- تىللا
- 12
- تۆھپە
- 24
- نادىر
- 0
- يازما
- 4
- جۇغلانما
- 64
- ھوقۇقى
- 10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-13
- تىزىملاتقان
- 2012-2-20
- UID
- 6032

- تىللا
- 12
- تۆھپە
- 24
- UID
- 6032
|  مەلۇم بىر كۈنى دۇكانغا بىر خىرىدار كىرىپ كەلدى . دە --مەندىن ؛--ئۇكام ئالتۇننىڭ كىلوسى قانچە پۇل بولىۋاتىدۇ ؟؟؟ دەپ سورىدى . مەن بۇ كىشىنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ ؛--قانداق ؟؟ خام ئالتۇن ئالىدىغان ئالىدىغان ئوخشىمامسىز ؟؟؟ دىسەم ئۇ ھىجىيىپ قويۇپ ؛--ياق ،نەۋرەمگە بىر ھالقا ئالاي دىگەنتىم دىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن كۈلۈپ كىتىپ ؛--ھە مۇنداق دەڭ !! ئۇنداقتا كىلونىڭ گىپىنى قىلماي گىرامى قانچە پۇل ؟ دەپ سورىمامسىز ؟؟ دىسەم ئۇ ؛--چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئۇكا ! بىز چوڭ ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ بالا -ۋاقىسى دەڭا ، ئەينى ۋاقىتتا دادام بىزنىڭ يۇرىتتىكى چوڭ بايلارنىڭ بىرىكەن . شۇڭا مەنمۇ پارچە -پۇرات سودا بىلەن تازا خۇشۇم يوق . شۇڭا ھەرقانداق نەرسە ئالسام كىلوسى توننىسنى سوراپ قۇيىدىغان ئادىتىم بار دەڭە . خاپا بولمىغانسىز ئۇكام دىدى . مەن ؛--ھىچقىسى يوق ئاكا ! قىنى تاللاپ كۆرۈڭ ! سىزگە يارايدىغان زىبۇ-زىننەت بارمىكەن ؟ دىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى ياقتۇرغان ھالقىنى بەكمۇ باھا تالاشمايلا سىتىۋالدى . ئۇ خوشلىشىدىغان چاغدا ؛--ئۇكام ئىككىمىز تونۇشمۇ بوپ قالدۇق . بۇندىن كىيىن ئالتۇن زىبۇ -زىننەت لازىم بولسا چوقۇم مۇشۇ دۇكانغا كىلىمەن . سىزدىن سورايدىغان بىر سۇئالىم بار ئىدى . خاپا بولماي جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز بىر بىلىپ قالغان بولسام دىدى . --ۋاي سوراۋىرىڭ ئاكا ! بىلسەملا ئەلۋەتتە جاۋاپ بىرىمەن دىدىم . ئۇ بىردەم ئىككىلەنگەندەك قىياپەتتە ؛--بىز مۇشۇ ئالتۇننىڭ مىسقىلى ، گىرامىىنڭ باھاسىنىلا بىلىدىكەنمىز . لىكىن ئالتۇننىڭ بىر كىلوسىنىڭ قانچە پۇل بولىدىغانلىقىنى ،بىر دانە قىش شەكلىدىكى ئالتۇننىڭ قانچە كىلوگىرام كىلىدىغانلىقىنى بىر بىلىۋالغان بولسام دىدى . مەن ئۇنىڭ بۇ سۇئالىدىن كۈلۈپ كىتىپ ؛--ئاكا سىزدە ئالتۇن كۆپ ئۇخشىمامدۇ ؟ دەپ چاقچاق قىلدىم . ئۇ ؛--ياقەي ئۇكام . بىزدە ئۇنداق نەرسە نىمە قىلىدۇ ؟؟؟پەقەتلا قىزىقىپ سوراپ باقتىم . سورۇنلاردا ئولتۇرۇپ قالساق باشقىلار مەندىن ئاداش سىنىڭ داداڭ خىلى باي ئۆتكەن ئادەم ئىدى . دەپ خىلمۇ -خىل سۇئاللارنى سوراپ كىتىشىدۇ . شۇڭا سوراپ باققۇم كەلدى دىدى . --ھە مۇنداق دەڭ ! بىر كىلو ئالتۇن يەنى خام ئالتۇن 350000 يۈەنگە يىقىن بولىدۇ . بۇ باھا بىرخىل تۇرمايدۇ . سىز دىگەن پىشقىش شەكلىدىكى ئالتۇن پەرىزىمچە 10 كىلودىن ئىشىپ كىتىدۇ . ئادەتتە قۇيۇلغان خام ئالتۇنلارنىڭ مىقدارى ئوخشىمايدۇ . دەپ ئۇنىڭغا ئۆزەم بىلگەنچە چۈشەندۈرۈپ قويدۇم . ئۇ كۆپ رەخمەتلەرنى ئىيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى . ئادەتتە ئالتۇن قىممەت بويۇم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مىسقال ، گىراملاپ ساتىمىز . ئۇنىڭ كىلوسى قانچە پۇل ؟؟ دەپ سوراپ كىلىدىغانلار ئاساسەن يوق . لىكىن بەزىلەر ئالتۇننىڭ كىلوسى قانچە پۇل بولىدىغاندۇ دەپ ئويلايدۇ لىكىن سوراشنى بىئەپ كۆرىدۇ . بايا چ چ دا بىرسى؛--- ئالتۇننىڭ كىلوسى قانچە پۇل ؟؟؟ بۇنداق سورىسام مىنى ھاكاۋۇر ئىكەن دەپ ئويلاپ قالماڭ !! پەقەت بىلگۈم بار دەپ ئۇچۇر يوللاپتۇ . توغرا ! بۇ ھاكاۋۇرلۇق ئەمەس بەلكى قىزىقىش .
بۇ سۇئالنى مۇنبەردىكى دوسىتلارغا قويسام . چۈنكى مۇنبەردە ئىقتىسادى بىلىمى مول دوسىتلار بەك كۆپ .
ئالتۇننىڭ بىر كىلوسى قانچە پۇل ؟؟؟؟؟؟ جاۋابىنى تاپالمىغان دوسىتلار << بىر مىسقال ئىقتىسات تورى >> غا كىرىپ كۆرىۋىلىڭلار .....
www.1miskal.com
|
|