- 出生县
- 和田市
- 生日
- 1986 يىل 1 ئاي 28 كۈن
- ئىسىمى
- مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
- 职业
- گۈزەل-سەنئەت
- تىللا
- 1036
- تۆھپە
- 649
- نادىر
- 1
- يازما
- 649
- جۇغلانما
- 2988
- ھوقۇقى
- 70
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-4-13
- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- UID
- 519
 
- ئىسىمى
- مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر
- تىللا
- 1036
- تۆھپە
- 649
- UID
- 519
|  |  |  |  | ئەسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىز قېرىنداشلار كەمىنە سەرتۇغ دوستۇڭلاردىن سىلەرگە ئوتۇلۇق سالام يوللايمەن.خوتەن گىلىمىنىڭ دۇنياغا داڭلىق ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز. بىراق قانداق تۇقۇيدىغانلىقنى ۋە توقۇلۇش مەشخۇلات جەريانىنى كۆپىنچە كىشىلەر بىلمەسلىكى ياكى كۆرمىگەن بۇلىشى مۇمىكىن.ھازىر خوتەن گىلىمى بۇلسا يەنى خوتەن ۋىلايتى لوپ ناھىيسنىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ گىلەم تۇقۇش ھۈنىرى» دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارغا كىرگۈزىلدى.يېقىنقى يىللاردا دۆلىتىمىزنىڭ ئارخولوگىيە ئالىملىرى خوتەن ۋىلايتى لوپ ناھىيسىنىڭ دۆلەت دەرجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى « سامپۇل قەدەىمىي شەھرى قەبىرستانلىقى خارابىلىقىدىن مۈكەممەل ساقلانغان گىلەم پارچىلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى شۇنداقلا سۈرەت چۈشۈرۈلگەن رەخت،گىلەم ، بىر قىسىم قەدىمىي جەسەتلەر بايقىلىپ ئالىملارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.شۇنداقلا خوتەن گىلىمنىڭ ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلىقىمىزنىڭ قولدىن نەچچە مىڭ يىلاردىن بۇيان راۋاجلىنىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتىلىدى. خوتەن گىلىمنىڭ توقۇلۇش جەريانى خوتەن ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى
 قىرقىلغان خوتەن قوي يۇڭى
 ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى گىلەم يۇڭ يىپى ئىگىرىش جەريانى.
ئىگىرلىپ بۇلغان قوي يۇڭى
 خوتەن قوي يۇڭىنى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا بۇياش مەشخۇلات جەريانى.
 رەڭ قۇيۇلغان قازانغا يۇڭنى چىلاپ قاينىپ،بۇياش مەشخۇلاتى ئېلىپ بېرىلىدۇ.
 بۇيۇلۇپ بۇلغان يۇڭ قازاندىن زۈزىلىدۇ.
 سۈزىلىپ،بۇيۇلۇپ بۇلغان قوي يۇڭىنى يېيىپ تەكشى قۇرۇتۇلىدۇ.
 ئۆسۈملۈكلەردىن ئايېرېۋېلىنغان يۇڭ بۇياش ئۈچۈن ئشىلىتىدىغان بۇياقلار.
 بۇيلىپ،قۇرۇلۇپ چىققان رەڭلىك يۇڭ يىپ،
 تۇقۇلۇش ئۈچۈن تەييارلانغان رەڭلىك يۇڭ يىپ.
 گىلەم تۇقۇش جازىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخسى.
 گىلەم تۇقىۋاتقان گىلامچى قىزلار (گىلەم تۇقۇش مەشغۇلاتى)
 گىلەم تۇقۇشنى باشلاش.
 بىر قولدا گىلەم تۇقۇش ئۇستۇرسى يەنە بىر قولدا يۇڭ يىپنى ئىلمەك ئارقىلىق گىلەم چۇچىسىغا ئىلىپ تۇقۇلىدۇ.
تۇقۇلۇپ بۇلغان يۇڭ يىپ ئىككى قول ئارقىلىق ئاستا تارتىپ تەشكىلىنىدۇ.
 پەنجىرە ئارقىلىق تەشكى تۇقۇلغان يۇڭ يىپ چىقدىلىنىدۇ.
 قايچا ئارقىلىق توقۇلۇپ، چىڭدالغان يۇڭ يىپ تەكشى قىرقىلىدۇ.
 گىلەم تۇقۇش جەريانىنىڭ ئومۇمى كۆرنىشى.
 خوتەندە تۇقۇلغان « مۇقام» ناملىق تام گىلىمى. ھازىرقى باھاسى. 1 مىلىيۇن 500 مىڭدىن ئاشىتى.
 خوتەندە « كارۋان» ناملىق تام گىلىمى.باھاسى 1 مىليۇن دىن ئاشتى.
 « يۈسۈپ خاسھاجىپ » ناملىق خوتەن تام ئاسما گىلىمى باھاس 1 مىليۇن دىن ئاشىتى.
 گىلەم تۇقۇش خەرتىسى.
  
ئۆيىمىزدىكى گىلەملرىمىز. بەلىكم تەپسىلى بۇلمىغان بۇلىشى مۇمكىن مۇنبەردىكى دوستلارنڭ توغرا چۈشۈنىشى ئۈمۈد قىلىمەن. باشقا تۇرلارغا رۇخسىەتسىز كۆچۈرمەڭ. ئەجرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.
|  |  |  |  |
|
|