توربەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئوخشىمىغان تور مەدەنىيىتى بارلىققا كەلدى، تور مەدەنىيىتنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ توربەت مەدەنىيىتىدە شۇ رايۇننىڭ يەرلىك مەدەنىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى، توربەتچىلىكنىڭ كىشىلەرگە تېخىمۇ يېقىملىق، تېخىمۇ دوستانە، تېخىمۇ تونۇش كۆرۈنۈشى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ئاتالغۇلار، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن سىن بەلگىلەر، بىرلىككە كەلتۈرۈلگە ناملار توربەتچىلىكتە ئاستا-ئاستا كېڭىيىشكە باشلىدى، بۇ جەھەتتىكى بىرلىككە كېلىش تور بەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلمىدى دىگىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان، ئورتاق ئىشلىتىكە بولىدىغان نەرسىلەر ناھايتتى كۆپ،توربەتچىلىكنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش شۇنداقلا توربەتچىلىكتە يەرلىك ئالاھىدىكلەرنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە تورچىلىقىمىزنى خاسلىققا ئىگە قىلىش ئارزۇ ئارمانلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلىۋاتقان ئىجادىيەت لايىھە گۇرۇپپىسى يېقىندا بىرتۇتاش بولغان باش سۈرەت «يوغان باش» نى ئېلان قىلدى.
تۆۋەندىكىسى «يوغان باش» نىڭ لايىھە شەكلى:

لايىھە بەكمۇ لاياقەتلىك ئەمەس، ئەمما بۇ بىر باشلىنىش خالاس، بىز بىر قىسىم رەسساملارنى ئوبراز لايھىلەشكە تەكلىپ قىلىشىمىز مومكىن!
ئەگەر تورداشلار ئىچىدە ئوبراز لايھىلەشكە ماھىر رەسسام دوسلار بولسا بۇ ئىشقا خالىسانە ھەسسە قوشسا بولىدۇ!
Gavatar نى كۆرۈپ كۆزى پىشىپ كەتكەن دوستلار بۇنى كۆرۈپلا دوراپتۇ دەپ ، بىر تاغار نەسىھەتلەرنى قىلىشى مومكىن، بۇ شۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ ياسالدى، بىراق ئۇنى نۇسخىلاپ ئىشلەتمىدۇق. بىز رەسسام بولمىغانلىقتىن ئۇيغۇر ئوبرازىنى ھەقىقىي ئىپادىلەشتە قىيلىنىپ قالدۇق. ئاللا نىسىپ قىلسا بۇ ئىشنىمۇ پات ئارىدا ھەل قىلىمىز!
ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان دوستلارنىڭ بلوگىمىزغا پىكىر بايان قىلىشىنى سورايمىز! ھەمدە بىزنى كېرەكلىك خام ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەپ تۇرىشىنى سورايمىز!
بىزگە كېرەكلىك بولغان ماتىرىياللارشۇكى: دوپپا، تۇماق، تەلپەك، رومال، كانىۋاي كۆينەك، ئەتلەس قاتارلىقلارنىڭ ئۆلچەملىك سۈرەتلىرى (ھەقىقىي سۈرەتلەر بولسىمۇ بولىدۇ، بىز ئۇنى كارتونلاشتۇرىمىز) ۋە ئۇيغۇركىيىم-كىچەك مەدەنىيتىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بارلىق ماتىرىياللار.
ھازىرچە ئوبرازىمىزنى ئىشلىتىۋاتقان مۇنبەر:
شورۇق مۇنبىرى
داۋاملىق قۇشۇلىدۇ.....
http://www.ijadiyet.cnمەنبە: ئىجادىيەت بلوگى