ھەرگىز ئەدەپ - ئەخلاق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەڭ. ھەممىلا سۆزگە قاقاقلاپ كۈلۈۋەرمەڭ. سۆھبەتداشلارنى زاڭلىق قىلماڭ. ئۇلارنى لەقەملىرى بىلەن چاقىرماڭ، بولمىسا بەزى تېرىككەكرەكلىرى بولسا كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن. سۆھبەت سورۇنىدا ئورتاق پاراڭ بولۇۋاتقاندىكىن يېنىڭىزدىكىلەر بىلەن پىچىرلىشىپ ياكى گۇدۇڭلىشىپ خۇسۇسىي پاراڭ سالماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بەزىلەردە گۇمان تۇغدۇرۇپ قويىسىز. شۇنداق بىر نەرسە باشتىن ئاخىر ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆھبەت سورۇنىدا بىراۋلار سۆزلەۋاتقان بولسا ئۇياققا - بۇياققا قاراپ پەرۋاسىز ئولتۇرماڭ، سىزگە ياقمايدىغان سۆز بولغان تەقدىردىمۇ سورۇندىكىلەر ياقتۇرۇشىمۇمكىن. بىراۋ سۆزلەۋاتقاندا سۆزلەۋاتقان كىشىگەقاراپ ئولتۇرۇڭ.
يېمەك-ئىچمەك ئەدەبلىرى
تاماقنى ۋاقتى-ۋاقتىدا، ئۆلچەملىك يەڭ، بەك تويۇپ يېمەڭ، قارنىڭىز %70 تويسا بەك مۇۋاپىق. زورلاپ بەك كۆپ يەۋالسىڭىز ھەزىم قىلالماي ئاۋارە بولۇپ قالىسىز، ھەتتا ساقسىز بولۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.
كۆپچىلىك بار بىرەر سورۇندا ئولتۇرغىنىڭىزدا تاماق يېيىشكە توغرا كېلىپ قالسا پېشقەدەم كىشىلەر تاماققا قول ئۇزاتمىغىچە سىز ھەرگىز قول ئۇزاتماڭ. ئورتاق تەخسىدىكى تاماقنى ئۆز ئالدىڭىزدىن ئېلىپ يەڭ. ناننى ئىككى قولىڭىز بىلەن سۇندۇرۇڭ. قولىڭىزغا تاماقتىن يۇققان ماينى ھەرگىز نانغا سۈركىمەڭ. تاماقنى ئالدىراپ-سالدىراپ يېمەي ئوبدان چايناپ ئاستا يۇتۇڭ. ئاغزىڭىزنى بەك يوغان ئېچىپ يېمەڭ. چاي ئوتلىغاندا ياكى سۇيۇق-سەلەڭ غىزا يېگەندە ئاۋاز چىقارماڭ. ئاغزىڭىزدا چايناۋاتقان تاماقنى يۇتۇپ بولماي تۇرۇپ تاماققا قول ئۇزاتماڭ. قولىڭىزنى تاۋاق ياكى چىنىگە سىلكىمەڭ. دەستۇرخاندا تۇز، ئاچچىقسۇ دېگەندەك نەرسىلەر بولسا قولىڭىزدىكى يەۋاتقان تاماقنى ئۇلارغا چىلاپ ياكى تەگكۈزۈپ يېمەستىن قوشۇق بىلەن ئۇلاردىن ئېلىپ تامىقىڭىزغا قوشۇپ يەڭ. قوشۇق بىلەن تاماق يېگەندە قوشۇققا تاماقنى بەكمۇ تولدۇرۇپ ئېلىۋەتمەي يېرىمراق ئېلىڭ. ئېلىۋاتقان قويۇق ياكى سۇيۇق تاماقنىڭ دەستۇرخانغا تېمىپ ياكى چېچىلىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئېھتيات قىلىڭ. قوشۇقتىكى تاماقنىڭ يېرىمىنى يەپ يېرىمىنى تاۋاققا قايتۇرۇپ تۆكمەڭ. ئاغزىڭىزغا سىغقىدەك ئېلىڭ. ئاغزىڭىزنى تاماق بار قاچىغا ( ئورتاق لىگەن - تاۋاق ) زادى يېقىن ئەكلەلمەڭ. قوشۇقنى تاماق بىلەن قوشۇپ ئاغزىڭىزنىڭ ئىچىگە تىقماڭ. دەستۇرخانغا كەلتۈرۈلگەن مېۋىلەرنى يېمەكچى بولسىڭىز يېگەن مېۋىلىرىڭىزنىڭ شاكال-ئۈچكە-شۆپەكلىرىنى يېيىلمىگەن مېۋىلەرنىڭ ئۈستىگە تاشلىماي بوش قاچا ئىچىگە تاشلاڭ. شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سۆھبەت ياكى غىزا سورۇنلىرىدا ، قىسقىسى ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەم بار سورۇندا بۇرۇن كوچىلىماڭ. تۈكۈرمەڭ. بۇرۇن تاشلىماڭ ۋە سۈرتمەڭ ھەم تارتماڭ. تىرناق كىرى ئالماڭ ۋە ھەم تىرناقمۇ ئالماڭ.
                   ئەر-خوتۇنلۇق ئەدەبلىرى
ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببەت تېمىپ تۇرغان قىلىقلىرى ۋە ئىناق-ئىجىل ئۆتۈشى ئائىلە ۋە پەرزەنت ئۈچۈن چەكسىز بەخت-سائادەت كەلتۈرۈدۇ. ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن راھەت-پاراغەت ئىشىكىنى ئېچىپ شادلىق تۈگمىنىگە ئۇلۇغ سۇ باشلايدۇ. ناۋادا ئاتا بىلەن ئانا تەرتىپلىك، ئەدەپلىك، بىر-بىرىگە خۇش مۇئامىلىلىك بولسا بالىلارمۇ ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ شۇنداق تەربىيىدە ئۆسىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە تەرتىپسىز، ئۇرۇشقاق ئاتا-ئانىنىڭ بالىلىرى ئۆزلىرىگە ئوخشاش بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئەر-خوتۇن بۇنىڭغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. بەزىدە ئائىلىدە ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈستىدە كېلىشەلمەسلىك بولۇپ قالىدۇ ، بۇنىڭدىن ساقلىنىمەن دەپمۇ ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئەچۈ-ئوغۇشلارىمىز (بابايى-ئەجدادلىرىمىز يەنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ) : « ئۇرۇش- جىدەللىك ئۆيدىن بەرىكەت قاچىدۇ، مۇھەببەتلىك ئۆيگە بەرىكەت ياغىدۇ ، ئەر-خوتۇننىڭ جېدىلى داكا ياغلىق قۇرىغىچىلىك بولسۇن» دېگەن ھېكمىتىنى ناھايىتى دۇرۇست ئېيتقان. «تاما-تاما كۆل؛ بولۇر» ، دېگەندەك ئۇششاق-چۈششەك جېدەللەر بارا-بارا چوڭىيىپ كۆڭۈلسىز ۋەقەلەرگە سەۋەب بولۇسى مۇمكىن. ئىستىقبالىنى ياخشى چۈشىنەلىگەن ئەر-خوتۇن ئەنە شۇنداق كىچىك، ئەرزىمەس، ئەھمىيەتسىز مەسىلىلەر ئۈستىدە چىققان جېدەللەرگە يول قويماسلىقى كېرەك. بولمىسا كونا خامان سورۇلۇپ، ئاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلىنىپ ئائىلىنىڭ ھۇلىغا چاك كېتىدۇ.
ئەر مۇنۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى كېرەك: ئايال ئىززەت ۋە ھۆرمەتكە ئىگە بىر زاتتۇر، ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆرمەسلىك، قەدىرلىمەسلىك ۋە تەقدىرلىمەسلىك ئىنساپ ۋە مۇرۇۋەتتىن كۆز يۇمغانلىقتۇر. ئايالنى تۇغۇتتىكى قىيامەت كۆرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باقايلى: بالىنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىش ئانا ئۈچۈن بىر مەيدان قانلىق ئۇرۇشتىن يەنى يا ئۆلۈم يا كۆرۈم ، دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس( يېڭى بىر مىسالنى ئالسام تېخى مۇشۇ يېقىندىلا يۇرتىمىزدىكى ئەڭ كونا ۋە ئەڭ چوڭ بىر گېزىتتە گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەيدىغان بىر بۇرادىرىمنىڭ خوتۇنى ئىككىنچى بالىسىنىڭ تۇغۇتىدا ياپ-ياش ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالدىغۇ ؟ ھاۋاگۈلنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) ، چۈنكى باھادىر ئەر-يىگىتلىرىمىز قان كېچىپ جەڭگە كىرگەنلىرىدە « ئاللاھۇ ئەكبەر، قېرىنداشلار ، يا ئۆلۈم يا كۆرۈم، قېنى ئالغا» دېيىشىپ جەڭگە كىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ دېمەك ئانىنىڭ تۇغۇتى بىر مەيدان ھايات-مامات جېڭىدۇر. ئامان-ئېسەن كۆزى يورۇپ بوۋاقنى قۇچىقىغا ئالغاندىن كېيىن ئۇنى بېقىپ تاكى قاتارغا قوشقۇچە ئايال كىشى ئاز ئازاب چېكەمدۇ ؟ ئەر ھۆرمەتلىك خوتۇنىغا قانچىلىك شەپقەت بەرسە، قانچىلىك سۆيگۈ-مۇھەببەت بەرسە، قانچىلىك ھۈرمەت-ئىززەت بەرسە ئازلىق قىلىدۇ.
تەربىيە كۆرگەن، ئەدەپلىك،ئەخلاقلىق ئەركەك ئۆز خوتۇنىنى بىر ئۆمۈر ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەيدۇ، خوتۇنى بىلەن با مەسلىھەت ئىش قىلىدۇ. خوتۇنى ۋە بالىلىرىغا ئىللىق چىراي ۋە شېرىن سۆزلىرى ئارقىلىق مېھر يەتكۈزۈدۇ، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكتە قولىدىن كېلىشىچە تەڭلىكتە قالدۇرمايدۇ، ھالال مېھنەتلىرى ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش يولىدا قان-تەر تۆكۈدۇ. تاپقان-تەرگىنىنى بىھۇدە ئىشلارغا بۇزۇپ-چاچماي پەقەت ئائىلىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. يەنە شۇ تەربىيە كۆرگەن، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق ئەر كەچقۇرۇن ئىشتىن قايتقاندا سىرتلاردا لاغايلاپ يۈرمەستىن ئۇدۇل ئۆيىگە قايتىدۇ. خوتۇنىنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ھۆرمەتلەپ، ئۇلار بىلەن يېقىن باردى-كەلدى مۇناسىۋىتى قىلىپ تۇرىدۇ. خوتۇنىنىڭ بىرەر ئىشىدىن نارازى بولسا نارازىلىقىنى مۇلايىملىق بىلەن بىلدۈرۈپ نەسىھەت قىلىدۇ.
ئەمدى ئائىلىدە خوتۇننىڭ ۋەزىپە-ئەدەبلىرىگە كەلسەك، ئەقىللىق، تەدبىرلىك خوتۇن ئائىلىدە مۇنۇ ئىشلارغا رىئايە قىلسا ئۆزى، پەرزەنتلىرى ۋە ئېرىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ئۆتۈشۈگە ئىمكانىيەت تۇغۇلىدۇ:
ئەر دائىم خوتۇنى، پەرزەنتلىرى ۋە ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغەتتە ياشاش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، ئائىلىسىنىڭ مەئىشەت جەھەتتە قىسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي ئالدىراش ئىشلەيدۇ، بۇ يولدا تۈرلۈك مۇشەققەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي كۆرۈپ ھۆرمىتىنى قىلغان خوتۇن ئېرىنىڭ ھۆرمىتىگە، پەرزەنتلىرىنىڭ چوقۇنۇشىغا ۋە يۇرت-جامائەتنىڭ ياخشى باھاسىغا نائىل بولالايدۇ.
ئەقىللىق، نومۇسچان خوتۇن ئېرىنىڭ خۇشلۇقىغىمۇ، قايغۇسىغىمۇ ئورتاق بولىدۇ. ئېرى ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ئۇنى شېرىن-شەكەر سۆزلىرى، خۇش قىلىقلىرى بىلەن ئۇزىتىپ قويىدۇ، ئىشتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇنداق تاتلىق سۆز، خۇش قىلىقلىرى بىلەن قارىشى ئالىدۇ. ئېرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇلۇپ-دەزماللىنىپ پاكىز تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، تاماقنى دەل ۋاقتىدا تەييارلاپ، ئېرى ۋە بالىلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ خۇشال-خۇرام غىزالىنىدۇ.تاماق ۋاقتىدا قاپىقىنى تۈرۈپ، بالىلىرىغا دوق قىلىپ ئېرىنى رەنجىتمەيدۇ.
«ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن، يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن» دېگەندەك، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق خوتۇن تېجەشلىك بولىدۇ، بەدخەجلىك قىلمايدۇ، قانائەتچان كېلىدۇ، ماددىي مەئىشەتكە زىيادە بېرىلمەيدۇ، بالىلىرىنىڭ تەربىيىسىگە كۆپ كۆڭۈل بۆلۈدۇ، ئېرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشماي تۇرۇپ بىرەر ئىشقا تۇتۇش قىلمايدۇ، ئەرزىمەس ئىشلارنى باھانە قىلىپ ھە دېسە ئېرى بىلەن جېدەللەشمەيدۇ، ئېرىدىن بىرەر سەۋەنلىك ئۆتۈلسە مۇلايىملىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئېرىنى شۇ ئىشىدىن ياندۇرىدۇ. ئېرىگە بىر ئۆمۈر مۇھەببەت بېرىدۇ ۋە سادىق بولىدۇ. ئېرىنىڭ ئاتا-ئانا، قېرىنداش ۋە تۇغقانلىرى ياكى دوست=يارانلىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار كەلسە ئوچۇق چىراي قارىشى ئېلىپ ئەڭ ئېسىل نازۇ-نېئىمەتلىرىنى تىزىپ مېھمان قىلىدۇ. مانا شۇنداق پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان ئۆي خوجايىنى ئايال ئېھتىرام ۋە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ.
قېرىلىق سۈپەتلىرى ھەققىدە
ھەي بالام ، قېرىغاندا يىگىتلىكتىكى خۇي - پەيلىڭدىن يانغىن ، قېرىغاندا يىگىتلەرنىڭ قىلىقىنى قىلىش لايىق ئەمەس ، يىگىتلىكتە ھەم قېرىلارنىڭ قىلىقىنى قىلىش ياراشمايدۇ . يىگىتلىكىڭنى غەنىيمەت بىل ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئىش قىلغىنكى ھەرگىز مۇخالىپ ئىش قىلما . قاچانىكى قېرىپ ئاڭلاش ، كۆرۈش ، ئەسلەش ، ھۇزۇرلىنىشقا ئوخشاش لەززەتلەردىن قالساڭ ئۇنداق تۇرمۇشتىن ئۆزۈڭمۇ شادلىنالمايسەن ھەم باشقىلارنىمۇ خۇش قىلالمايسەن

Rank: 8Rank: 8

ئىسىمى
مەلىكە مەتتوختى
تىللا
1337
تۆھپە
774
UID
684

جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن ئەجرىڭىزگە كوپ رەخمەت


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
古丽仙
تىللا
202
تۆھپە
99
UID
7115
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي ئۆرۈپ- ئادىتىمىزنى ئۇنتۇتساق بولمايدۇ ، ياخشى يىزىپسىز  


Rank: 3Rank: 3

ئىسىمى
كاپىتان
تىللا
146
تۆھپە
61
UID
5645
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەپ-ئەخلاق ئىنسان ئۇچۇن زەر توندۇر.
جەمىيەتنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا ئەگىشىپ ئەجدات ئۈگۈتلىرى ۋە ئەنئەنىۋى ئەدەپ- ئەخلاق يۇسۇنلىرى ئۇنتۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ، ھەر بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى يۇقىرىقى يازمىدىكى ئەدەپلەرنى ئۆزىگە  ئۆرنەك قىلىش بىلەن بىرگە  ئوز پەرزەنتلىرىگە ئەنئەنىۋى ئەدەپ- ئەخلاق، يۈرۈش-تۇرۇش، سالاملىشىش قاتارلىق ئەدەپ-قەئىدىلەرنى ئۆگىتىش  تەخىرسىز مەجبۇريەتتۇر.
چۇنكى مەن ھازىرغىچە زامانىۋى ئەدەپ-ئەخلاق قائىدىللىرى دەيدىغان بىرەر ئەقىليە سۈزى ياكى بىرەر كىتاپ ۋە بىرەر قامۇس ئۇچرىتىپ باقمىدىم.
يازمىڭىزغا كوپ رەخمەت!!


Rank: 1

تىللا
8
تۆھپە
5
UID
12910
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
وبدان    تېمىكەن    ھارمىغايسز


Rank: 6Rank: 6

تىللا
707
تۆھپە
449
UID
677

مۇڭلۇق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تەربىيىۋى ئەھمىيتى ياخشى تېمىكەن، مىللىتىمىزنىڭ بۇنداق ئېسىل ئەنئەنىلىرىنى سۆزلەپ تۆگەتكىلى بولمايدۇ، نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەر بىزنىڭ قان جېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن، بۇنى بەزىلەر كونا قالاق قاتمال ئىدىيە دەپ چەتكە قېقىشقا ئورۇنىۋاتىدۇ، شۇنداقلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرسۇن ئىلاھىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشقاي !


Rank: 8Rank: 8

تىللا
1209
تۆھپە
901
UID
3175

ئاۋانگارت ئەزاقىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



Archiver|يانفۇن|中文论坛|تەڭرىتاغ مۇنبىرى( 新ICP备11000096号-2 )  

GMT+8, 2012-4-15 02:13, Processed in 0.086751 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش
نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى
ئىشخانا تېلېفون نومۇرى : 8521981 - 0991